بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بەرى سەزگۈر تور بېكەتلەرنى چەكلىگەنلىكى تالاش - تارتىش قوزغىدى

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاز كەم 10 كۈن قالغان بىر مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى سەزگۈر تور بېكەتلىرىنى چەكلىگەنلىكى تالاش - تارتىش قوزغىدى. خەلقئارا مەتبۇئات ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى.

0:00 / 0:00

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چەكلىمىنى ئاقلىماقتا. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بولسا بۇ چەكلىمە تۈپەيلى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاي 2001 ‏ - يىلى ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندە بەرگەن ئەڭ مۇھىم ۋەدىلىرىنىڭ بىرى، ئولىمپىك مەزگىلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىدى. بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 20 مىڭ چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ بېيجىڭغا توپلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي ۋە چەتئەلدىكى خالىغان تور بېكىتىگە توسالغۇسىز كىرىشى كۆزلەنمەكتە ئىدى. لېكىن چارشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى سەزگۈر تور بېكەتلىرىنى يەنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، چەتئەلدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىنى، فالۇنگۇڭ، بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىنى چەكلىگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ب ب س ۋە گېرمانىيە دولقۇنى رادىئوسىنىڭ خىتاي تىلىدىكى تور بېكىتى چەكلەنگەن تور بېكەتلىرىنىڭ قاتارىدا ئىدى. لېكىن ب ب س نىڭ تور بېكىتى پەيشەنبە كۈنى ئېچىۋېتىلگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنكى بىر خەۋىرىدە شۇ كۈنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك ئاخبارات مەركىزىدىكى كومپيۇتېرلار بىلەن يۇقىرىقى تەشكىلات، رادىئو ئىستانسىسى ۋە شەخسلەرنىڭ تو بېكىتىگە كىرەلمىگەنلىكى، بۇ تور بېكەتلەرگە كىرىش يولىنىڭ تاقىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى ئىنتېرنېت تور بېكەتلىرىنى توساش ۋە چەكلىمە قويۇش پىكىرىگە قوشۇلۇش ياكى ئۇنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىر ئەمەلدارى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر كومىتېت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلگىرى بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتى بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ قېتىم مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىدا زور غۇلا - غۇلا قوزغىماقتا. مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تور چەكلىمىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىك ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا " تەشكىلاتىمىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇمانخورلۇقى، يالغانچىلىقى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى سۈكۈت قىلىش يولىنى تۇتۇپ، بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ..." شۇنداقلا " بۇ ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپاسىزلىقنىڭ يەنە بىر مىسالى " دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركلېي مەكتىپىنىڭ ئاخبارات ئىنستىتۇتىدىكى جۇڭگو ئىنتېرنېت پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى شاۋ چىياڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى تور بېكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز چەكلىگەنلىكىنى پەرەزدىكى ئىشلار، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دەيدۇ": ئەمىلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي پەرەز ئىچىدىكى ئىشلار. بېيجىڭنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە ساياھەتچىلەرگە ئىنتېرنېتنى ئەركىن قويۇۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار بۇنى ئولىمپىك كەنتىدىكى مۇخبىرلارغا ئېچىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئەمەلىيەتكە سىغمايدۇ. ئەگەر ھەر قانداق بىر مۇخبىر ياكى تور قوللانغۇچى بېيجىڭدىكى ھەر قانداق بىر تورخانىغا كىرسە، نۇرغۇن تور بېكەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقايدۇ...ئۇلار بۇرۇن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا كاپالەت بەرگەن. كىشىلىك ھوقۇق، سۆز ئەركىنلىكى، زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى قاتارلىقلاردا كونكرېت ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى. لېكىن ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت".

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات مەسئۇلى كەۋېن گوسپېر پەيشەنبە كۈنى ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىلگىرى بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتى بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرىقى تور بېكەتلەرگە چەكلىمە قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇش تەلىپى ئۈستىدە كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى، لېكىن بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئۆزىگە مەلۇم قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئالدىنقى كۈنى " خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن ئولىمپىككە مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارالغان بەزى سەزگۈر تور بېكەتلىرىنى توساش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى چۈشىنىمەن " دېگەن ئىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنكى باياناتىدا كەۋىن گوسپېرنىڭ بۇ سۆزىنى مىسالغا ئېلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ چەكلىمىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

گوسپېر يېقىنقى بىر باياناتىدا، "خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ مۇھىم ۋەزىپەم مەتبۇئاتلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بۇرۇنقى ئولىمپىك يىغىنلىرىنى خەۋەر قىلغانغا ئوخشاش خەۋەر قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. لېكىن ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەزى سەزگۈر تور بېكەتلىرىنىڭ ئېچىۋېتىلمەيدىغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى، دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا بولسا خىتايغا تور بېكەتلىرىگە قاراتقان چەكلىمىنى بىكار قىلىش، توردا خىتاي قورقۇدىغان بىر نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چارشەنبە كۈنى ماقۇللىغان خىتايغا دائىر قارار لايىھىسىدە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو بولسا پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى "قورقۇدىغان نەرسە ئەمەس" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دانا پەرىنو ئاقساراينىڭ كۈندىلىك ئاخبارات يىغىنىدا "پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۇزۇندىن بېرى، خىتاي ئىنتېرنېت ياكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كېڭەيتىشتىن قورقماسلىقى كېرەك" دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دانا پەرىنو خىتاينىڭ بەزى تور بېكەتلىرىنى چەكلىگەنلىك ۋەقەسىگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى، لېكىن " بىز مۇخبىرلارنىڭ تېخىمۇ ئەركىن قويىۋېتىلىشىنى، خىتايدىكى ھەر بىر كىشىگە ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى پەيشەنبە كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغاندا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ "ئولىمپىكنى ئۆتكۈزسە ئاخبارات ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىتنى ياخشىلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكى".... لېكىن ئۇنىڭ "بۇ ۋەدىلەرنى ئۈزلۈكسىز ۋە ئاشكارا ئاياق ئاستى قىلغانلىقى" نى تەكىتلىگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنى ئەڭ شىددەتلىك تەنقىدلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ئاۋستىرالىيە ژورنالىستلار ئىتتىپاقى بولدى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى كرىستوفېر ۋارېن، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى 1936 ‏ - يىلى ناتسېستلار گېرمانىيىسىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېرلىن ئولىمپىك يىغىنىدىن بېرى، ئېغىر چەكلىمە ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك يىغىنى، دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈردىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، چەكلىمە قويۇلغان تور بېكەتلىرىنى خىتاي قانۇنىغا خىلاپ تور بەتلەر، دەپ ئۆزىنى ئاقلىماقتا. بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى سۈن ۋېيدﯤ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا " ئاز ساندىكى بىر قىسىم تور بېكەتلىرى توسۇۋېتىلدى. چۈنكى ئۇلار جۇڭگو قانۇنلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان،" دەپ تەكىتلىگەن.