بۇ جاسۇسلۇق تورى 103 دۆلەتتە 1295 كامپيۇتېردا ئىز قالدۇرغان
ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى 'شەيتان تورىنى ئېنىقلاش' دەپ ئاتىغان بۇ گۇرۇپپىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىنتېرنېتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۇ جاسۇسلۇق تورى 103 دۆلەتتىكى 1295 كامپيۇتېرغا تەسىر كۆرسەتكەن.
بۇنىڭ %30 ئى چەتئەللەرنىڭ مىنىستىر، باش ئەلچىلىرى، ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋە مەشھۇر ئۇچۇر ۋاستىلرىنىڭ كامپيۇتېرلىرى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا دالاي لامانىڭ شەخشىي ئىشخانىسىنىڭ كامپيۇتېرلىرىمۇ بار. بۇ جاسۇسلۇق تورى تەسىر كۆرسەتكەن ياكى بۇلغىغان كامپيۇتېرلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ ئىزىنى قالدۇرماي كېتەلمىگەن. 'شەيتان تورىنى ئېنىقلاش' گۇرۇپپىسى دۇنيادىكى سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىن... شەيتان تورىنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ئۆزىنىڭ دوكلاتىنى، دۇنيادىكى سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان 'كامبېررا ۋاقىت گېزىتى' ، ئاۋسترالىيان گېزىتى' قاتارلىق گېزىتلەر، سابىق ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جوئېل فىتزگىببوننىڭ خىتاينىڭ مەشھۇر باي ۋە چوڭ ساخاۋەتچىسى ليۇ خانىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەكشۈرۈلۈش جەريانىنى ئاشكارىلىدى.
'كامبېررا ۋاقىت گېزىتى' بۈگۈن، تېخىچە ۋەقەنى ئېسىگە ئالالماي تۇرغان سابىق ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جوئېل فىتزگىببون ئەپەندىگە، 2002 - يىلى، ئەينى ۋاقىتتا خوڭكوڭدا 10 مىڭ كىشىلىك ئەزاسى بار بىر چوڭ جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەپ ئاتالغان ليۇ خانىم (چەتئەلچە ئىسمى خېلىن ليۇ) نىڭ، كىرىستىماس بايرىمىنى تەبرىكەلەش نامىدا بەرگەن زىياپىتىدە، خىتاينىڭ 6 نەپەر ئۈچ يۇلتۇزلۇق گېنېرالى، 60 نەپەر تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ 700 نەپەر مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن بىرلىكتە مەلۇم بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا بىللە بولغاندىكى فوتو سۈرىتىنى ئەسلەتتى.
' ئاۋسترالىيان گېزىتى' بولسا، جوئېل فىتزگىببون دەۋرىدە ئاشكارىلىنىپ قالغان ئاۋسترالىيىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن قىسىملىرى ۋە ناتو قىسىملىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ۋە ئەينى ۋاقىتتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى ئۆز مىنىستىرىنىڭ ئۈستىدە مەخپىي رازۋېت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ مەشھۇر باي ۋە ساخاۋەتچى دەپ ئاتالغان ليۇ خانىم بىلەن ئۇچراشقاندا تارتىۋېلىنغان فوتو سۈرەتلەرنى ئاشكارىلىدى.
'بوشۈن تور بېتى' مۇ ئۆزى توپلىيالىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى
خەلقئارادا خىتايچە نەشر قىلىدىغان 'بوشۈن تور بېتى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ بۈگۈن، ئۆزلىرى توپلىيالىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. ئاۋسترالىيە گېزىتلىرىدە مەشھۇر باي ۋە چوڭ ساخاۋەتچى 'ليۇ خانىم' دەپ ئاتىغان كىشىنى، 'بوشۈن تور بېتى' خىتاي ئازادلىق ئارمىيە باش شىتابىنىڭ ئايال جاسۇسى ليۇ خەييەن، دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، جوئېل فىتزگىببون ئەپەندىگە ليۇ خانىمنى 1986 - يىلى چىڭداۋدىكى بىر قاۋاقخانا خوجايىنى تونۇشتۇرۇپ قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن ليۇ خانىم بىردىنلا چوڭ بايغا ئايلىنىپ ئاۋسترالىيىگە كەلگەن.
ليۇ خانىم 89- يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە، خىتايغا قارشى نامايىشلاردا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ئېرى بىرنەچچە يىلدىن كېيىنلا غايىپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بارغانسىرى بېيىپ، ھەتتا سېدنى شەھرىنىڭ دېڭىز بويىدىكى 'دابولبەي' مېھمانخانىسىنىڭ ئىككى قەۋىتىنى سېتىۋېلىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ بۇ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى بىلەن دوست بولۇپ ئۆتكەن. ليۇ خانىمنىڭ ئەمەل-مەنسەپلىرى "خەلقئارا بىليارد شىركىتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتى" دېگەندەك چوڭ شىركەت ياكى تەشكىلاتلارغىچە كېڭەيگەن. ئاۋسترالىيىدىكى ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىگە باشتىن ئاخىر زور مىقداردا پۇل ئىئانە قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئارىسىدىكى ساياھەتلىرى كۆپەيگەن.
بوشۈن تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، مەشھۇر باي ۋە چوڭ ساخاۋەتچى ليۇ خانىم چەتئەللەردە خىتاي مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان ئۈمىد' دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ساخاۋەتچىسى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈشكىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ساخاۋەتچى. ئۇنىڭ خىتايدا يېڭى مەكتەپ، كۈتۈپخانا، تەنتەربىيە سارىيى، دىنى ئىبادەتخانا سالىدىغان ئىشلارغا بەرگەن ئىئانىلىرىنىڭ سانى، ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەت بىلەن كۆرۈشكەندە، توقسۇن ناھىيىسىدە بىر مىللىي مەكتەپ سېلىش ئۈچۈن بەرگەن 1 مىليون 500 مىڭ يۈئەن پۇلىنىڭ سانىمۇ تىزىملىكتە تۇرۇپتۇ.
خىتاينىڭ نيۇيوركتىكى ئەلچىخانىسى بۇ جاسۇسلۇق تورى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، كانادانىڭ كامپيۇتېر تېخنىكىلىرى مۇشۇ 10 ئاي ئىچىدە، بۇ جاسۇسلۇق تورى ئوخشىمىغان 4 مۇلازىمەت ئاپپاراتى (پروكسى) دىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ جاسۇسلۇق تورى نىشانلىغان كىشىلەرنىڭ كامپيۇرتېرلىرى، ھەتتا تۇرالغۇلىرىمۇ ئاللىقاچان نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بايقىغان.
بۇنداق شۇملۇقلار تەسىر كۆرسەتكەن كامپيۇتېرلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەمما خىتاينىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۈگۈن بىر بايان ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ شەيتان تورى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى رەت قىلدى.