مىكائىل پوسنېر: 'خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قامالى مەغلۇپ بولىدۇ'

خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىش ئەركىنلىكى ئۈزلۈكسىز قامال قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى ياردەمچىسى مىكائىل پوسنېر ئەپەندى يەكشەنبە كۈنى بېرىلىدىغان "دۆلەت مۇداپىئەسى" تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قامالىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللاردا پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش ھەم ئەركىن پىكىر قىلىشىغا قارىتا چەكلەش ۋە جازالاش تەدبىرلىرى قوللىنىپ كەلدى. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە پۇقرالار ئاشقان تور بەتلىرىنى تاقاش، تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جازالىغاندىن باشقا، چەتئەل تور بېكەتلىرى ھەم مەتبۇئات خەۋەرلىرىنى خىتاي چېگرىسى ئىچىدە قامال قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.

بولۇپمۇ، بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە پارتلىغان "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان 260 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى تاقاپ، 100 دىن ئارتۇق تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنى ھەم توردا ماقالە ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى دېموكراتىك ئىدىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تور بەتلىرى ھەم چەتئەلدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرى، خەلقئارا ئاگېنتلىقلار ھەم تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنىمۇ قامال قىلغان ئىدى.

گوگۇل تور بېكىتىنىڭ ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە خىتاي قامال قىلغان خەلقئارالىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن گوگۇل، فەيىسبوك، تۋىتتېر، بلوگگېر، يۇتۇب قاتارلىق تور بېكەتلىرى؛ خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدىن ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، مەركىزى ئاگېنتلىق رادىئوسى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاۋازى، فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى، ئۈمىد خەلقئارا رادىئوسى، ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى، ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى، يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسى، خوڭكوڭ مۇستەقىل ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى؛ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تور بېكەتلىرىدىن ب د ت تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قاتارلىق خەلقئارالىق تور بەتلەردىن 61 تور بېتى، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ھەم تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بەتلىرى، خىتاي دېموكراتلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى قاتارلىقلار خىتايدا ئېچىلمايدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى ياردەمچىسى مىكائىل پوسنېر ئەپەندى، يەكشەنبە كۈنى "دۆلەت مۇداپىئەسى" تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىدا، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قامالىنى قاتتىق تەنقىدلەش بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىنتېرنېت تېخنىكىسى ھەم خەلقئارالىق دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋىتى ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت قامالىنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىكائىل پوسنېر سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەپ، "ئامېرىكا ھەر ۋاقىت پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە. ئىنتېرنېت ھەم مەتبۇئات ئەركىنلىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇق. ھالبۇكى خىتاي قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتىدۇ. ھازىر ئۇلار ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە جەڭ ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، ئامېرىكا بۇ مەسىلىگە شۇنداق قارايدۇكى، ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىدۇ،" دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى ياردەمچىسى مىكائىل پوسنېر خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قامالىنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشىدىكى ئامىللارنى مۇنداق ئىزاھلىغان: "خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتى مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىدۇ. چۈنكى ھازىر ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق، ئىنتېرنېتتىكى توسالغۇلارنى بۆسۈش تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە قاراتقان توسالغۇلىرىغا قارىتا، بىر يۈرۈش تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىمۇ ئومۇملاشتۇرماقتا."

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە قاراتقان چەكلىمىسى، ئۈزلۈكسىز ھالدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 10 ئايغا يېقىن مەزگىل ئىچىدە ئىنتېرنېتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەسلىكى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن گوگۇل شىركىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلار، گوگۇل شىركىتىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشى؛ خىتايدىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىپ، تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەم توردا ماقالە ئېلان قىلغانلارنىڭ قولغا ئېلىنىپ جازالىنىشى؛ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ بلوگلىرىنىڭ تاقىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.