خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت جېدىلى مەتبۇئاتلاردا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان شەھۋانىي ۋە چاكىنا مەزمۇندىكى بۇيۇملارغا زەربە بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گوگۇل قاتارلىق دۇنياۋى ئۇچۇر ئىزدەش ماتورلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئۆزلىرى ئۈچۈن نازۇك بولغان چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى تور بەتلىرىنىڭ خىتايدا ئېچىلىشىنى توسۇۋەتتى.

بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قارىتا يولغا قويۇلغان بىرقەدەر كەڭ سىياسەت ئاخىرلاشقان بولدى.

مۇلاھىزىچىلەر بولسا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ پەقەت سىياسىينى چىقىش قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى، 2009 - يىلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن نازۇك بىر يىل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.