غەرب ئىقتىسادشۇناسلىرى: خىتاي ئىقتىسادى كەلگۈسىدە قېيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ

بەزى غەرب ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى كەلگۈسىدە تېخىمۇ قېيىن مەسىلىلەرگە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىكەن. بۇ خىلدىكى قاراشلار يېقىندا نەشر قىلىنغان «خىتاي - كېچىكىپ پارتلايدىغان بومبا» ناملىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

0:00 / 0:00


كىتابتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي يۈكسىلىشى ئېغىر ئېكولوگىيىلىك بەدەللەر ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدىكى مەۋجۇت ئىجتىمائىي ۋە تۈزۈلمە مەسىلىسى خىتاي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

بۈيۈك ئېرا تورىنىڭ 16 - ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناسلاردىن بۇچالت ((Jean - Luc Buchalet بىلەن ساباتېر Pierre Sabatier)) بىرلىشىپ يازغان «خىتاي - كېچىكىپ پارتلايدىغان بومبا» ناملىق كىتاب يېقىندا نەشر قىلىنغان. فرانسىيىلىك ئىككى ئىقتىسادشۇناس ئۆزلىرىنىڭ بۇ كىتابىدا خىتايدىكى نورمال بولمىغان ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ، بۇ خىلدىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرەلمىگەنلىكى كۆرسەتكەن.

ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىساد ھەمدە پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى پىششىق بىلىدىغان فرانسىيىلىك بۇ ئىككى ئىقتىسادشۇناس خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ھالىتىنى كىشىنى قايىل قىلارلىق ھالدا تەھلىل قىلىپ، كۆرۈنۈشتىكى ئىقتىسادى گۈللىنىشنىڭ ئارقىسىدا خىتايدا ھازىر ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى شۇنداقلا ئېكولوگىيىلىك زىددىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى، كەلگۈسىدە بۇ زىددىيەتلەرنىڭ كۈتۈلمىگەن بالايىئاپەت خاراكتېرلىك زور كرىزىسنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار خىتاينىڭ كېيىنكى 30 يىللىق ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىنى بولۇپمۇ 2001 - يىلى خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، مۇنداق ئىككى خىل ئامىلنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرىنچىسى، خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بارلىققا كەلگەن ئىقتىسادى گۈللىنىش باسقۇچىغا ئوخشاش، خىتايدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى. ئىككىنچىسى، چەتئەل مەبلىغىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جەلپ قىلىنىشى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن كېيىن زور تۈركۈمدىكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا زاۋۇت قۇرۇش، تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ دۇنيا سودىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەسلىدىكى 3 - 4%دىن بىراقلا ھازىرقى 11% تىن يۇقىرى ھالەتكە يەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان كۇرسىنىڭ ئۇزۇنغىچە نورمالسىز ھالەتتە تۆۋەن بولۇشى ھەمدە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەرزان بولۇشى شۇنداقلا ئاساسى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ غايەت زور نىسبەتنى ئىگىلىشى نەتىجىسىدە خىتاي دۆلىتى دۇنيانىڭ زاۋۇتىغا ئايلىنىپ قالغان. بىراق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى بۇ خىلدىكى يۇقىرى نىسبەتتە ئۆرلەشتىن چەتتە قالدۇرۇلغان.

فرانسىيىلىك ئىككى ئىقتىسادشۇناس تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتابتا يېزىلىشىچە 2009 - يىلى يۈز بەرگەن پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى سەۋەبىدىن ئىقتىساد يەر شارى خاراكتېرلىك چېكىنىشكە دۇچ كەلگەن. كرىزىس يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىلدە، ياپونىيىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 8%، گېرمانىيىنىڭ بولسا 6% تۆۋەنلەپ كەتكەن.

دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىقتىسادى كرىزىس سەۋەبىدىن زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ھەمدە جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن سىياسىي داۋالغۇشلارغا قارىتا خىتاي ھاكىمىيىتى ئىقتىسادى جەھەتتە سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى قوللانغان ھەمدە خىتاي باكلىرىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن قەرزى پۇل تارقاتقان. 2007 - يىلدىن 2010 - يىلغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدىلا تارقىتىلغان قەرزى پۇل نىسبىتى 70% كۆپىيىپ، 2009 - يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 30%نى ئىگىلىگەن. ئاقىۋەتتە پۇل سىياسىتىنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشى بىلەن خىتاي پۇل پاخاللىقى پەيدا قىلغان ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىزىپ كېتىش خەۋپىگە پېتىپ قالغان. بولۇپمۇ ئۆي - زېمىن سودىسىدا ئىقتىسادنىڭ كۆپۈكلىشىشى 15%تىن ئېشىپ، يېمەك - ئىچمەك ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە بولسا، پۇل پاخاللىقى 40%كە يەتكەن، ئاھالىلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كېيىنكى ئۈچ يىل داۋامىدا خەلقنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى نىسبىتى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

شىمالى ئافرىقىدا باشلانغان ئەرەب باھارىدىن ئېغىر سىياسىي بىسىم ھېس قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتى گەرچە بىر مەزگىل ئاھالىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى كەڭ - كۆلەمدە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىستېمال سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بۇ تەدبىرلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئەسلىدىلا قىيىنچىلىقتىن چىقالمايۋاتقان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاستىلىشىغا سەۋەب بولماقتا.

فرانسىيىلىك بۇ ئىككى ئىقتىسادشۇناس ئۆزلىرىنىڭ «خىتاي - كېچىكىپ پارتلايدىغان بومبا» ناملىق بۇ كىتابىدا خىتاي ئىقتىسادىدىكى ماتېرىيال ۋە ئېنېرگىيە ئىسراپچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: نۆۋەتتە خىتاي دۇنيادىكى ماتېرىيال ھەمدە ئېنېرگىيە ئىسراپچىلىقى ئەڭ ئېغىر دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش قىممەتتىكى بايلىق يارىتىش ئۈچۈن خىتايدا 8 كىلوگرام ماتېرىيال سەرپ قىلىنسا، ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە 3 كىلوگرام، ئامېرىكىدا 0.7 كىلوگرام، فرانسىيىدە 0.3 كىلوگرام ماتېرىيال سەرپ قىلىنىدۇ. ئېنېرگىيە سەرپىياتى جەھەتتە ئوخشاش قىممەتتىكى بايلىق يارىتىش ئۈچۈن خىتاي سەرپ قىلغان ئېنېرگىيە ياۋروپا سەرپ قىلغان ئېنېرگىيىنىڭ 5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي ھاكىمىيىتى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە سۈنئىي ھالدا مال باھاسىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بولسا، خىتايدا يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ئوغۇت سەرپىياتى ھەر گېكتار بويىچە ھېسابلىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 6 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزا ئىگىلىك دورىلىرىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشى نەتىجىسىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى خىتايدىكى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن بارغانسېرى كۆپلىگەن خىتاي ئاھالىسى ئىمپورت قىلىنغان چەتئەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا مايىل بولماقتا.

«خىتاي - كېچىكىپ پارتلايدىغان بومبا» ناملىق بۇ كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: خىتاي ھاكىمىيىتى 12 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش دېگەن شوئارنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىرقى ھەر 1000 ئادەمگە 60 دانە ئاپتوموبىل توغرا كېلىدىغان ھالەتنى ھەر 1000 ئادەمگە 200دانە ئاپتوموبىل توغرا كېلىدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشسا، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ھەسسىلەپ ئېشىپ ئۇزاققا بارمايلا يەر شارىدىكى بارلىق نېفىت زاپىسىنى قۇرۇتۇۋېتىشى مۇمكىن. بۇ مۇقەررەر ھالدا غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان گىئوپولىتىكىلىق مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئىلىپ كېلىدۇ.

كۆپلىگەن ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر يىل بېشىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ھالبۇكى خىتايدىكى دېموكراتىك بولمىغان سىياسىي تۈزۈلمە سەۋەبىدىن بۇ خىل تۆۋەنلەش ھادىسىسى خېلى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن. بىراق شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىكى، خىتايدىن ئىبارەت بۇ بومبىنىڭ پارتلىشىغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى.