بەزى ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ ئىكىسپورت دېۋىگاتىلىنىڭ ئوتى ئۆچتى دەپ قارىماقتا

بۇلتۇر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بىر ئىقتىسادشۇناس، خىتاينىڭ ئىكىسپورت دېۋىگاتىلىنىڭ ئوتى ئۆچۈشكە باشلىدى دەپ ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. يېقىندا خىتايدىكى بىر ئىقتىسادشۇناس، خىتاينىڭ ئىكىسپورت دېۋىگاتىلىنىڭ ئوتى ئۆچتى دەپ ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى ئاساسى نېمە؟

0:00 / 0:00

خىتايغا نەزەر تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى «كۈندۈلۈك ئىقتىسادىي خەۋەرلەر» تور گېزىتىنىڭ تەھرىرى دوكتور يې تەن تۈنۈگۈن، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئىككى چوڭ يىغىندا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەەرققىياتىنىڭ ئىسىقبالى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەسەۋۋۇرىنى تەھلىل قىلىپ بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ ماقالىسىدە، ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچلىرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر ئىقتىساد 7.5% يۇقىرى ئۆرلىيەلىسە، ھەرگىز تۆۋەن بولغان بولمايدۇ، دېيىش ئارقىلىق ئىپادىلىدى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ئىقتىسادشۇناس بۈگۈن يەنە، خىتاينىڭ ئىكىسپورت دېۋىگاتىلىنىڭ ئوتى ئۆچتى دەپ ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ ماقالە ئىنېترنېتتە كەڭ تارقالدى.

ئىقتىسادشۇناس يې تەن خىتاينىڭ ئىكىسپورت دېۋىگاتىلىنىڭ ئوتى ئۆچتى دېگەن ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، خىتاي يىللاردىن بۇيان ئىكىسپورت ئارقىلىق قازىنىۋاتقان پايدىنىڭ ئازلاشقا باشلىغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ تېز بولماقتا. گەرچە خىتاي ھازىر يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي مەسىلىنى ياۋروپا، ئامېرىكىلاردا ئىستىمال سۇس بولغانلىقىغا دۆڭگەپ قويۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللى بېرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان.

ئىقتىسادشۇناس يې تەننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىلقى ئامېرىكا، ياۋروپالارغا قىلغان ئىكىسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپ تۆۋەنلىگەن. بۇ يىل 2 - ئايدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ شىكەر، كۆمۈر، كوكس قاتارلىق خام ئەشيا ئىكىسپورتى 22%، 30%، 65% ئازلىغان. خىتاينىڭ پىشىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان سانائەت بۇيۇملىرىمۇ ئۆتكەن يىل 4 - پەسىلدىكىدىن 8.6% ئازلىغان. گەرچە خىتاينىڭ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، بېرازىلىيىلەرگە قىلىدىغان ئىكىسپورت مىقدارىدا داۋالغۇش چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇمۇ تەدرىجى ھالدا تۆۋەنلىمەكتە. ئاپتورنىڭ قارىشىچە بۇنىڭ نەتىجىسى، مۇشۇ يىل ئىچىدە دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلارغا كېلىدىغان قاقشاتقۇچ زەربە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ ئىكىسپورت مىقدارى بۇنىڭدىن كېيىن قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن ئامېرىكا، ياۋروپالاردا خىتاي ماللىرىغا بولغان ئېھتىياج يوقىرى ئۆرلىشى، ئىستىمالچىلار كۆپىيىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىكىسپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ باھاسىنى بېكىتىش ھوقۇقى خىتاينىڭ ئۆزىدە بولۇشى كېرەك. ئەمما يېقىنقى يىللاردا بۇنداق شەرتلەرنىڭ ھازىرلىنىشىدىن ئۈمىد يوق. بەلكى بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ھازىر خىتاينىڭ ئىكىسپورتىغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىشكە باشلىدى. ياۋروپامۇ ئەگىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 1 - ئايدا دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەرگەندە، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، تىغ ئۇچىنى بىۋاستە خىتايغا قاراتقان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، بازار ئىكىلىكىنى يولغا قويمىغان دۆلەتلەردىن ئاشۇرۇپ باج ئېلىش توغرىسىدا بىر نەچچە خىل قارار ماقۇللىدى.

ئىقتىسادشۇناس يې تەننىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن مال ئىكىسپورت قىلىشتا تېخىمۇ يامان ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىستىمال كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئۆزگە چارە يوق، خىتاي دۇنيا بىلەن سودا قىلسىلا ھامان كۆپ پايدا قازىدىغان، قازانغان پايدىنى ھۆكۈمەت تەقسىملەپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان زامان ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى.

بۇلتۇر 9 - ئايدا، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل ئىقتىسادشۇناس سۇڭ خۇڭبىنمۇ، خىتاينىڭ ئىكىسپورت دېۋىگاتىلىنىڭ ئوتى ئۆچۈشكە باشلىدى دەپ ماقالە يازغان ئىدى. ئۇ، «سۇخۇ» تور گېزىتىدا ئېلان قىلغان شۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشى تامامەن ئىكىسپورتقا باغلىق، ئەمما ھازىر خىتاي ئۈچۈن ئامېرىكا - ياۋروپا بازارلىرى سۈسلىشىپ قالدى. بۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ئۆستۈرىدىغان دېۋىگاتىلىنىڭ ئوتى ئۆچۈشكە باشلىغانلىقى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.