خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىدىكى ئاستىلاش داۋاملىشامدۇ؟

خىتاي كېيىنكى 30 يىلدا تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى زور كۈچلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەمما بۇ يىل خىتاي ئىقتىسادىنىڭ زورىيىش نىسبىتىنىڭ 7. 6 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، كېيىنكى 3 يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئاستىلاش داۋام قىلامدۇ؟ خىتاي ئىقتىسادىي ساھەدە قانداق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك، نېمىشقا خىتاي يېڭىلىق يارىتالمايدۇ؟ تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەرنى دىققىتىڭلارغا سۇنىدۇ.

0:00 / 0:00


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلاپ بارماقتا. ياۋرۇپا بۇ ئىقتىسادىي كىرىزىستىن چىقىش ئۈچۈن خىتايدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقاندا خىتاينىڭمۇ بۇ بىر يىلدا يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىقتىسادشۇناسلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان. خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىكى مۇلاھىزىلەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى زورىيىش قەدىمىنىڭ 7. 6 پىرسەنت تۆۋەنلەپ،، كېيىنكى 3 يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈشى «خىتاي دۇنيا ئىقتىسادىنى قايتا كىرىزىس يۈز بېرىشتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ» دەيدىغان ئۈمىدلەرنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغان.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان « دىپلوماتىيە» ژۇرنىلىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىساد ئانالىزچىلىرىنىڭ كۆپى خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى بۇ ئاستىلاشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئانالىزچىلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چوقۇم تاشقى مەبلەغ ۋە ئېكىسپورتقا تايىنىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىپ، ئىچكى بازار ئىستېمالىغا يۆتكىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىچكى ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىشى خىتاي ئىقتىسادىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى كونترول قىلىۋېلىشى سەۋەب بولۇۋاتقان بولۇپ، «دىپلوماتىيە» ژۇرنىلىدىكى ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئەنگە ئېلىنغان شىركەتلەر خىتاينىڭ تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق پاراۋۇزى ئەمەس. 20 يىلدىن بېرى مەبلەغ سالغۇچىلاردىن كىرگەن سەرمايىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خاتا ئورۇنلارغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار ھەممىسى خىتاينىڭ « يوليورۇققا تايانغان ئىقتىساد» مودېلى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجە ئىكەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي كارخانىلىرى خەلقئارا پاي چېكى بازىرىدا قىممەت تاپالمايدىكەن.

مۇلاھىزىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

« بازارنى ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئالدى بىلەن دۆلەت بۇ بازاردىن چىقىپ كېتىشى كېرەك. خىتاي ئۆز بازىرىنى ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى خۇسۇسىي كارخانىلارغا ئېچىپ بېرىشى ۋە ئاندىن چەتئەللىك شېرىكلەرگە ئېچىلىشى كېرەك. بازارنى كۆپ تەرەپلىمىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى لازىم. بۇ بازار سىغىمچانلىقىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، تەننەرخى بېكىتىلگەن سەرمايە نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۆرلەيدۇ. جۈملىدىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.»

ئۇنداقتا بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ. ئەگەر پايچەك بازىرىنى ئىسلاھ قىلىش خىتاي ئىقتىسادىنى يۇقىرىدا ئېيتقاندەك تەرەققىي قىلدۇرسا، نېمىشقا خىتاي شۇنداق قىلمايدۇ؟ ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئىسلاھ قىلماسلىقىدىكى سەۋەبنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن:

« بۇ يەردىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى بېسىۋالغان 20 - 30 - يىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خىتايدا ھېچقاچان خۇسۇسىي مۈلك دەيدىغان بىر نەرسە بولۇپ باقمىغان. بۈگۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى خۇددى ئىلگىرىكى ئىمپېراتورلارغا ئوخشاشلا ئۆزىنى ھەممە نەرسىنىڭ خوجايىنى دەپ قارايدۇ. پايچەك بازىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش دېگەنلىك، ئۇلار ئۈچۈن خۇددى ھوسۇلنى چەتئەللىكلەرگە بېرىپ قويغاندەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆزىنى سوتسىيالىست دەپ ئاتايدىغان بىر ھاكىمىيەت ئۈچۈن خۇددى ئىچكى جەھەتتىكى كونترولنى يوقىتىپ قويۇش بىلەن تەڭ دېمەكلىكتۇر. كونترول قېلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان بۇ بىر ئوچۇم كىشىلەر بۇ يولدا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازىكى، ھەرگىزمۇ يۇقىرىدىكى ئەھۋالنىڭ سادىر بولۇشىغا يول قويمايدۇ. ئەگەر ئىسلاھ ئېلىپ بېرىپ قالسا، بۇ ئاجايىپ ھەيران قالارلىق ئىش بولىدۇ!»

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار،« نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىدە خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر مۇلاھىزىدە بولسا ئانالىزچىلار خىتاي بازىرىدىكى يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. ئۇلار خەلقئارادا خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە «خىتايلار كۆچۈرمىكەشلىككە ئۇستا، ئۇلار ھەتتا بالىلار ئوينايدىغان چەمبىرەكنىمۇ ئىجاد قىلالىغان ئەمەس. ئىجاد قىلىش ئۇلارنىڭ قېنىدا يوق» دېگەن چۈشەنچىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىل ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. مۇلاھىزىدە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نوقتا شۇكى، «شۇنچە زور ئىقتىسادىي كۈچ - خىتاينىڭ يېڭىلىق يارىتالماسلىقىدىكى سەۋەب قانداقتۇ باشقا بىر ئامىللار ئەمەس، بەلكى كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتتە تولىمۇ ئاددىي بىر چۈشەنچە بولغان - ئۆز ئارا ئىشەنچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسىتىلىشىدۇر.»

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:

«مەن قەدىمدە كومپاسنى، قەغەزنى، مىلتىق دورىسىنى ئىجاد قىلغان بىر مىللەت قانداق قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە Ipadقۇراشتۇرىدىغان خەلققە ئايلىنىپ قالدى، دېگەن سوئالنى كۆپ ئويلاندىم. مەنچە خىتايدا كام بولغىنى يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتى ئەمەس، پەقەتلا تولىمۇ ئاددىي بولغان بىر - بىرىگە ئىشىنىش مەسىلىسى. جەمئىيەتتە ئۆز - ئارا ئىشەنچ بولغاندا، كىشىلەر يېڭىلىق يارىتىشقا تەۋەككۇل قىلالايدۇ. ئىشەنچ بولغاندىلا كىشىلەر ئۆزىنىڭ يېڭى پىكرىنى باشقىلارنىڭ ئوغرىلىۋېلىشىدىن قورقماي باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. كىرىمنى ئاشۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان زامانىۋى خىتاينى يېڭىلىق يارىتىشتىن توسۇپ تۇرغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولسا دەل جەمئىيەتتىكى ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىكى. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، خىتاي جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ ئىشەنچ سىستېمىسىنى يارىتىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى ئائىلە قۇرۇلمىسى بىلەن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئادالەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت يېڭى سىستېما ئارىلىقىدىكى بوشلۇقتا قەپ قالغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىرىنچى خىل ئىشەنچ سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ئىككىنچى خىل سىستېمىنى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈپ بولالمىغان. چۈنكى بۇ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىشىغا توسالغۇ بوپ قالىدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن خىتاي جەمئىيىتىدە ئىشەنچىسىزلىك ئەھۋالى ئېغىر.»

مەزكۇر مۇلاھىزىدە خىتايدىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ خەلقئارادىكى «ئې - بەيگە» ئوخشايدىغان ئىشەنچنى پرىنسىپ قىلغان ئاساستا ئىنتېرنېت ئارقىلىق تىجارەت قىلىدىغان شىركەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ياخشى نەتىجىلىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ساھەدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، جەمئىيەتتە ئىشەنچ تۇرغۇزۇلۇشىغا ئىمكان ياراتقان تەقدىردە، بۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، پەقەتلا كۆچۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىجادچانلىققا تايانغان يېڭى بىر ئىقتىسادىي سىستېما يارىتالايدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان.