تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى خىتاي تەييارلاپ ئەۋەتكەن ئۇيغۇر ئېلىنى تونۇشتۇرىدىغان فىلىمنى كۆرسەتمىدى

بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركلەر خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قەتئىي ئىشەنمەيدۇ، خىتاي ئىشلىگەن ياسىما ھۆججەتلىك فىلىمنى تۈرك تېلېۋىزىيىسىدىمۇ كۆرسەتمەيدۇ.

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەتبۇئاتلاردا خەۋەرلەرگە، ماقالىلارغا ئورۇن بېرىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەر خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە لېكسىيىلەر ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، كىنو ھەپتىلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن كىنو ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەرگىمۇ ئورۇن بېرىلمەكتە.

ئەنقەرەدىكى يۇنۇس ئەمرە ۋەخپىدە "سەيشەنبە كىنولىرى" تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كىنو كېچىلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى "ترت" ئۈچۈن ئىشلەپ بەرگەن "چىلەكەش شىنجاڭ" ناملىق، يەنى "مېھنەتكەش شىنجاڭ" مەنىسىنى بېرىشنى مەقسەت قىلغان 11 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 4 بۆلۈمى كۆرسىتىلدى. ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە كۆرسىتىلمىگەن. بىرىنچى بۆلۈمدە كۇچا، ئىككىنچى بۆلۈمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىزلار، 3-بۆلۈمدە بولسا تاشقورغاندىكى تاجىكلار، 4-بۆلۈمدە قەشقەر كۆرسىتىلگەن. بۇ فىلىمدە كىنو كۆرگۈچىلەرگە "ئۇيغۇر دىيارى ئەزەلدىن خىتاي زېمىنى" دېگەن ئىدىيىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىلغان.

turk-ojaqliri-jemiyitide-ghulja-weqesi-yighini-385.jpg
تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 5-فېۋرال. (RFA/Erkin Tarim)

فىلىمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر، تاغ-دەريا ۋە چۆللەر كۆرسىتىلگەندىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر تارىخى ئەسەرلىرىدىن كۇچادىكى بۇددا ۋە مانى دىنىغا ئائىت تارىخىي ئەسەرلەر، قەشقەردىكى تارىخىي جايلار ۋە تارىخىي ئۆيلەرمۇ كۆرسىتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ناھايىتى ياخشى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىلغان.

قىزىقارلىق نۇقتا شۇكى، ھۆججەتلىك فىلىمدە يەنە 1991-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا ئورنىتىلغان مەشھۇر خىتايلارنىڭ ھەيكەللىرىمۇ كۆرسىتىلگەن.

تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتى بىلەن يۇنۇس ئەمرە ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ فىلىم كېچىلىكى 4 ئايدىن بېرى ھەر سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەخسۇس تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا ئىشلەنگەن فىلىملەر كۆرسىتىلمەكتە.

turk-ojaqliri-jemiyitide-ghulja-weqesi-yighini1-385.jpg
تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 5-فېۋرال. (RFA/Erkin Tarim)

"چىلەكەش شىنجاڭ" ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆز پىكرىنى بايان قىلغان ياۋۇز يىلدىرىم ئىسىملىك كىشى مۇنداق دېدى: "بۇ فىلىمدە خىتاي ئۇيغۇرلارنى، پۈتۈن ھەق ۋە ھوقۇققا ئىگە، ئەركىن ھالدا دىنىي ئىبادىتىنى قىلىۋاتقان بەختلىك ياشاۋاتقان قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشلىرىغا، تاغلىرىغا خىتايچە خەتلەرنى يېزىپ بۇ يەر ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى دېگەن مەنانى ئىپادىلەشكە تىرىشىپتۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى بىلمىگەن ئىنسان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار، قىرغىزلار ۋە تاجىكلار بەكلا بەختلىك ياشاۋېتىپتۇ دەپ قالىدۇ. ئەمما تۈركلەر خىتاينىڭ بۇ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قەتئىي ئىشەنمەيدۇ. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى تۈرك تېلېۋىزىيىسىدىمۇ كۆرسەتمەيدۇ."

ئەنقەرە يۈنۈس ئەمرە ۋەخپىنىڭ زالىدا بۇ فىلىمنى كۆرگەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "ئەنقەرەنىڭ 1912-يىلى قۇرۇلغان ئەڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتىنىڭ زالىدا 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 14-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن چاقىرىلدى. يىغىندا سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قاۋۇنچۇ ۋە ئابدۇلكېرىم ئۈنال ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىققان دەۋر ئاچقۇچ بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئابدۇلكېرىم ئۈنال 2001-يىلى قەشقەر زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاڭلىتىشقىمۇ كېرەك يوقلۇقىنى، چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىغا قاراپلا خىتاي زۇلۇمىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى."

تۈركىيىدىكى ئەڭ نوپۇسلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سانىدا "خىتايلارنى قورقۇتقان 4 مىڭ يىللىق قۇرۇق جەسەت" تېمىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە بۇ "قۇرۇق جەسەت، يەنى مۇمىيانىڭ كۆزى خىتايلارنىڭكىدەك كىچىك بولمىغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىگە قويۇشتىن قورقتى" دەپ بايان قىلىنغان.