بۇ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان ئەڭ زور كۈلەملىك ئاققۇن ئىشچىلار قوشۇنى بولۇشى مۇمكىن.
خىتاي ئاققۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشتە رېكورت ياراتتى
ئۇيغۇر ئېلى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى پىلانلىق ھالدا ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە مىليون ئەتراپىدا دېھقان ئىشچىلارنى كىرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان دېھقان ئىشچىلار قوشۇنى بىر مىليون 400 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمگەك مۇلازىمەت دائىرىلىرى بۇ يىل بۇنچە كۆپ خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشى تارىخىي يېڭى رېكورد ياراتتى دەپ قارىماقتا.
ئۇيغۇر ئېلى ئەمگەك مۇلازىمەت دائىرىلىرىنىڭ"باھار شامىلى" ھەرىكىتى نامىدىكى كەڭ كۆلەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسى يەنە باشلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكىتى قانداقتۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلارغا ياردەم قىلىش بولماستىن بەلكى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھەر يىلى خىتاينىڭ باھار بايرىمى يەنى چاغىنىدىن كېيىن كېلىۋاتقان زور تۈركۈمدىكى ئىشسىزلار قوشۇنىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر ساھەلەرگە كەڭ كۆلەمدە تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇلار كېلىپلا ئىش تاپالايدۇ
ئۈرۈمچىدىكى خىتايچە ئۇچۇر تور بەتلىرىنىڭ 13 - فېۋرالدا ئېلان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 10 -فېۋرالدىن باشلانغان دېھقان ئىشچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ياشلار ئىتتىپاقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار سەپەرۋەرلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشقان 249 شىركەت ھەم كان - كارخانىلار بۇ قېتىمقى باھار شامىلى ھەرىكىتىگە قاتناشقان.
ئادەتتە ھەر يىلى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنىڭ 15 - كۈنىدىن كېيىن خىتاي ئاققۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىدىغان يۇقىرى دولقۇنى باشلىنىدۇ. ئەمما بۇ يىلقى دولقۇن چاغان ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا باشلانغان بولۇپ، خىتاي دېھقان ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ سىچۇەن، يۈننەن، خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن 20 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئىشلەمچىلەر ئىكەن.
خىتايچە خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە نۆۋەتتە كېلىۋاتقان بۇ ئىشسىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۈرۈمچى شەھىرى خىتاي ئىشلەمچىلەرنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىۋاتقان شەھەر بولۇپ يىلدا 600 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئاققۇن ئۈرۈمچىگە سىڭىپ كېتىدىكەن. ئىشلەمچىلەر قوشۇنىنىڭ ئىش تېپىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەتتا دائىرىلەر ئۈرۈمچى ۋوگزالىغىمۇ ئەمگەك بازارلىرىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىشلەمچىلەر پويىزدىن چۈشكەن ھامان ئۇلارنى يېتەكلەيدىغان، ئىش تېپىشىغا ياردەملىشىدىغان خادىملارنىمۇ ئورۇنلاشتۇرغان. نۆۋەتتە خىتايلار، ئۈرۈمچىدە پويىزدىن چۈشۈپلا شېركەتلەردىن ئىش تاپالايدىكەن.
ئاپەتتىن قاچقانلار ئۇيغۇر ئېلىگە يۈرۈش قىلماقتا
بۇ يىل خىتاي 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىماقتا، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ھازىرغا قەدەر خىتايدا 17 ئۆلكە بىۋاستە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئاپىتىگە دۇچار بولغان بولۇپ، ئۈچ مىليون 460 مىڭ دېھقان ئېغىر ئاپەتتە. دېھقانچىلىقتا ئېغىر زىيان كۆرۈلمەكتە.
ئەنگىلىيە ب ب س نىڭ 10 - فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا يېقىنقى بىر ئىككى ئايدا دېھقان ئىشچىلارنىڭ ئىچىدە ئىشسىزلار 20 مىليونغا يەتكەن بولۇپ بۇ خىتايدىكى پۈتۈن دېھقان ئىشچىلارنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنداقلا بۇ يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرىنەرلىك تۆۋەن بولۇپ، خىتاي يەنە بۇ يىل يەتتە مىليون مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغۇچىلار قوشۇنىغا ئۇچرايدۇ.
ئاسىيا كىندىكىنىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ خىتاي دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل كادىرى ۋۇ يۇەنخۇانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ يىل بۇنچە كۆپ خىتاي ئاققۇننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىشىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلار كرىزىسقا ئۇچراپ ئەمگەك كۈچلىرىگە بولغان ئېھتىياجى پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلىگەنلىكى سەۋەب بولغان بولسا، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۆمۈر يول، ئۇل مۇئەسسەسەلەر، نېفىت خېمىيە قاتارلىق قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئىشلەمچىلەرگە بولغان ئېھتىياجى بارغانچە ئاشقان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت پىچاندا يېڭى ئېچىلغان كانغىلا 10 مىڭ ئىشلەمچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
سىياسەتتىكى پەرق ۋە كىرىم پەرقى
ئۈرۈمچى مەركىزى شەھەر گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، گەرچە ئەمگەك بازارلىرىدا نۇرغۇن ئىشلەمچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى بولسىمۇ، بەزى ساھەلەرگە قىزىقىدىغانلار ئاز بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسەن نۆۋەتتە ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى تەلىپى ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئاسىيا كىندىكى مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭى كەلگەن جياڭ جۈنيى ئىسىملىك بىر خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇ كۈنىگە ئىككى يۈز يۇەنگە ئىشلەيدىغانغا بىر ئورۇن بىلەن كېلىشىپ بولغان بولۇپ، ئۇ تېخى "بۇ مائاش ھەرگىزمۇ يۇقىرى ھېسابلانمايدۇ " دېگەن.
ئەمگەك مۇلازىمەت ھەمدە ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىپادىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان ئاققۇنلار ئاساسەن ئاقما نوپۇس بولغاچقا، ئەمەلىي سانىنى سىتاتىستىكا قىلىشمۇ تەس بولۇپ، بۇ يىل بىر مىليون تۆت يۈز مىڭ خىتاي ئىشلەمچىنىڭ كېلىشى پەقەت تەخمىنى سان ئىكەن، ئەمەليەتتە ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش پىلانى بۇيىچە ئۇيغۇر ئېلىدە 2008 - يىلدا سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار بىر مىليون 870 مىڭدىن ئاشتى دېگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاستە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىپ ئورۇنلاشقانلار 162 مىڭ 500 نەپەر. ئىگىلىشىمىزغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى يۇقىرى بولغاندا مىڭ يۇەنگىمۇ بارمايدۇ، تۆۋەنلىرى ئىككى - ئۈچ يۈز يۇەن ئەتراپىدا.
ئۇيغۇرلار جۈملىدىن يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى نامىدا سىرتلارغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىشسىزلىق، نامراتلىق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئادىل سىياسەت قوللانمايۋاتقانلىقىدىن، نېمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدا بار بولغان شۇنچە كۆپ ئىش پۇرسەتلىرىگە ھەر يىلى مىليونلارچە خىتاي ئاققۇنلار ئورۇنلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ باشقا يۇرتلاردا سەرگەردان، ئەرزان قۇل ئورنىدا مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا.