تۈركىيىدە «مۇسۇلمانلارغا خىتاي ئىسكەنجىسى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىم سىياسەتلىرى تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.07.31
xitay-iskenjisi-maqale-turkiye-305.jpg تۈركىيە «يېڭى ئاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «مۇسۇلمانلارغا خىتاي ئىسكەنجىسى» ناملىق ماقالە. 2012-يىلى 30-ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

يېقىندىن بۇيان تۈركىيىدە چىقىدىغان يېڭى ئاقىت گېزىتى ۋە دۇنيا بۇلتەنى، تايىم تۈرك، خەبەر 7 قاتارلىق تور زىيارەتچىلىرى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان، ئېتىبارلىق تور گېزىتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىملىرىنى تەنقىد قىلىپ ماقالە ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.تۈركىيە «يېڭى ئاقىت گېزىتى» گە بېسىلغان خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتلىرىنىڭ سۈرەتلىك كۆپەيتمىسى. 2012-يىلى 30-ئىيۇل، تۈركىيە.

تۈركىيىدە چىقىدىغان يېڭى ئاقىت گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانىدا «مۇسۇلمانلارغا خىتاي ئىسكەنجىسى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

بۇ ماقالە يېڭى ئاكت گېزىتىنىڭ شۇ كۈنكى باش تېمىسى بولۇپ چوڭ ھەجىمدە يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان.تۈركىيە «يېڭى ئاقىت گېزىتى» گە بېسىلغان خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتلىرىنىڭ سۈرەتلىك كۆپەيتمىسى. 2012-يىلى 30-ئىيۇل، تۈركىيە.

بۇ ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىملىرىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېيىلگەن: ئىشغالچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى ھۆججەتلەشتۈردى. خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قانداق بىر ئىسلامى پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىقى ۋە ئاياللارنىڭ رومال ئارتماسلىقى ئۈچۈن ۋەدىنامە يازدۇرۇپ ئىمزا قىلدۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

يېڭى ئاقىت گېزىتىدە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىمزا قىلدۇرغان، خىتايچە ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان 4 ماددىلىق بىر ھۆججەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بېسىلغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتكە تۆۋەندىكىدەك ۋەدىنامىلەر يېزىلغان، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ھىمايە قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئائىلىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت قىلماسلىق، قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ساقلىماسلىققا ۋەدە بېرىش. ئائىلە ئىچىدە روپاش ئاياللارنىڭ بولماسلىقىغا ۋەدە بېرىش ۋە روپاش ئاياللارنى ئۆيگە كىرگۈزمەسلىككە ۋەدە بېرىش. كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە روپاش ئاياللارنى كۆرگەن ھامان دەل ۋاقتىدا تەشكىلگە مەلۇم قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىش دېگەنگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ بۇ ۋەدىنامىگە ئۇيغۇرلارنى ئىمزا قىلىشقا زورلىغان.

يېڭى ئاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايدا ياغلىق ئارتقان مۇسۇلمانلارنىڭ سودا سارايلارغا كىرىشىمۇ چەكلەندى، دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: مۇسۇلمانلارنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي دۆلىتى ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا باشلىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. روزا تۇتقان مەمۇرىي كادىرلارنى تىزىمغا ئېلىپ چۈشلۈك تاماق يېيىشكە زورلايدۇ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە پۇل جازاسى قويۇپ مائاشىدىن كېسىپ قالىدۇ. تەتىل بولغان بولسىمۇ، ھەر جۈمە كۈنلىرى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە توپلاپ روزىلىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن چۈشلۈك تاماق بېرىدۇ ۋە جۈمە نامازغا بېرىشنى توسىدۇ.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقان خىتاي، خوتەن شەھىرىدە بولسا ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، خوتەن ئالتۇن يۇلتۇز سودا شىركىتى تەرىپىدىن تامغا چاپلانغان بىر ھۆججەتتە، يۈزىنى ئورىغان، رومال ئارتقان ئاياللارنىڭ تاللا بازىرى ۋە سودا-سارايلارغا كىرىشى چەكلەنگەنلىكى، دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنىڭ سېتىلىشىمۇ چەكلەنگەنلىكى يېزىلغان.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: مۇسۇلمانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتى بۇلار كۇپايە قىلمىغاندەك يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مەركەزلەرنى ئېچىشىغا، قۇرئان كۇرسى ئېچىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىنىي مەدرىسە ۋە قۇرئان كۇرسلىرى ئېچىشنى چەكلەيدۇ. رۇخسەتسىز ئېچىلغان قۇرئان كۇرسلىرىغا بېسىپ كىرىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇتۇپ قامايدۇ. خىتايچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى كوچىلاردا كۆرگەندە تۇتۇۋېلىپ زورلۇق قىلىدۇ. رومال ئارتقان ئاياللارنى كۆرگەن ھامان بېشىنى ئېچىشقا مەجبۇرلايدۇ.

دۇنيا بۇ زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلمىسۇن

ماقالىدە يەنە، دۇنيا جامائىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي زۇلۇمى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن رومال ئارتتى دېگەننى باھانە قىلىپ دوختۇرخانىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلمايدىغان ھۆججەت چىقاردى. دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇشىنى چەكلەيدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئىنسانغا ئوخشاش، مۇسۇلمانغا ئوخشاش ياشاشنى خالايدۇ، دۇنيا جامائىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا كۆز يۇقماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.

يېڭى ئاقىت گېزىتىدە يېقىندىن بۇيان ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇچۇر ۋە ماقالە ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

بۈگۈن يەنە دۇنيا بۇلتەنى تور گېزىتىدە، «خىتايدا يېڭىدىن ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتى»، «شەرقىي تۈركىستاندا پۈتكۈل دىنىي پائالىيەتلەر چەكلەندى» دېگەن تېمىلاردا، تايىم تۈرك تور گېزىتىدە بولسا، «شەرقىي تۈركىستاندا ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش چەكلەندى ۋە رومال ئارتقانلارنىڭ سودا سارايلارغا كىرىشى چەكلەندى» دېگەن تېمىلاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

يېڭى ئاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇسۇلمانلارغا خىتاي ئىسكەنجىسى دېگەن تېمىدىكى ماقالە تۈركىيىنىڭ كۆپلىگەن تور بېكەتلىرىدە كەڭ تۈردە نەقىل قىلىپ تارقىتىلدى ۋە بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلدى.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار رامزان ئېيىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنىي ئالىم مۆمىنجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.