ھازىرقى خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتى ھوقۇق ئۆتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا، ئۇنىڭغا «ئىسلاھات» نېمە ئۈچۈن كېرەك بولۇپ قالدى؟ ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى سەۋەبچى بولدىمۇ - يا؟
بۈگۈن «نيۇيورك تايمىس» گېزىتىدە «خىتاي ھازىر ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە بېسىلدى. «ئاۋسترالىيە خەۋەرلىرى» گېزىتىمۇ، «خىتاي يەنە ئىسلاھاتنىڭ گېپىنى قىلىشقا باشلىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە باستى. «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى»، «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارنى ئېلان قىلدى.
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» 23 - فېۋرال كۈنى «چاتاق چىقسىمۇ مەيلى، كرىزىس چىقمىسۇن» سەرلەۋھىلىك باشماقالا ئېلان قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. بۇ باشماقالىدە، ھازىر ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا بولمايدۇ، ئەمما «ئىسلاھات»نىڭ نەتىجىسى كۆزلىگەندەك ياخشى بولۇشى ناتايىن، ئۇنىڭدىن ھامان ئۆزىمىزگە ئاۋارىچىلىق چىقىدۇ، ئەگەر ئوتوپىيىچىلەر) خىيالپەرەسلەر( ئىسلاھاتنى ۋايىغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالسا، مەنپەئەت ئىگىلىرى ھوقۇقىغا تايىنىپ ئىسلاھاتقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دېگەندەك تەسۋىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ ئارقىلىق، خۇددى بۇ باشماقالىنىڭ ماۋزۇسىدا ئېيتىلغاندەك، چاتاق چىقسىمۇ مەيلى، كرىزىس چىقمىسۇن، نېمىنى ئىسلاھات قىلسا مەيلى، ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ئۈستىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ دېگەن مەقسەتنى ئىپادىلىگەن.
بۇ باشماقالىدە يەنە، 30 يىلدىن بۇيان «ئىسلاھات»تىن مەنپەئەت كېلىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنى داۋاملاشتۇرمىسا، دۆلەت چاك - چېكىدىن يېمىرىلىپ كېتىش خەۋپى چىقىىشى مۇمكىن، ئەمما ھازىرقى پەيتتە ئىسلاھات دەپ قۇرۇق گەپ ساتقاننىڭ كېرىكى يوق، ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى چېلىنغان. بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدىكى باشقا گېزىتلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغان. بەزىلىرى ئىسلاھات ھەققىدە تېخىمۇ ئۈنلۈك ئاۋاز چىقارغان، مەسىلەن، «چاڭجياڭ گېزىتى»دە «يول توسىدىغان قورغاننى يېمىرمىسە ئىسلاھات بولمايدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى بېيجىڭ ئىجتىمائى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى چېن زىمىڭنىڭ قارىشىچە، «خەلق گېزىتى»نىڭ تۈنۈگۆنكى ماقالىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى راس، بىز ئۇلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا نېمە دەيدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەملەر ئەمەس، بۇ، كوممۇنىست خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەربابلارنىڭ كۆز قارىشى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار ھازىر چاتاق چىقسىمۇ مەيلى، كرىزىس چىقمىسۇن دېگەن ئورتاق كۆز قاراشقا كەلگەن. ئەمما ئۇلار ھازىر نېمە قىلماقچى، بۇ تېخى نامەلۇم.
ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، بەزىلەر بۇ قېتىم چېلىنغان ئىسلاھات سېگنالى، پەقەت خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرىدىغاندا داغدۇغا پەيدا قىلىشنى كۆزلىگەن تەدبىرى دەيدۇ، ئەمما ھازىر بۇ ئىسلاھات سېگنالىنى ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلار چالماي، ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان خۇ جىنتاۋ دائىرىلىرى چېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھازىر ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش، ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلار ئۈچۈنمۇ، ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلار ئۈچۈنمۇ باشلىنىش نوقتىسى بولسا كېرەك.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، «خەلق گېزىتى»نىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى جىددىي سېگنالى بو شىلەينى دەرھال بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە خۇ جىنتاۋغا قىلىنغان ھەيدەكچىلىك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بو شلەينىڭ «قىزىل ناخشا ئېيتىش» تىن ئىبارەت تەرەققىيات مودېلى خىتايدا ھەرگىز ئاقمايدىغان يول. ئەگەر خۇ جىنتاۋ بۇ مەسىلىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلمىسا، ئۇ ھوقۇ ق ئۆتكۈزۈۋالغۇچىغا بىر چوڭ مەسىلىنىمۇ قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولىدۇ.
«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ لىجۈن دېلوسى ئامېرىكىنىڭ قولىدا، خىتاي ھازىر ئامېرىكىدىن بۇ دېلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ۋاڭ لىجۈن تەييارلىغان پاش قىلىش ماتېرىياللىرى بىرلا نۇسخا ئەمەس، ئۇنىڭ كوپىيىسى باشقا دۆلەتتىمۇ بار. «ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى» نىڭ پىشقەدەم تەھرىرى بىل گېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ لىجۈن ئامېرىكىنىڭ چۇڭچىڭدىكى كونسۇلخانىسىدا 10 سائەت تۇرغان. ئامېرىكىغا بىرمۇنچە ماتېرىيال قالدۇرغان. ئەگەر بۇ ماتېرىياللار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ۋاڭ لىجۈنگە خەۋپ يېتىدۇ.
چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەي تەرەپدارلىرى ۋاڭ لىجۈننى تۇتۇش ئۈچۈن ھەربىي قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنى قورشىۋالغاندا، خىتاينىڭ بىر نەپەر مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى كېلىپ ۋاڭ لىجۈننى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ئېلىپ كەتكەن، بو شىلەي دائىرىلىرى ئۇنى تۇتۇپ قالالمىغان.
بۇ ۋەقە خۇددى 1989 - يىلىدىكى فاڭ لىزى ۋەقەسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، فاڭ لىزىغا ئەينى ۋاقىتتىكى پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى پاناھلىق بېرىشنى تەستىقلىغان، ئەمما بۇ قېتىم پرېزىدىېنت ئوباما ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ۋاڭ لىجۈنگە پاناھلىق بەرمىگەن. ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ لىجۈن ھازىر بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ قوغداش خاراكتېرلىك تۇتۇپ تۇرۇشىدا.