بىر تۈكۈم خىتاي زىيالىرى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاينىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم ئاتاقلىق زاتلار ۋە ئادۋوكاتلار خىتاي رەھبەرلىرىگە تەكلىپنامە سۇنۇپ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان.

0:00 / 0:00


بىراق بۇ قېتىم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ پىكرى، 2008 - يىلى ليۇ شياۋبو قاتارلىق زىيالىيلار ئوتتۇرىغا قويغان فېدېراتسىيىلىك تۈزۈمگە كۆچۈش، كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇش قاتارلىق رادىكال ئىسلاھات پىكىرلىرىگە قارىغان كۆپ مۆتىدىل. ئۇلار خىتاينىڭ 1982 - يىلى ماقۇللانغان ھازىرقى مەۋجۇت ئاساسى قانۇنىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئاتاقلىق زاتلار ۋە مەشھۇر ئادۋوكاتلاردىن بولۇپ 70 نەچچە كىشىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىپ سۇنغان ئىلتىماسىنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى جاڭ چىفەن قەلەمگە ئالغان. ئۇنىڭغا خىتاينىڭ گۇ يۈخۇا، خۇ شىڭدۇ، ۋۇ گوگۇاڭ، لى يىڭخې، جاڭ لىفەن قاتارلىق ئاتاقلىق زىيالىيلىرى ئىمزا قويغان. ئىلتىماس نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى زات ليۇ شياۋبو سۇنغان دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى 2008 - نىزامنامىسىگە قارىغاندا مۆتىدىل بولسىمۇ، بىراق كومپارتىيىنى ئاساسى قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش، خۇسۇسى ئىگىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىللىقىغا يولغا قويۇش، پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىش، خەلقنىڭ ئۆز ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىشىغا يول قويۇش، كومپارتىيە سايلامغا ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار ئىلتىماسىدا شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر جۇڭگو جەمئىيىتى ئېھتىياجلىق بولغان تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ توختاپ قالسا، چىرىكلىك، ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىش ۋە ئىجتىمائىي نارازىلىق داۋاملىق كۈچىيىپ، جۇڭگو تىنچ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويىدىغانلىقى، جۇڭگو جەمئىيىتى زوراۋانلىق ئەۋج ئالغان قالايمىقانچىلىق ئىچىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر ئىلتىماسنى قەلەمگە ئالغان پروفېسسور جاڭ چىفەن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، چېرىكلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جىددىي ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: جۇڭگو ئۆزگىرىش ئېلىپ بارمىسا، ئىنقىلاب ۋە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىش خەۋپىگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ، دېگەن.

خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ناملىق ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جۇڭگودا دەرھال ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىسا، ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق پارتلاش خەۋپى ھەقىقەتەن مەۋجۇت.

ئۇ : «4 - ئىيۇن ۋەقەسى» يۈز بەرگەن 23 يىلدىن بۇيان، كومپارتىيە ئىزچىل يۇقىرى بېسىملىق ۋە زوراۋانلىق سىياسىتى ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلمىدى. بەلكى زىددىيەتنى جىددىيلەشتۈردى، ئۆتكۈرلەشتۈردى، كۆپەيتتى ۋە كۈچەيتتى. سىز يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت ئارقىلىق زىددىيەتنى مەلۇم ۋاقىت بېسىپ تۇرالىشىڭىز مۇمكىن. بىراق بىر كۈنى ئۇ ھامان پارتلاپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۇ پارتلىسا، خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى دىئالوگ ۋە ئىسلاھات نەتىجىسى سۈپىتىدە پارتلىمايدۇ. بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىيەت كونترول قىلالماسلىقى سەۋەبلىك پارتلاپ چىقىدۇ. شۇڭا ئىنتايىن شىددەتلىك ئىجتىمائىي پارتلاش ۋە زور قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تارىخ بۇنى ئىزچىل ئىسپاتلاپ كەلدى، دەپ، كۆرسەتتى.

خۇ پىڭ يەنە، خىتاي رەھبەرلىك گۇرۇھى بۇ نۇقتىنى چۈشەنسىمۇ، بىراق مەسىلە بەك كۆپ يىغىلىپ كەتكەچكە ئىسلاھات قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ، دەپ قورقىدىغانلىقىنى، شۇڭا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت ئارقىلىق ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئىلتىماسىدا، ليۇ شياۋبو باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچى زىيالىيلار «2008 نىزامنامىسى» دە ئوتتۇرىغا قويغاندەك ھازىرقى بىر پارتىيىلىك تۈزۈمگە خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق «2008 نىزامنامىسى» دىكى بەزى تەكلىپ پىكىرلەر مەزكۇر تەلەپنامىدە ئەكس - ئەتتۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - نىزامنامىسىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلغان يازغۇچى ليۇ شياۋبو «ئاغدۇرمىچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ۋە 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئىلتىماس دەل 24 - دېكابىر روجىستىۋا بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئىلتىماس يەنە بۇ يىل 11 - ئايدا كومپارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغانغا دەل 40 كۈن بولغاندا سۇنۇلغان.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىيالىيلارنىڭ ئاساسى قانۇننى ھەقىقىي ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىشى توغرا بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئاساسى قانۇنىدا نۇرغۇن زىددىيەتلىك نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: جۇڭگونىڭ ئاساسى قانۇنى ئەسلىدىلا ئۆز ئارا زىددىيەتنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭدىكى بەزى ماددىلار توغرا بولسىمۇ، بۇ ماددىلاردا سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق بەزى ھەق - ھوقۇقلار ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنە بەزى ماددىلىرىدا بۇ خىل ھەق - ھوقۇقلار ئىنكار قىلىنغان. شۇڭا بىز ئەركىنلىك ۋە ھەق - ھوقۇقىمىزنى تەلەپ قىلغاندا، ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاساسى قانۇننىڭ سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئوخشاش كومپارتىيە ئۆزى ئېتىراپ قىلغان بەزى ماددىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ بىرى، دەيدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ چارشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىغا باھا بېرىشنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك خاتىرىسىنى ئاقلىغان. باياناتچى ئۆزىنىڭ ئىلتىماسنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: جۇڭگودا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش مەۋجۇت ئەمەس، دېگەن.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى سۆز ئەركىنلىكىدۇر.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر سۆز ئەركىنلىكى ھەقىقىي يولغا قويۇلسا، مەيلى ھازىرقى قانۇن ۋە ئاساسى قانۇندىكى مەسىلىلەر بولسۇن ۋە ياكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق مەسىلىلەر بولسۇن، ھەممىنى تۈزەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن ئاساسى قانۇندىكى خاتا ماددىلارغا قارىتا پەقەت يۇقىرىقى بەزى زىيالىلارنىڭلا پىكرى بار ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىكرى بار. بىراق ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى يوق. شۇڭا ئۇلار ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتەلمەيدۇ. ئەگەر سۆز ئەركىنلىكى بولسا، ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى پارتلاپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ ھۆكۈمەتنى ئاساسى قانۇندىكى خاتا ماددىلارنى تۈزىتىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇنىڭ بىكار قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.