خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلدى

تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەمەت گۆرمەز ئەپەندىنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى باشلىقى چېن گۇاڭيۈەن باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيىگە كەلدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئۆمەكنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بار ئىكەن. خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى باشلىقى چېن گۇاڭيۈەن باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ئۆمەك 2-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشلىقى پروف. در. مەمەت گۆرمەز ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى ۋە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى مەمەت گۆرمەز مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن 4 تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتايدىن ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ تۈركىيىدىكى دىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئىلاھىيەت فاكۇلتېتلىرىدا ئوقۇتۇش ھەققىدىكى كېلىشىمگە قول قويۇلغانلىقىنىمۇ مەلۇم قىلدى.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ دىنىي ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرى جەھەتتىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، بىر مۇخبىرنىڭ سورىغان «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدىمۇ؟» دېگەن سوئالىغا «كۈن تەرتىپكە كەلمىدى» دەپ جاۋاب بەردى.

memet-gormez-385.jpg
تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەمەت گۆرمەز ئەپەندى. 2011-يىلى فېۋرال. (RFA/Erkin Tarim)

خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى باشلىقى چېن گۇاڭيۈەن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتتىن تەرەققىي قىلغانلىقى، دىنى ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چېن گۇاڭيۈەن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە خىتايدا 23 مىليون مۇسۇلمان بارلىقى، تۈركىيە بىلەن دىنى جەھەتتىن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى باشلىقىنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتى بولغاچقا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. بۇ زىيارەت ھەققىدە بۈگۈن تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ تۈركىيىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئازايتىشقا تىرىشماقتا.»

خىتاي 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاينى «ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى» دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا-ئارقىدىن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ئەۋەتىپ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى.

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى داۋاملىق ھالدا تۈركىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە دوكلات سۇنۇپ، خىتاينىڭ تۈركلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تۈركلەرگە دېگەن سۆزلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

بىز بۇ زىيارەت ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇلەزىز ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.