خىتاينىڭ ئىسرائىلىيىنى ئەيىبلىشىدىكى غەرىزى نېمە؟

شىمالىي كورىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە ئائىت ھەربىي پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ 46 نەپەر ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغانلىق ۋەقەسى رايوندىكى جىددىيلىكنى ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.06.04
Ghezzige-yardem-buyumi-toshuwatqan-mawi-marmara-turkiye-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 28 - ﻣﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ "ﻣﺎﯞﻯ ﻣﺎﺭﻣﺎﺭﺍ" ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ، ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻏﻪﺯﺯﻩﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى رايون دۆلەتلىرى شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قارىتا جازا يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، ئۆزىنىڭ رايوندىكى چوڭ دۆلەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسىدىن بىرى بولغان خىتاي بۇ ۋەقەگە نىسبەتەنمۇ ئوچۇق بىر ئىپادە بىلدۈرمىدى.

28 - مايدىن 30 - مايغىچە جەنۇبىي كورىيىدە ئېلىپ بېرىلغان خىتاي، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدىمۇ خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىگە قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ئۈمىد قىلىندى. ئەمما، خىتاي بۇ يىغىندىمۇ شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلەش ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىش مەسىلىسىگىمۇ يېقىن كەلمىدى.
 
تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئوتتۇرىغا قويغان دوكلاتقىمۇ بەك ئىشەنمىگەندەك پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ياكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتمەي ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شىمالىي كورىيىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە پاسسىپ تۇرۇۋېلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززەگە ياردەم بويۇملىرى توشۇپ كېتىۋاتقان پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىپ 9 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغانلىقىدەك ۋەقەگە بولسا چاقماق تېزلىكىدە ئىنكاس قايتۇردى. ۋەقە مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ بايانات بېرىپ "ئىسرائىلىيىنىڭ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى"نى بىلدۈردى ۋە "ئىسرائىلىيىنى غەززەدىكى شارائىتنى ياخشىلاش" قا چاقىردى.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ياڭ تاۋ ئارقا - ئارقىدىن بايانات بېرىپ ئىسرائىلىيىنى ئەيىبلىدى. ياڭ تاۋ يەنە ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىگە قارشى ئېلىنىدىغان جازا تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

قىسقىسى، خىتاي ۋەقە يۈز بېرىپ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ناھايىتى كەسكىن ۋە ئوچۇق ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيىنىڭ، خىتاينىڭ ۋەقەگە نىسبەتەن بۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۆزىنى قوللىغانلىقى دەپ چۈشەنگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى رەسمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 1991 - يىلى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خىتاي ئۈچۈن ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان  مۇناسىۋىتىدەك مۇھىم ئەمەس ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايغا ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىش كۆرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىممۇ ئۆزىگە ئانچە پايدىسى كۆپ بولمىغان ئىسرائىلىيىنى ئەيىبلەش ئارقىلىق ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان ھەم تۈركىيىنىمۇ قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغاندەك تەسىر پەيدا قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.