خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۇئال سورىغان يازغۇچى ئېلى ئەرەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

2010 ‏ - يىلى 4 ‏ - ئاينىڭ 26 ‏ - كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان بىرلىك ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن تارىختىكى تۈركىيە ‏ - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشقان خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى خې جاڭچۈەن ۋاقىت گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى ئېلى ئەرەن ئەپەندى قاتارلىق تۈرك ئاخباراتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتىپ سوئالغا مۇناسىۋەتسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقتىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئېتىراز بىلدۈرۈپ غۇلغۇلا قىلىشقان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.04.30
Xitay-istanbul-konsuli-Turklerge-Uyghur-toghrisida-jawap-bermekte-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩﺧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ "ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ"، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺑﺎﺵ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺧﯥ ﺟﺎﯕﭽﯜﻩﻥ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
RFA Photo / Arslan

بىز، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى خې جاڭچۈەندىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئارقا ‏ - ئارقىدىن بىر قانچە سوئال سورىغان ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئېلى ئەرەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: ھۆرمەتلىك ئېلى ئەرەن ئەپەندى، سىز خىتاي باش كونسۇلىدىن قانداق سوئاللارنى سورىدىڭىز؟ سىز ئۇ سوئاللارغا خىتاي باش كونسۇلىدىن يېتەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلىدىڭىزمۇ؟

جاۋاپ: خې جاڭچۈەن، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن سورىغان سوئاللىرىمغا تولۇق ۋە تەپسىلىي جاۋابقا ئېرىشىشنى كۈتكەن ئىدىم، ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم، چۈنكى ماڭا بېرىلگەن جاۋابلار سورىغان سوئاللىرىمغا مۇناسىۋەتسىز ئىدى. مەسىلەن، مەن، نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا، ئاياللارنىڭ، 18 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى چەكلەندى؟ دەپ سورىغان ئىدىم. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنىڭ دەرۋازىسىغا، ئاياللارنىڭ، 18 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى چەكلەندى دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىلار ئېسىلغان، بۇ سوئالىمغا بەرگەن جاۋاب " ئۇنداق ئىش يوق، خىتايدا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرگە كىرىش ئەركىن، خالىغان كىشى كىرەلەيدۇ" دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ئۇ يەردە مەسچىتلەرگە ئۇ خىل خەتلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنيا بىلىدۇ. پۈتكۈل دۇنيا بىلگەن بولسىمۇ، خىتاي باش كونسۇلى بىلمەيدىغاندەك "ئۇنداق ئىش يوق" دەپ جاۋاب بار. بۇ جاۋاب باش كونسۇلنىڭ بېرىدىغان جاۋابى ئەمەس، بەلكى بۇ، كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرگەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بېرىدىغان جاۋابىمۇ ئەمەس. مەن سوئالىمغا خىتاي باش كونسۇلىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جاۋاب بېرىشىنى كۈتكەن ئىدىم، ئەمما كۈتكەن جاۋابنى بەرمىدى. مېنىڭ قارىشىمچە، ئەگەر مەسچىتكە كىرىش چەكلەندى دېگەن ئۇ خىل تۈزۈمنى يېزىشقا توغرا كەلسە، بۇنى پەقەت دۆلەت چىقىرىدۇ، ھەمدە دۆلەت چىقارسا بىر، ئىككى مەسچىتكىلا ئەمەس پۈتكۈل مەسچىتلەرگە ئاسىدۇ، ھەقىقەتەن قارايدىغان بولسا، ئۇ يەردە بۇ خىل تۈزۈم بار، بۇ خىل تۈزۈمنى شەخسلەر ئەمەس، بەلكى دۆلەت چىقىرالايدۇ، دېمەك، خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاندا پۈتكۈل مەسچىتلەرگە ئۇ خىل تۈزۈمنى يېزىپ ئاسقان.

سوئال: ھۆرمەتلىك ئېلى ئەرەن ئەپەندى سىز يەنە قانداق سوئال سورىدىڭىز، خىتاي باش كونسۇلى نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟

جاۋاپ: ئىككىنچى سوئالىم، نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن مۇسۇلمان ياش قىزلار پاھىشە قىلىشقا مەجبۇرلىنىپ باشقا شەھەرلەرگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىدۇ؟ دېگەن سوئالنى سورىغان ئىدىم، خىتاي باش كونسۇلى ماڭا، " ئۇنداق ئىش يوق " دەپ جاۋاب بەردى، ئەلۋەتتە بۇ خىل سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى " ئۇنداق ئىش يوق " دېيىش، بۇ جاۋاب ئەمەس، بەلكى جاۋاب بېرىشتىن باش تارتىش ۋە ياكى ئويدۇرۇلغان جاۋاب. يەنە بىر سوئالىم، نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلار شىنجاڭ دەپ ئاتايدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاننى سىلەر يېڭىدىن ئىشغال قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن يېڭى زېمىن دەپ ئاتايسىلەر. ئەگەر ئۇ يەر سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولسا، نېمە ئۈچۈن يېڭى زېمىن دەپ ئاتايسىلەر؟ دەپ سورىدىم، بۇ سوئالغا تارىخقا ھېچ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان غەلىتە بىر جاۋاب بېرىپ شەرقىي تۈركىستاننى " تارىختا بىر زامانلار رۇسلار ئىشغال قىلغان ئىدى، كېيىن خىتايلار رۇسلاردىن قايتۇرۇپ ئالدى" دېدى. تارىختا ھېچ قاچان بۇنداق ۋەقە يوق، بىر باش كونسۇلنىڭ تارىخنى بىلمەي تۇرۇپ بۇنداق دېمەسلىكى كېرەك ئىدى، ئەمما تارىخ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، توغرا بولمىغان بىر جاۋاب بەردى. بىزنىڭ سوئاللىرىمىزنى "ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، خاتا چۈشەنچە بار" دېدى، ئەسلىدە باش كونسۇلنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولمىغان جاۋابلار. كېيىن مەن يەنە سەددىچىن سېپىلى ھەققىدە سورىدىم، يەنى خىتاينىڭ تاشقى چېگرا سىزىقلىرىغا ئەمەس، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ زېمىنى بولسا، نېمە ئۈچۈن سەددىچىن سېپىلى ئىچكى تەرەپكە سېلىنغان؟ سەددىچىن سېپىلى ئەسلىدە، تۈركلەردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇساپىلىك سېلىنغان بىر سېپىلدى، سېپىلنىڭ يەنە بىر تەرىپى خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە سەددىچىن سېپىلى خىتاي ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ھېچبىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىغا سېپىل سالمايدۇ، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سەددىچىن سېپىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى خىتاينىڭ ئۆز زېمىنى ئەمەس.

سوئال: ھۆرمەتلىك ئېلى ئەرەن ئەپەندى خىتاي باش كونسۇلىدىن باشقا يەنە قانداق سوئاللارنى سورىدىڭىز ۋە قانداق جاۋابلارغا ئېرىشتىڭىز؟

جاۋاپ: يەنە بىر سوئالىم، شەرقىي تۈركسىتانلىقلارغا يەنە قاچانغىچە زۇلۇم قىلىنىدۇ؟ دېگەن سوئال ئىدى، بۇ سوئالغا تولۇقسىز جاۋاب بەردى. مەن يەنە، تۈركىيىدە خىتاي ماللىرى سۈپەتسىز مال دەپ تونۇلدى، بىر يەردە مال ئېلىشقا توغرا كەلسە، كىشىلەر ئۆز ‏ - ئارا خىتاي مېلى بولمىسۇن دەيدۇ ئادەتتە. تۈركىيىدە يەنە بىر ماقال ‏- تەمسىل بار، "بۇ ئەزىيەت خىتاي زۇلۇمىدىن ئۆتۈپ كەتتى" دەيدىغان. مەن خىتاي باش كونسۇلىغا خىتاب قىلىپ دېدىمكى، تۈركىيىدە خىتاي ماللىرى بەك سۈپەتسىز، ئاجىز ماللار، ئەمما خىتاي زۇلۇمى بەك كۈچلۈك بىر زۇلۇم. قاچان بۇ ئىككىسى بىر - بىرى بىلەن ئالمىشىدۇ؟ يەنى قاچان خىتاي مېلى سۈپەتلىك بولىدۇ؟ قاچان خىتاي زۇلۇمى تۈگەيدۇ؟ دېگەن سوئالىمغا خىتاي باش كونسۇلى جاۋاب بەرمىدى. باشقىلارنىڭ سوئاللىرىمۇ جاۋابسىز قالدى. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ سورىغان سوئاللىرىمغا بېرىلگەن جاۋابلار بىر باش كونسۇلنىڭ بېرىدىغان جاۋابى ئەمەس، چۈنكى، بىر باش كونسۇل باش كونسۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ سۆز قىلغان بولسا، ئۇ دۆلىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىدۇ، ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى خىتاي دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن جاۋابى ھېسابلىنىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ سورىغان سوئاللىرىمنىڭ ھېچبىرىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمىدى، دېمەكتۇر.
 
سوئال: ھۆرمەتلىك ئېلى ئەرەن ئەپەندى، سىز بۇ يىغىندىن ۋە خىتاي باش كونسۇلى بەرگەن جاۋابلاردىن نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتىسىز؟

جاۋاپ: بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خۇسۇستا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا دائىر خىتاي باش كونسۇلى بىرەر ئىشارەت ياكى ئالامەت بەرمىدى، ئۇنداق ئىش يوق، زۇلۇم يوق، شەرقىي تۈركسىتانلىقلارغا زۇلۇم قىلىنمىدى، دېدى. ئەگەر زۇلۇم قىلىنىۋاتىدۇ دېيىلگەن بولسا، بىز بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىمىز، زۇلۇم قىلىنماسلىق ئۈچۈن، ھەقسىزلىق بولماسلىق ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيمىز دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمىدى، يەنى خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۇيغۇرلار بولسۇن، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار بولسۇن، ئۇلارغا نىسبەتەن خىتاينىڭ سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا ھېچقانداق ئىشارەت كۆرمىدىم، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن، شەرقىي تۈركسىتانلىقلارغا قىلىنىۋاتقان خىتاي زۇلۇمى داۋام قىلىدۇ دەپ ھېس قىلىۋاتىمەن.

بۇ ھەقتە بىز تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.