خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسولخانىسى `ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي يۈزى` ناملىق CD پىلاستىنكىسى تارقاتتى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىى `5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي يۈزى` ناملىق CD پىلاستىنكىسى تارقاتماقتا. CD پىلاستىكىسىنىڭ مۇقاۋىسىغا تۈرك تىلىدا` 5 تەممۇز ئۈرۈمچى ئولايىنىن ئىچ يۈزۈ` دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئاستىغا كۆيدۈرىۋېتىلگەن ئاپتوموبىللار ۋە تاياق يېگەن خىتايلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.

0:00 / 0:00

بۇ CD پىلاستىنكىسى تۈركىيىدىكى ھەر قايسى ئىدارە - جەمئىيەتلەرگە، ئاخبارات ئورگانلىرىغا، ھەر قايسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا، تونۇلغان زاتلارغا ۋە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىغا تارقىتىلغان. لىنتىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇلاردىن باشقا لىنتىدە يەنە، پەقەتلا ئۇيغۇرلار خىتايلارنى ئۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەرگە يەر بېرىپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇرغان كۆرۈنۈشىگە پەقەت يەر بېرىلمىگەن.

شۇڭا تۈركىيىدىكى شەرقىي تۇركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ ھوججەتلىك فىلىمگە `يالغان ھۆججەتلىك فىلم` دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان. بىز بۇ CD پىلاستىنكىسى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇلار، خىتايلارنىڭ ۋەھشى يۈزىنىڭ 5 - ئىيۇلدا يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتلار بىلەن تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ، شۇنداقلا تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.