نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ مىلياردېر بولۇۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىق سەۋەبلىرى ھەققىدە كۈچلۈك مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتە مىلياردېرنىڭ بايلىقى
ئۆتكەن ئاي خىتايدا 2008 - يىلدىكى ئادەتتىن تاشقىرى يۈز باي ئېلان قىلىندى، بۇ زەردارلار سەھنىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى 6 مىلياردېرنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى دېققەتنى تارتىدىغان بىر نۇقتا بولغان ئىدى. چۈنكى بۇ ئۇيغۇر ئېلى بايلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىك بىرەر مىللەت بايلىرى يوق بولۇپ ئالتە مىلياردېرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدىن كەلگەن يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە تۆت قارار ئەڭ يۇقىرى ھوقوقنى تۇتۇپ كېلىۋاتقان ۋاڭ لېچۇەننىڭ يۇرتى بولغان شەندۇڭنى ئاساس قىلغانلىقى، بۇ مىلياردېرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مالىيە كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگىدەك بايلىققا ئىگە بولۇشى قاتارلىق تەرەپلەر ھەممىنىڭ مۇلاھىزە تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى.
خىتايدا بۇ يىل ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن 100 مىلياردېرلار تىزىملىكىدە 61 - ئورۇنغا ئۆتكەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى گۇاڭخۇي شېركىتى لېدىرى سۈن گۇاڭشىننىڭ ئىگىلىگەن بايلىقى ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، سەككىز مىليارد يۇەن بايلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇ تىزىملىككە كىرگەن مىلياردېرلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا، خۇالىڭ گۇرۇھى لېدىرى مى ئېنخۇا 4 مىليارد بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، جىڭنيۇ گۇرۇھى لېدىرى فېڭ لى ئىككى مىليارد 400 مىليون بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا، يەنە، تەڭرىتاغ ئالاھىدە تىرانسفورماتور چەكلىك شېركىتى دېرىكتورى جاڭ شىن، خۇڭجىڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى لى جيەنخۇڭ قاتارلىق شېركەت، گۇرۇھ لېدىرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر مىليارد يۇەن بايلىقلىرى بىلەن تۆتىنچى، بەشىنچى ئورۇندا بولۇپ، بۇ يىل يەنە بىر مىليارد يۇەن بايلىقى بىلەن يېما تاشقى سودا شېركىتى دېرىكتورى چېن جىفېڭ مىلياردېرلار سەھنىسگە چىققان.
ئالدىنقى بەشى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتتقى چىققان مىلياردېرلار بولۇپ، بۇلتۇرقى مىلياردېرلار تىزىمىدىكى مېيكې مەبلەغ سېلىش شېركىتى دېرىكتورى فېڭ دۇڭمىڭ بۇ يىلقى زەردارلار ئىچىگە كىرەلمىگەن.
بۇ ئالتە نەپەر مىلياردېر ئىگىلىگەن ئومۇمىي بايلىق 17 مىليارد ئۈچ يۈز مىليونغا يەتكەن،سىتاتىستىكىلىق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇلتۇرقى ئومۇمىي مالىيە كىرىمى 48 مىليارد 400 مىليون بولۇپ،ھېسابلىغاندا بۇ ئالتە نەپەر مىلياردېرنىڭ ئىگىلىگەن بايلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇلتۇرقى مالىيە كىرىمىنىڭ %30 گە باراۋەر كېلىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىلياردېرلار ئاساسەن شەندۇڭلۇق
خىتاي ئاخباراتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆتۈرۈلگەن بۇ بايلار ھەققىدە تازا كۆپتۈرۈپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان شۇنىڭدەك خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىپ بېيىغان بۇ تەلەيلىك خىتاي بايلىرىدىن پەخىرلىنىپ، بەزىلىرى قىزغىنىپ، بەزىلىرى قىزىرىپ غۇلغۇلا قىلىۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولسا بۇ ئالتە مىلياردېر ھەققىدىكى خەۋەرلەر باشقىچە ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى، يەنى ئۇيغۇر زېمىنىدا بىرەر يەرلىك مىللەتنىڭ مىلياردېر قاتارىغا كىرەلمىگەنلىكى ئۇيغۇرلاردا بەكرەك قىزىق تېما نۇقتىسى بولماقتا.
بايلىق ماكانى، مىۋە - چىۋە ماكانى، خىتايدىكى نېفىت، پاختا بازىسى، ئېنىرگىيە بازىسى، ئاشلىق بازىسى ھېسابلانغان، خىتاينىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن، يىگىرمە مىليوندىن ئارتۇق نوپوسقا ئىگە ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتە مىلياردېرنىڭ چىقىشى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىلياردىرلارنىڭ ئەمەليەتتە خىتاي كۈچمەنلىرى بولۇشى خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ ئوخشاشلا تۈرلۈك مۇنازىرىلەرگە مەيدان ھازىرلىغان مەسىلە بولماقتا.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن مۇلاھىزە ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار قاتارىغا كىرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەردارلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە 1990 - يىللاردىن باشلاپ ئىگىلىك تىكلىگەن كۆچمەنلەر، شۇنداقلا بۇلاردىكى بىر ئورتاقلىق ئۇلار ھەممىسى شەندۇڭنى ئاساس قىلغان خىتاينىڭ شەرقىي قىسىملىرىدىن كەلگەن.
شۇڭا مەيلى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بولسۇن ياكى خىتاي تور بەتلىرىدە بولسۇن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ مىلياردېرلارنىڭ قانداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، قانداق بېيىغانلىقى نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلغان. بەزىلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋاڭ لېچۇەن باشلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمرانلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغاچقا مەبلەغ سېلىش، سودا پۇرسەتلىرى ھەم ئۇچۇر، شارائىتلىرىغا ئېرىشەلىگەن.
ھېسابلىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ ئالدىدا سانالغان باي سۈن گۇاڭشىننىڭ ئىگىلىگەن بايلىقى بىر يىل ئىچىدە ئالدىنقى يىلدىكى تۆت مىليارد 500 مىليوندىن كۆپىيىپ 8 مىلياردقا يەتكەن. خۇالىك گۇرۇھى لېدىرى مى ئېنخۇانىڭ بولسا بۇلتۇرقى بىر مىلياردتىن كۆپىيىپ 4 مىلياردقا يەتكەن.
بىر نانغا زار ئۇيغۇر

بۇ ئالتە نەپەر مىلياردېر ھەققىدىكى خەۋەر ئاپتونوم رايوندا ئاساسلىق مىللەت، ئاساسىي خوجايىن ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ئورنىنى سېلىشتۇرۇپ ئويلايدىغان بىر سىگنال بولماقتا.
ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن نېمە ئۈچۈن مىلياردېرلار چىقمايدۇ؟ ئۇيغۇردا پۇل بارمۇ ؟ ئۇيغۇرنىڭ بايلىقى، بايلىرى قېنى؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىمەكتە.
بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىگىرمە مىليون بەش يۈز مىڭ نوپۇس ئىچىدە، خىتايدىن باشقا مىللەتلەر %60 تىن كۆپرەك نوپۇسنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ سىتاتىستىكىسى بۇيىچە توققۇز مىليون تۆت يۈز 43 مىڭدىن ئاشىدىغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ %80 تىن كۆپرەكى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ %90 تىن كۆپرەكى ئاساسەن دېھقانچىلىقتىن كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ %60 نىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى چاچقاندا كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتى ئىككى يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئىككى يۇەنگە ھەتتا بىر نانمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.
دەرۋەقە ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى ئىككى مىڭ يۇەنگىمۇ يەتمەيدۇ، بۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيە كىرىمى ئۆلچىمىدىن يەنە بىر مىڭ يۇەن تۆۋەن.
خوتەن، قەشقەرنىڭ يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، دېھقانلار بىر يىل جاپالىق ئىشلەپ ئىقتىساد قىلىپ تېجىسىمۇ، دۆلەتنىڭ، رايوننىڭ، يېزىنىڭ ئۆز ئالدىغا بېكىتكەن باج - سېلىق تۆلەملىرىنى چىقىرىۋەتكەندە ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنىڭ قولىدا ھېچقانچە پۇل قالمايدىكەن ھەتتا بەزىلىرى قەرز بولۇپ قالىدىكەن.
خىتايدىكى مىلياردېرلارنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىلياردېر، مىليونېرلارنىڭ ھېچقايسىسى دېھقاندىن چىقمىغان. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرى دېھقانچىلىق، تۇرمۇش خىراجەتلىرىدىن، ھاشا، ئالۋاڭ، باج سېلىقتىن ئېشىنىپ باي بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىككى قولىنى سېلىپلا كېلىۋاتقان مىليونلاپ ئىشلەمچىلەر پەقەت پاختا تېرىش ئارقىلىقلا ئۈچ ئاي ئىچىدە مىليارد پۇل تېپىپ قايتىشماقتا. ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېخى ساقلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان ئەمەس، ئەمما خىتاي دېھقان ئىشلەمچىلىرىنى دۆلەت يۈز مىڭ يۇەندىن ئاجرىتىپ ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا ئىگە قىلدى.
ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ
ئۇنداقتا ئاز كەم 10%نى تەشكىل قىلىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر، بەش پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغان باشقا كەسىپلەرنى ۋە تىجارەت يوللىرىنى تۇتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىنچۇ بىرەر مىلياردېر چىقىشىدىن ھازىرقى شارائىتتا ئانچە ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆي سېتىۋېلىش، بالا ئوقۇتۇشقا ئوخشاش ئەڭ ئېھتىياجلىق تۈرلەرگە بار مەبلىغىنى سېلىپ ھاردى.
ئېشىنغانلىرى بىرەر ئاپتوموبىل سېتىۋالالىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مىلياردېر بولۇشىدىن ئۈمىدلىنىش بىر ئەخمەقلىق ئىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنازىرە قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ باي بولۇشىدىن قورقىدۇ، شۇنداقلا تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنى يىقىتىدۇ ۋەيران قىلىدۇ،خىتاي ھۆكۆمىتى ئۇيغۇرلارنى تۇرمۇش غېمىدىن قۇتۇلمايدىغان ۋەزىيەتتە قانچە ئۇزۇن تۇتسا، ئۇلارغا باشقىنى ئويلايدىغانغا پۇرسەت بەرمىسە، " مۇقىملىقنى شۇنچە ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
خىتاي بۇيىچە 10 چوڭ باي ئايال قاتارىغا كىرگەن رابىيە قادىرنىڭ مال مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىپ، ھەتتا تۈرمىگە ئېلىنىپ، ئۆزى چەتئەلگە پاناھلانغان بولسىمۇ، ھازىر بالىلىرىغىچە خىتاينىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالماسلىقى، قۇلماق شېركىتى دېرىكتورى ئەكرەمنىڭ قارا چاپلىنىپ چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىدەك ۋەقەلەر بۇنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلمىغىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ كۈچمەن يۆتكەش، بايلىق بۇلاڭچىلىق، باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن خالى بولمىغىچە، ھەر قانچە تىرىشسىمۇ ھەقىقىي باي بولالمايدۇ.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە بۇ ئالتە مىلياردېر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشىمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەن. ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچمەن خىتايلارغا يولغا قويغان سىياسىتىدىن بېيىغان ئالتە نەپەر مىلياردېر ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇيغۇر ئېلىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلار پەقەت خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقىي تەرەققى قىلغان، بېيىغان، راۋاجلانغانلارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەمەلىي مىسال بولسا كېرەك دەپ قارىماقتا. دېمەك ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كۈچمەنلەر مىلياردېرلارغا ئايلانسا، ئۇيغۇرلار بىر نانغا زار بولماقتا.