خىتاي ئىقتىسادىدىكى 'قاراڭغۇ ھاڭ' لارنىڭ تېگى كۆرۈنۈشكە باشلىدى

خىتاينىڭ دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى 2007‏ - يىلىدا %13 ئۆرلىگەن، 2008‏ - يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، %10 گە چۈشۈپ قالغان، ئىككىنچى پەسىلدە %9 گە چۈشۈپ قالغان، ئۈچىنچى پەسىلدە %6 گە چۈشۈپ قالغان.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، بۇ يىل چاغان ئۈچۈن باشلانغان كەڭ كۆلەملىك نوپۇس كۆچۈشتىمۇ تىجارەت مىقدارى يۇقىرى ئۆرلىمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر چاغان بايرىمىدىن كېيىنكى جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىقتىن ئەنسىرىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى قاۋاقخانىلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى قاتتىق ئېلىپ بارماقتا

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنى فۇجەندە 'لادىن' ناملىق بىر قاۋاقخانىغا ئېتىلداق سەۋەبىدىن ئوت كېتىپ 17 ئادەم ئۆلگەن، 20 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ 19ى تېخىچە خەتەر ئىچىدە. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ - كىچىك مېھمانخانىلارنىڭ قاۋاقخانا ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى قاتتىق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

كىشىلەرنى ئەيشى - ئىشرەت بولىدىغان سورۇنلاردىن، ئېتىلداق ئېتىلغان جايلاردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، شېنجىندىمۇ بىر چوڭ قاۋاقخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ كۆپ ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، بۇنداق ھادىسە باشقا جايلاردىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 'ئاي توقاچ بايرىمى' دا قۇش زۇكامىدىن ساقلىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مۇشۇ چاغان بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە خىتايدا يەنە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىلىرى كۆرۈلدى. مۇشۇ يىل كىرگەندىن كېيىن قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلاردىن 5 ى ئۆلدى.

خىتاينىڭ سەھىيە مىنىستىرلىكى چاغان بايرىمى مەزگىلىدە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىدىن ساقلىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كەلگەن ئىدى. ھازىر يەنە، چاغاندىن كېيىنلا ئۆتكۈزۈلىدىغان 'ئاي توقاچ بايرىمى' دا قۇش زۇكامىدىن ساقلىنىش ھەققىدە يەنە ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.

خىتاي شەھەرلىرىدە 130 مىليون ئاققۇن بار

2 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا خىزمەت رەھبەرلىك ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى چېن شىۋېننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي شەھەرلىرىدە ھازىر يېزىلاردىن چىقىپ كېتىپ مەدىكارچىلىق قىلىۋاتقان 130 مىليون ئاققۇن بار.

بۇلاردىن 20 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم مۇشۇ چاغاننىڭ ئالدى - كەينىدە، خىتايدا ئىقتىساد ناچارلىشىپ كەتكەنلىكتىن ، دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى تەرەققى قىلغان رايونلاردا زاۋۇتلار تاقىلىپ كېتىپ ئىشسىز قالدى. ئاققۇنلار ھازىر يېزىلارغا يۈزلەنمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلارغا مال سېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى جانلاندۇرماقچى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ۋېنخۇي گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنى تارقاتقان 'بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججەت' تە، يېزىلارنى ئىچكى ئېھتىياجنى (خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى) ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشنى، يەنى دېھقانلارغا مال سېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن دېھقانلارغا بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىگەن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى ئېھتىياجنى (خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى) ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ، ئائىلىلەردە قوللىنىلىدىغان رەڭلىك تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىر ئالغۇ، كۆچمە تېلېفون، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، قاتارلىق ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا چۈشۈرمەكتە. يېزىغا چۈشۈرىدىغان بۇ ماللارغا موتوسېكىلېتنىمۇ قوشۇپ قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالغان دېھقانلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشنى قارار قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ چارىنى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ 'ئۈنۈملۈك دورىسى' دەپ قارىماقتا.

بۇ يىل خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات %5 گە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى جوھن خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى بوتتېلېير ئەپەندىنىڭ كارنىجى فوند جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىشىچە، 2009‏ - يىلىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى قاراڭغۇ ھاڭلارنىڭ تېگى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بۇ يىل خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات %5 گە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گۇمران بولۇشى ناتايىن. ئەگەر خىتاي بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قىزىل رەقەم ئازلىسا، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېھتىياج (خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى) ئاشسا، يېزا سىياسىتى مۇقىم بولسا، بەلكى بۇ نىسبەت يەنە يۇقىرى ئۆرلەپ %7 دىن %8 گىچە يېتىش ئېھتىمالىمۇ يوق ئەمەس.

دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى قوزغىتىش ئۈچۈن ھازىر قوللىنىۋاتقان سىياسەتلىرى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتىدە، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا - تىجارەت مەسىلىسىدە جورج بۇش ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت قوللىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، بەزى چاغلاردا قاتتىق ئېلىشىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.