پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىدىغان خىتاي - ئامېرىكا سىتراتىگىيىلىك ئىقتىسادى سۆھبىتىدە، ئامېرىكا تەرەپ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى بازار ئابورتى بىلەن تەڭشەشنى يەنە تەلەپ قىلماقچى ئىدى. لېكىن سۆھبەت باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى يەنە چۈشۈپ كەتتى. بۇ ۋەقە تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمىغان.
خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىشنى توختۇتۇپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قىممەتنى بازار ئابورتى بىلەن تەڭشەش ئامېرىكا ئۈزلىكسىز تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بۇ مەسىلە پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىدىغان ئامېرىكا - خىتاي سىتراتىگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىناتتى. لېكىن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون رەھبەرلىكىدىكى خىتاي - ئامېرىكا سىتراتىگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ باراي دېگەندە، بىر دوللارنىڭ شاڭخەي پايچىك بازىرىدىكى باھاسى 6 سوم 87 تىيىن 83 سېنتكە ئۆرلىگەن.
يۈەننىڭ باھاسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي 5 - نۆۋەتلىك سىتراتىگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىنى باشلاي، دەپ تۇرغاندا ئۆرلەپ كەتكەنلىكى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمايتتى. بۇ ھادىسە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا پاسسىپ بالانىسى تارىخىي رېكورت ياراتقان، ئامېرىكا ئىقتىسادى رەسمى چېكىنىش دەۋرىدە تۇرىۋاتقان شۇنداقلا ئامېرىكا خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن.
يۈەننىڭ قىممىتى چۈشۈپ دوللارغا ئالماشتۇرۇش باھاسى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ھارپا كۈنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون ۋاشىنگتوندىكى يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي - ئامېرىكا سىتراتىگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا بەزى يىپ ئۇچلىرىنى بەرگەن، يۈەننىڭ دوللار ئالدىدىكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
خەلق پۇلى ئىسلاھاتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ خىتاي ئىچكى ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقى، ئۈنۈمدارلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئاچقۇچى ھىساپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پائۇلسون، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا ئېكسپورت سودىسىغا تايىنىشنى ئازايتىش، ئىچكى بازار ئېھتىياجىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": خىتاي، ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشكە كۆچۈشىدە يۈرەكلىك رەھبەرلىك ۋە كەسكىن قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، ئائىلىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچكى ئىقتىسادىدىكى مەبلەغ تەقسىماتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بىز دائىم شۇنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز، پۇل ئىسلاھاتىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش بۇ جەرياننىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى."
خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ يۈەننىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. يۈەن ھازىرغا قەدەر %20 ئەتراپىدا قىممەتلەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا يەنىلا بۇ يۈەننىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى، يۈەننى بازار ئابورتى بىلەن تەڭشەشنىڭ زۆرۈرلىكى، يۈەننىڭ قىممىتى يەنىلا مونوپولىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئامېرىكا كارخانا ساھەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى چۈشۈرۈپ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت ماللىرىغا ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودىدا ئامېرىكىنىڭ سودا قىزىل رەقىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 11 - ئايدىكى مەلۇماتىدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قەرز ئىگىسى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى، ئامېرىكا تارقاتقان ھەر 10 دوللار قەرزنىڭ 1 دوللىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ دۆلەت غەزىنىسىدىكى 2 ترىلىئون دوللار تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىنىڭ ئاز دېگەندە %75 ئىنى دوللار ئىگىلىگەن. ئامېرىكا سىياسى ساھەسىدىكى بەزى ئەرباپلار خىتاينىڭ دۆلەت غەزىنىسىدىكى دوللارنى كەڭ - كۆلەملىك سېتىشقا چىقىرىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زەربە بېرىش ئېھتىمالى بار - يوقلىقىنى تالاش تارتىش قىلىشقان ئىدى. 2007 - يىلى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مۇتەخەسسىسى ئەگەر ئامېرىكا جۇڭگونى قىستىسا، جوڭگۇنىڭ دۆلەت غەزىنىسىدىكى دوللارنى كەڭ - كۆلەملىك سېتىشقا چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پرېزىدېنت بۇش، يۇقىرىقى مۇتەخەسسىسنىڭ پىكىرىنى " تەلۋىلىك" دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.
مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا خىتاينىڭ غەزىنىسىدىكى دوللارنى سېتىشقا چىقىرىپ، خىتاي دۆلەت غەزىنىسىدىكى دوللارنى ئازايتىدۇ، دەپ ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتاي ئامېرىكىغا " ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان شېرىك ۋە پايچىك بولۇپ كەلگەن شۇنداقلا بىز بىلەن ئۈزلىكسىز بىرگە تۇرىدۇ ھەم قەرزىمىزنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ، دەپ قارايمىز،" دەيدۇ.
مۇھىت، خەلق پۇلى، ئېنىرگىيە مەسىلىسى بېيجىڭدىكى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ قاتارىدا بولۇپ، مۇھىت ۋە ئېنىرگىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تالاش - تارتىشتىكى مەسىلىلەر ئىدى. ئىككى تەرەپ 6 - ئايدىكى 4 - نۆۋەتلىك سىتراتىگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىدە ئېنىرگىيە مۇھىت ھەمكارلىقى كېلىشىمى تۈزگەن. كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئىككى دۆلەت ئىچىملىك سۇ بايلىقى، قاتناش، ئېلىكتىر ئېنېرگىيىسى، ھاۋانى تازىلاش، ئېچىلمىغان يەر ۋە تەبئىي بايلىقلارنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. پائۇلسون، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا يۇقىرىقى كېلىشىمدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغان كونكىرىت ماددىلىرىدا كېلىشىم تۈزۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئانالىزچىلاردا خىتاي نۆۋەتتىكى يەر شارى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن يۈەننىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت سودىسىنى جانلاندۇرماقچى بولىۋاتامدۇ، دېگەن گۇمان ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شاڭخەيدىكى ئىقتىساد ئانالىزچىسى فېڭ يۈيمىن، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىدىكى يېقىنقى چۈشۈشكە باھا بېرىپ، "بۇ جۇڭگو مەركىزى بانكىسى يۈەننىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ، ئېكسپورتنى جانلاندۇرۇش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جوڭگۇنىڭ ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى بولۇشى مۈمكىن" دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن ئانالىزچىلار ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى يۈەننىڭ قىممىتىنى مەقسەتلىك چۈشۈرگەن بولسا، بۇ ئامېرىكا تەلەپ قىلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ تام تەتۈرى بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا 2 كۈنلۈك ئامېرىكا - خىتاي سىتراتىگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتى ئاسانغا توختىمايدۇ، دېگەنلىكتۇر، دەپ قاراشماقتا.