بۇ دوكلاتنى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا تونۇشتۇرغان چېنسى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، راند شىركىتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا خىتاي ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەقىلگە مۇۋاپىق باھا ۋە كەسكىن تەنقىدلەر كىشىلەرنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇ دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە.
دۇنياغا بىر 'ساغلام خىتاي' كېرەك
راند شىركىتىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر 20 - ئەسىردە خىتاي بىر باي ھەم بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ تۇرغان بولسا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تامامەن ئۆزگىچە بولغان بولاتتى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىمۇ، ئىككىنچى قېتىملىق ياۋروپا ئۇرۇشىمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. خىتايمۇ ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزىنى ئۆزى توسالىغان بولاتتى. 'ياپونىيە پەيدا قىلغان پىرولخاربور' ۋەقەسىمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى ۋە ئامېرىكىمۇ بۇنداق توقۇنۇشلاردا ئۇنچىۋالا كۆپ چىقىم تارتمىغان بولاتتى، بۇنىڭغا ئۇلاپ يەنە مىليارد نوپۇسلۇق خىتاي ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېغىر بەدەل تۆلىمىگەن بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنياغا بىر 'ساغلام خىتاي' كېرەك.
ئۆتكەن ئەسىردە خىتايدا پەيدا بولغان مۇھتاجلىق ياپونىيىنى زەئىپلىكتىن قۇتقۇزغان ئىدى
راند شىركىتىنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن ئەسىردە ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى، خۇددى بىرلا قەغەز ئېچىلىپ كەتسە، قالغىنى پۈتۈنلەي ئاشكارا بولۇپ قالىدىغان 'دومىنو كارتى' دەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، دۇنياغا خىيىم - خەتەر پەيدا قىلغاندا، خىتايدا پەيدا بولغان مۇھتاجلىق ياپونىيىنىڭ زەئىپلىكتىن قۇتۇلۇپ باش كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ خىتاينىڭ 'ياردىمى' بىلەن ئۆزىگە كەلگەن خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدى.
شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال، خۇددى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خىتاينى يەرشارىلاشتۇرۇشتا، خىتاي تەبىئي ھالدا ئامېرىكىنىڭ مال ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلىنىپ، ئۇ نىڭ مەنپەئەتى ئامېرىكىغا تەككەندەك بولغان ئىدى.
خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قوشقان تۆھپىسى
راند شىركىتىنىڭ قارىشىچە، كوكاكولا شىركىتىنىڭ 'دۇنيادا بىر مىليارد بوتۇلكا كوكاكولا ساتالايدىغان بولۇش ' دېگەن شىرىن چۈشى خىتاي بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى. GM شىركىتى قازانغان پايدىنىڭ كۆپ قىسمى، ئۇنىڭ بازارغا يارىمىغان ئاپتوموبىللىرىنى خىتايدا ناھايىتى كۆپ سېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشتى.
IBM شىركىتىنى خىتاي سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ شىركەتنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرگەن ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەل بولدى. خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ماللىرى تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەن ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپە قوشتى.
قارىماققا خىتايلار ھازىر دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايدۇ
راند شىركىتىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى زامانغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان سىستېما، دۇنيادىكى ئەڭ ناچار بانكا - خىتاي بانكىلىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدا قۇرۇلغان شىركەتلەر ھامان تېز سۈرئەت بىلەن زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغان شىركەتلەر بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتايدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى.
مالىيە سىياسىتىنىڭ نورمالسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، خىتايدا نۇرغۇنلىغان ئۆتكۈنچى دەۋر خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارلا تاماملاندى. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا تۆمۈر، قەلەي، سېمونت قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياج ئاشتى. ھازىر ياپونلارمۇ، خىتايلارمۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايدىغاندەك كۆرىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ مالىيىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئوبدان كۆزىتىدىغان بولسا، ئۇنىڭدا ناھايىتى چوڭ 'قاراڭغۇ ئازگال' بارلىقىنى پەرق ئېتىش مۇمكىن. ياپونلار 90 - يىللاردا مۇشۇنداق قاراڭغۇ ئازگالغا كىرىپ قالغان ئىدى، ئۇ ھازىرمۇ تېخىچە بۇ قاراڭغۇ ئازگالدىن ئۆمىلەپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
ئەمما خىتاي تېخى ئۇنىڭدىن ئۆمىلەپ چىقىشقا ئىنتىلگىنى يوق. كەلگۈسىدە خىتايلار ئۆزىنىڭ ھازىرقىدەك 'چەكسىز ئاچكۆزلۈكى' ئۈچۈن نادامەت چېكىدىغان كۈنگە قالىدىغانلىقى ئېنىق.
2020 - يىلىغا يەتكەندە خىتاي ئىنتايىن نامرات دۆلەتكە ئايلىنىدۇ
راند شىركىتىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا، ھەر يىلى سانى ئامېرىكا نوپۇسىغا باراۋەر ئادەم يېزىلاردىن شەھەرلەرگە يامراپ كېلىدۇ. ئۇلاردىن 12 - 13 مىليون ئادەم ئىش ئىزدەيدىغان قوشۇنغا قاتنىشىدۇ. بۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە پەيدا قىلىدىغان تەسىرىنىڭ يامانلىقى ئامېرىكىدىن كۆپ ئارتۇق.
ھازىرقى ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2020 - يىلىغا يەتكەندە، خىتايدا ئىشلەيدىغانلار بىلەن ئىشلىمەيدىغانلارنىڭ نىسبىتى بۇزۇلۇپ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ يامان ئەھۋال پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ياپونىيىدىكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇنى خىتايدا نوپۇسنىڭ قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر ھازىر بۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىقتىسادى سەددىچىنگە سوقىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە قارىغاندا، 2020 - يىلىغا يەتكەندە خىتاي ئىنتايىن نامرات دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.
خىتاي جەمئىيىتى ساغلام تەرەققى قىلالمايۋاتقانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى نېمە؟
راند شىركىتىنىڭ قارىشىچە، خىتايلاردا سەمىمىيلىك ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق يوق. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ دۆلەتكە ۋە جەمئىيەتكە ئۆتەشكە تىگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ياكى بۇرچىنى چۈشەنمەيدۇ. خىتاينىڭ مەدەنىيىتى ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان مەدەنىيەت بولغاچقا، خىتايلار ئادەتتە پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغىلا كۆيۈنىدۇ.
خىتايلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى مەنپەئەت ئالسىلا بولدى. باشقىلارنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتكە قېلىشى بىلەن خىتايلارنىڭ كارى يوق. بۇنداق ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان يەنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغىلا كۆيۈنىدىغان ئەخلاقتىن پەقەت شەخسىيەتچىلىك ۋە شەپقەتسىزلىكلا كېلىپ چىقىدۇ، مانا بۇ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلالمايۋاتقانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى.