راند شىركىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى (3)
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.06.30
2008.06.30
بۇ دوكلات 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا قىسقارتىپ ئېلان قىلىنغاندا ئەسكەرتىلىشىچە، راند شىركىتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا خىتاي ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەقىلگە مۇۋاپىق باھا ۋە كەسكىن تەنقىدلەر كىشىلەرنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ. تۆۋەندىكى بايانلار بۇ دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى.
خىتاي ھازىر كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى ئىككى چوڭ قەبىھ ئىللەتنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالدى
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھازىر مۇھىت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بۇزۇلۇشىتىن ئىبارەت كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى ئىككى چوڭ قەبىھ ئىللەتنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. خىتايلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ئاچكۆزلۈك، ئۇلارنىڭ كاپىتالىزىمنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنىلا قوبۇل قىلىشغا سەۋەب بولدى.خىتايلار بۇ جەرياندا، غەربنىڭ تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىغىلا قىزىقىپ، ئۇنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى سەمىمىيلىك، ئوچۇق - يورۇقلۇق پەزىلىتىگە سەل قاراپ، پەقەت پايدا - مەنپەئەت قوغلىشىشقىلا كىرىشىپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھۆرمىتىنى يوقاتتى.
خىتايلار ئۆز ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەدەنىيىتى جۈرئەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئېسىل روھنى رىغبەتلەندۈرمەيدۇ. شۇڭلاشقا، خىتايلار ئۆز ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىش ۋە تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزلەشكە جۈرئەت قىلمايدۇ. خىتايلار ھاياتىنى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە ئەمەس، پەقەت ماددىي مەنپەئەت قازىنىشقىلا كىرىشىپ كەتتى.خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى 'مەنىۋىي ئىلھام'، 'ئەركىن ئېتىقاد'، 'ئەقىلىي ساغلاملىق' دېگەن ئۇقۇملارنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار تەن بىلەن روھ بىرلەشكەن ھاياتلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ھەۋەسلىرى تېخىچە ھايۋانلاردا بولىدىغان جىنسىي ۋە يېمەكلىك جەھەتتىكى ئاچكۆزلۈك باسقۇچىدا تۇرماقتا.
خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتى، ئۇنى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئەرزان مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ماددى ئەشياغا باي دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مائارىپ سىياسىتى، ئۇنى پەقەت ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى ۋە ئەرزان مەھسۇلاتلارنى چەكسىز ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.خىتاي ئېكسپورت قىلىۋاتقان ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى ئىچىدە ھەتتا يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ئەمگەك كۈچلىرىمۇ بار. مائارىپ سەۋىيىسى يۇقىرى ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەتتە جىسمانىي كۈچىدىن باشقا ئىشلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولمىغان ئەمگەك كۈچلىرى خىتايدا ئانچە پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ.
خىتاينىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغان سىستېما
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغان ياكى كىشىنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرىدىغان سىستېما. ئۇ ھېچقاچان مائارىپنىڭ ئەسلىدىكى مۇلازىمەت نىشانى بولغان جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. جەمئىيەتنى كېرەكلىك نەرسە بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. ئۇ جەمئىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالىمايدىغان، بەلكى پەقەت جەمئىيەتتىكى مەنپەئەتلەردىنلا بەھرىمان بولۇشنى كۆزلەيدىغان پۇرسەتپەرەسلەرنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ جەمئىيەتكە ئەۋەتىدۇ.خىتايلارنىڭ نەزىرىدە مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش ھەقىقەت ئىزدىنىش ياكى ياشاش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ داغدام يولى ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە مەرتىۋىسىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. خىتايدا زىيالىيلار باشقا كىشىلەرنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشنى ئەمەس، بەلكى باشقىلار تەرىپىدىن ھۈرمەتلىنىشنى ئىزلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقەت بىلەن ئەخلاققا ئىنتىلمەيدىغان، پەقەت ئېمتىھان بېرىشنىڭ ئېپىنى بىلىۋالغان يەمخورلار.
خىتايلاردا ئەقىل كام ئەمەس، ئەڭ كام نەرسە جۈرئەت بىلەن ۋىجدان
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا گەرچە يۇقىرى قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا مۇستەقىل ھالدا ئىگىلىك باشقۇرالايدىغان لاياقەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ناھايىتى ئاز يېتىشىپ چىقىدۇ. جەمئىيەت ئۈچۈن ياكى بىر شىركەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا تېخنىكا بولسىلا ھېساب ئەمەس، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قابىلىيىتىگە ئىگە، جۈرئەتلىك، شىجائەتلىك، ۋىجدانلىق ئادەم كېرەك. مانا بۇ كۆپ سانلىق خىتايلاردا كام خىسلەت.خۇددى 11 - ئەسىردە ئۆتكەن غەرب مىسسىئونىرى سىمىس ئېيتقاندەك، خىتايلاردا ئەقىل كام ئەمەس، ئەڭ كام نەرسە جۈرئەت بىلەن ۋىجدان. بۇ، گەرچە بۇنىڭدىن يۈز يىل بۇرۇنقى باھا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خىتايدىكى ھازىرقى ئۇنىۋېرسال كېسەللىككە قويۇلغان دىئاگنوز بولۇپ تۇرۇپتۇ.
خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر قايسى يولغا مېڭىشنى بىلەلمەي ئىتتەك تېڭىرقاپ يۈرىدۇ
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشنى ياكى چەتئەللەردە ئىش تېپىپ جان بېقىشنى نومۇس دەپ بىلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ خەلققە مائارىپ قەرزى بارلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.خىتايدا ئەنئەنىۋىي قىممەت قارىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كۈندىن - كۈنگە زەئىپلىشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى، ھەتتا يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەنلەرمۇ، ھازىر مەنىۋىي دۇنيانىڭ مەنزىل بەلگىلىرى ئالدىدا قايسى يولغا مېڭىشىنى بىلەلمەي ئىتتەك تېڭىرقاپ يۈرىدۇ.