گېنېرال جاسۇس ۋەقەسىدىن تەيۋەن، خىتاي، ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر

تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا، تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى گېنېرال مايورىنىڭ، 9 يىلدىن بۇيان كوممۇنىست خىتايغا جاسۇس بولۇپ ئىشلىگەنلىنى پاش قىلدى.

0:00 / 0:00

«ۋولت سترىت» گېزىتى نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، مەيلى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن، تەيۋەن بىلەن كوممۇنىست خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ھەممە جەھەتتىن پەسەيدى. ئەمما، بۇ قېتىم تەيۋەندە پاش قىلىنغان جاسۇسلۇق دېلوسى تەيۋەندە جىددىيلىك پەيدا قىلدى.

تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى لو شيەنجېنىڭ توققۇز يىلدىن بۇيان كوممۇنىست خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرى، ئەمدى تەيۋەن-خىتاي، خىتاي-ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئۆزىنى قوغدايدىغان قورال سېتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

بۇ قېتىم تۇتۇلغان جاسۇس ئاران بىر، مەنسەپ-ئەمەلىمۇ بەك تۆۋەن

ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورى كوممۇنىست خىتايغا 9 يىلدىن بۇيان جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، تەيۋەن، خىتاي، ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، تەيۋەندە بۇ قېتىم تۇتۇلغان جاسۇسنىڭ سانى بەك ئاز، ئاران بىر، مەنسەپ-ئەمەلىمۇ بەك تۆۋەن، ئەگەر ئۇچۇرنى ئامېرىكا تەمىنلىمىگەن بولسا، ھازىر تەيۋەندە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان گومىنداڭ بۇنداق جاسۇسنى تۇتماسلىقى مۇمكىن ئىدى، چۈنكى ئۇ كوممۇنىست لۈكچەكلىرىدىن قورقىدۇ، ئەگەر تۇتمىسا، ئامېرىكىنىڭ 'سەنمۇ كوممۇنىست خىتاينىڭ جاسۇسىمۇ' دەپ قېلىشىدىنمۇ قورقتى. تەيۋەندە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان گومىنداڭ ھازىر ئۆز ئىچىدىكى بۇ كوممۇنىست جاسۇسىنى تۇتمىسا بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالغان.

ما يىڭجۇ خىتاينىڭ ئىككى قوللۇق سىياسىتىنى بىلمەيدىغان ئادەم ئەمەس

لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ خىتاي ھازىر تەيۋەنگە دوستلۇق ئىپادىلەۋاتىدۇ، تەيۋەن پەقەت خىتاي بىلەن دوست بولۇپ ئۆتكەندە، ئاندىن تەيۋەن ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىدۇ ۋە خەلقئارادا بىر بوشلۇققا ئېرىشەلەيدۇ، دېمەك، پەقەت خىتايلا تەيۋەننى قۇتقۇزالايدۇ، دەپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم پاش قىلىنغان جاسۇسلۇق دېلوسى، گەرچە ما يىڭجۇ خىتايغا ياردەملىشىپ تەيۋەن خەلقىنى ئالداۋاتقاندىمۇ، خىتاي يەنىلا تەيۋەننىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ، خالىغان ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ما يىڭجۇ خىتاينىڭ بىر قولىدا بىرلىكسەپ بايرىقىنى كۆتۈرسە، يەنە بىر قولىدا ئۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەر دائىم تەييار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان دۆت ئادەم ئەمەس، ئۇ خارۋاردنى پۈتتۈرگەن دوكتور، ئەمما ئۇ نېمىشقا بۇنى بىلمەس بولۇۋالىدۇ؟ مەن ما يىڭجۇدىن گۇمانلىنىمەن، ئۇنى كوممۇنىست خىتاينىڭ جاسۇسى دېيىشكە پاكىتىم يوق، ئەمما ئۇنى كوممۇنىست خىتاينىڭ جاسۇسى ئەمەسمۇ دېيەلمەيمەن.

بىز كۆرۈۋاتىمىز، تەيۋەندە ھازىر گېنېراللار ھەربىي سەپتىن چېكىنسىلا تەيۋەندە تۇرماي ئۇدۇل خىتايغا كېتىدۇ، ئۇلار تەيۋەننى تاشلاپ كەتسىلا بولمامتى؟ ياق، ئۇلار تەيۋەننىڭ تەيۋەنلىكنىڭ قولىدا تۇرۇشىنىمۇ خالىمايدۇ.

بۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ گومىنداڭ سېپىدىكى جاسۇسلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن، گومىنداڭنىڭ تەيۋەن خەلقى ئىچىدىكى تەسىرى ئاجىزلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ

لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، تەيۋەندە بۇ قېتىم پاش قىلىنغان جاسۇسلۇق دېلوسى، خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ گومىنداڭ سېپىدىكى جاسۇسلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن، گومىنداڭنىڭ تەيۋەن خەلقى ئىچىدىكى تەسىرى ئاجىزلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ھازىر داۋاملىشىۋاتقان تەيۋەن-خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بۇ، تەيۋەن خەلقىگە پەقەت مىنجىنداڭدەك يەرلىك تەيۋەنلىكنىڭ ئۆزىنىڭ پارتىيىسى ھوقۇق تۇتقاندىلا ئاندىن تەيۋەننىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن سۆز ئىچىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى تەيۋەندىكى گومىنداڭچىلار تەيۋەندە داۋاملىق تۇرىمەن دېسە، ئالدى بىلەن ئۆز ئىچىدىكى كوممۇنىست خىتاينىڭ جاسۇسلىرىنى تازىلىمىسا بولمايدۇ.

بۇ، تەيۋەن-خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ

لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، تەيۋەندە بۇ قېتىم پاش قىلىنغان جاسۇسلۇق دېلوسى تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتى كوممۇنىست خىتايدىن مۇداپىئە كۆرمەيدىغان مۇشۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى ئۆزىنى قوغدايدىغان ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىنلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. ئەمما، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى، ئامېرىكا كوممۇنىست خىتاينىمۇ، گومىنداڭنىمۇ ئوبدان چۈشىنىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن تەيۋەندە شىددەتلىك بوران-چاپقۇن يۈز بەرگەندە، خىتاي ئارمىيىسى تەيۋەنلىكنى قۇتقۇزۇش دېگەن نام بىلەن ئەسكەر ئەۋەتمەكچى بولغاندا، ئامېرىكا بۇ ئىشتا خىتايدىن بۇرۇن تېز ھەرىكەت قىلغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ھازىر ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىمۇ، دەل خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىۋېلىش مەقسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تەدبىر.

لىن باۋخۇانىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر گومىنداڭچىلار كوممۇنىست خىتايدىن ئايرىلالمىسا، ئۆزلىرى تەيۋەننى تاشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇققا كەتسۇن، بۇ تەيۋەنلىكنىڭ ئاۋازى.