خىتاي جاسۇسلىرىدىن ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ سانى 350 تىن ئاشتى

خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئۆتكەن ئايدا ئاسىيلىق قىلغان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى 5‏-ئاينىڭ 28‏-كۈنى، خىتاي جاسۇسلىرىدىن ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ سانى ھازىر 350 تىن ئاشتى دەپ جاكارلىغان ۋە بۇ جاسۇسلاردىن خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات ئورگىنىنىڭ ماشىنىسازلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى گېنېرال مايور ليۇ گۇئاڭجى، مەركىزى كومىتېت ئەزاسى، يادرو ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى كاڭ رىشىن، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى جامائەت ئىشلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى سەي شاۋخوڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نام-ئەمىلىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. 6‏-ئايدا، غەرب ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «لوس ئانجىلىس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېقىندا، ئامېرىكىنى بەش يىلدىن بۇيان خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ «قەتئىي مەخپىي» دەپ بەلگە قويۇلغان ھۆججەتلىرى بىلەن ئۇدۇللۇق تەمىنلەپ تۇرغان مەلۇم بىر مۇئاۋىن مىنىستىرنىڭ 38 ياشلىق كاتىپىنى «ئاسىي» دەپ قولغا ئالغان. ئۇنى، ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەربىيىلەپ كىرگۈزگەن جاسۇس دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىگە تەقسىم قىلىنغان ئوقۇغۇچى ئىدى. شۇنداقلا ئۇ، خىزمەتتە ساداقەت ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك مۇئاۋىن مىنىستىر كاتىپلىقىغا ئۆسكەن.

ئامېرىكىنى خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان بۇ كاتىپنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە «مۇقىملىقنى ساقلاش» دېگەن نام بىلەن ئۆزىنىڭ شتاتىنى كۆپەيتىپ، ھەممە ساھەگە قول تىقىپ، تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى كۆپ قوللىنىشقا باشلىغان ۋە بۇنداق كېڭەيمىچىلىك ئارقىلىق خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. نەتىجىدە بۇ ئىككى مىنىستىرلىق ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ماجىرا چىققان. بۇ ماجىرادا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېڭىپ چىققان. چوڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ھەتتا خۇ جىنتاۋنىڭ تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاشقا جۈرئەت قىلغانلىقى ۋە جازاغا تارتىلمىغانلىقى، گەرچە خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بۇنى سەزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى چەكلىيەلمىگەنلىكىنىڭ مىسالى. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۆزىنى چوڭايتىپ «مۇقىملىقنى ساقلاش» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، گۇئاڭدوڭ قاتارلىق يەتتە ئۆلكىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازىرلىرى ھەر بىرى 60 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مۈلكى بار بايلارغا ئايلانغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى، «نيۇ-يورك تايمىس» گېزىتى، «تېلېگراف» گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ بىر مۇئاۋىن بىخەتەرلىك مىنىستىرى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە چوڭچىڭغا كېلىپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن سۆزلىشىپ، ۋاڭ لىجۈننى ئېلىپ كەتكەن مۇئاۋىن مىنىستىرنىڭ كاتىپى «دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلدى» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان. بۇ مۇئاۋىن مىنىستىر ئۆزى ۋەزىپىدىن توختىتىلغان. بۇ ۋەقە خىتايدا قاتتىق سىلكىنىش خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلدى. ھازىر خىتايدا بۇ ئاسىيلارغا ئۆلۈم جازاسى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار كۆپ.

«بوشۈن» تور گېزىتىنىڭ 6‏-ئاينىڭ 9‏-كۈنى بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەلۇم بىر مۇئاۋىن بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ «قەتئىي مەخپىي» دەپ بەلگە قويۇلغان ھۆججەتلىرىنى سېتىپ بېرىپ تۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ، 1986‏-يىلى خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ شىمالى ئامېرىكا ئىدارىسى باشلىقى يۈ چياڭشېڭ خىتايغا ئاسىيلىق قىلغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن يەنە بىر چوڭ ئاسىيلىق ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۈ چياڭشېڭ ۋەقەسى ئەينى ۋاقىتتا، ھەتتا جوۋ ئېنلەي 1944‏-يىلى ئامېرىكىغا كىرگۈزگەن جىنۋۇتەي تەخەللۇسلۇق جاسۇسنىمۇ ئاشكارىلاپ قويغان ئىكەن. گەرچە بۇ قېتىمقى ئاسىيلىق ۋەقەسىدە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر، ئەينى ۋاقىتتا «قىممىتى يوق» تەك تۇيۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، خىتاينىڭ ئىچ قىسمىدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ھايات-ماماتلىق ھوقۇق ئۇرۇشىنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى ئاللىقاچان دۇنياغا ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى.

خىتايغا ئاسىيلىق قىلغان بۇ مۇئاۋىن بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ كاتىپى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلار يەنە 1970‏-يىللاردىكى سابىق ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى خېنرى كېسىنگېرگىمۇ چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېسىنگېر ئەپەندى 1989‏-يىلى 6‏-ئاينىڭ 4‏-كۈنى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ناھايىتى مۇھىم ئىشلاردا ياردەملەشكەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە خىتايدا ناھايىتى كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئىگە بولغان. بۇنىڭغا ئوخشاش، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە مۇھىم جەھەتتە ياردەملىشىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى ھەم پۈتۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى چوڭ قۇرۇقلۇقتا زور مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەن كىشى---تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى ليەن جەن.