خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ 2 بۆلۈمى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىدىكەن

«خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئالاقىدار پائالىيەتلىرى» ناملىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ 2 بۆلۈمى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىدىكەن.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلىرىدە مەخسۇس جاسۇسلۇق ئورگىنى ئۈچۈن تەسىسى قىلىنغان كۇرسلار بار ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ‏6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرغان ئايلىق ئىستراتېگىيە لېكسىيىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكسىيىدە يەنە خىتاي جاسۇسلۇق ئاپپاراتى ھەققىدە ئىلگىرى دېيىلىپ باقمىغان بەزى يېڭى مەلۇماتلار سۆزلەندى.

«خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئالاقىدار پائالىيەتلىرى» ناملىق يىغىن زالى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 17-ئىيۇن، ئىستانبۇل.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن قۇرئان كېرىمنى قىرائەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى لېكسىيە بېرىپ، خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتى توغرىسىدا توختالدى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، خىتاي ئىچى-سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانداق ئۇسۇلدا جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە خىزمەت دائىرىسى توغرىسىدا توختالدى ھەمدە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئاكتىپ ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىچى-سىرتىدا پائالىيەت قىلىدىغان 18 بۆلۈمى بارلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئىدارە ۋە ئورگانلار مەركىزى ئاپپارات دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، سىياسىي بۆلۈم، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۆلۈمى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمى، تۈرمە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەكتىپى، تەلىم-تەربىيە مەكتىپى، نازارەت بۆلۈمى، ياردەم بۆلۈمى، دەم ئېلىشقا چىققانلارنى كۆزىتىش بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى، سۇجۇ جىياڭنەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى، جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى، شاڭخەي خەلقئارالىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى، جۇڭگو ياشلار ئىنستىتۇتى، جىياڭنەن ئىجتىمائىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەر خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا قاراشلىق مەكتەپلەر ئىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق ئۇقۇملىرى توغرىسىدا ھەر قايسى ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان چۈشەنچىلەرنى شەرھلەپ، ئىستىخبارات ئۇقۇمىنىڭ «ئەقىل»، «زېرەكلىك»، «ئۇچۇر»، «مەلۇمات»، «ئۇچۇر ئىگىلەش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيىنىڭ چۈشەنچىسىدە، ئىستىخبارات-مۇناسىۋەتلىك دۈشمەن دۆلەت ھەققىدىكى پۈتكۈل مەلۇماتلار، دەپ قارالسا؛ خىتاينىڭ چۈشەنچىسىدە، ئىستىخبارات-دۈشمەن تەرەپنىڭ مەلۇماتلىرىنى دوكلات قىلىش، دەپ قارىلىدىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش، نازارەت قىلىش بۆلۈملىرى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى بۆلۈمى بولغان 3-بۆلۈمنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا جاسۇسلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ بۆلۈمنىڭ يەنە چەتئەللەرنىڭ
سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە پەن-تېخنىكىلىرىغا ئالاقىدار جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ يەنە 10-بۆلۈممۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ بۆلۈم ئاساسلىقى چەتئەللەردىكى تەشكىلات ۋە ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش، جاسۇسلۇق قىلىش، مەلۇمات توپلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بۆلۈم ئىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە جاسۇسلۇق توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: جاسۇسلۇق دېگەن دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش ياكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۈشمەن كۈچلەر ھەققىدە توغرا ئىستىخباراتنى قولغا كەلتۈرۈش، چىقىم ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يول ئىزدەشتىن ئىبارەت.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىنسانلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن 4-قېتىملىق لېكسىيە بېرىش يىغىنى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن لېكسىيە بېرىش يىغىنلاردا دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «ئىستراتېگىيە دېگەن نېمە؟ ئىستراتېگىيىنىڭ ئەھمىيىتى، ۋە ئىستراتېگىيىنىڭ سىياسەت بەلگىلەشتىكى ئورنى» «ئىستراتېگىيە ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى» دېگەن تېمىلاردا توختالغان ئىدى.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلدى.