«شۋېتسىيە كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ شەنبىلىك سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ھازىر شۋېتسىيىدە 15 دۆلەتنىڭ ئىشپىيونلىرى جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراننىڭ ئىشپىيونلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنى شۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن شۋېتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەمىنلىگەن. ماقالىدە گەرچە، خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەن بابۇر مەخسۇتنىڭ ئىسمى «خ» نامى بىلەن تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىشپىيونلۇق ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن قولغا ئېلىنىش جەريانى ئىشپىيونلۇقنىڭ مىسالى سۈپىتىدە نەقىل قىلىنغان. ماقالىدە شۋېتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاندېش تورىنبېرىينىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق يازىدۇ «شۋېتسىيىدە ئىشپىيونلار ھەر كۈنى دېگۈدەك پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇرۇن بىز سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە پۈتۈن دىققىتىمىزنى شەرققە قاراتقان ئىدۇق. ئەمدى بىز بۈگۈن پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان، بىز كۈتمىگەن رايونلاردىن كەلگەن ئىشپىيونلارنى بايقاۋاتىمىز. چەت دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەشتە قوللىنىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئىشپىيون ئەۋەتىشتۇر.»
ماقالىدە بايان قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان 89-يىلدىن 91-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شۋېتسىيىگە كېلىدىغان ئىشپىيونلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولسا، كېيىنكى يىللاردا شۋېتسىيىدىكى ئىشپىيونلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىغان، ئەمما 2011-يىلدىن كېيىن ناھايىتى تىز سۈرەتتە كۆپەيگەن.
ماقالىدە شۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ھەربىي بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ گېنېرال مايورى ستېفان كىرىستىيانسوننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق يازىدۇ «ھازىر شۋېتسىيىگە قارشى ناھايىتى ئاكتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۆلەتلەر رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراندۇر.»
ماقالىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شۋېتسىيىدىكى ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى شۋېتسىيىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسى، سۇ ئاستى پاراخوت تېخنىكىسى ۋە شۋېتسىيىدە خىتايغا قارشى سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئىكەن.
يەكشەنبە كۈنى نەشر قىلىنغان «شۋېتسىيە كەچلىك گېزىتى» دە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر ھەسەننىڭ بابۇر مەخسۇتنىڭ ئىشپىيونلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىغا يەر بېرىلگەن. ماھىنۇر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن «بىز ئۆزىمىزنى يەنىلا راھەتسىز ھېس قىلىمىز، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار يەنىلا قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ.ئىشپىيون ھازىر ئەركىن، بىز ئۇنىڭ بۇنچە قىسقا سوتلانغىنىغا قارشى. گەرچە ئۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك ۋە سوغۇقچىلىق سالغان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈشىمىز ھەرگىز توختىمايدۇ.» بىز شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇرنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، شۋېتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاندېش تورىنبېرىي مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن «دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەقىقىي دوستلۇق يوق، پەقەت مەنپەئەتلا بار.»
نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي يازغۇچىسى مو يېن شۋېتسىيىنى زىيارەت قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنتەنىسىگە ئاساس بولۇپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بۇنداق بىر ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى نېمىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن؟ بىز بۇ ھەققىدە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن شۋېتسىيىدىكى بىر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلدۇق.
شۋېتسىيىدە نەشر قىلىنىدىغان«تونۇلغان تارىخ» ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، شۋېتسىيە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىزم لاگېرىنىڭ ئىشپىيونلىرى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ ئىشپىيونلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مەركەزگە ئايلانغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىشپىيونلار بۇ يەردە ئەركىن -ئازادە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش شارائىتىگە ئېرىشكەنىكەن.