مەي داجى ئامېرىكا مۇداپىئەسى تېخنىكا تەتقىقات شىركىتىگە 20 يىل ئاۋۋال سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان
مەي داجى ئەسلىدە خىتايدا تۇغۇلغان بولۇپ، كىيىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان خىتاي ئىنژېنېر بولۇپ، ئۇ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس ئانجېلېس شەھىرىگە جايلاشقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات شىركىتىگە 20 يىل ئاۋۋال خىزمەتكە ئورۇنلاشقان .
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەي داجى ئامېرىكا مەخپىيەتلىك تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ يۇقىرىقى شىركەتتە مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئاستا - ئاستا ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى، سۇ ئاستى كېمىسى ۋە باشقا تىپتىكى قوراللارغا ئالاقىدار مەخپىي لايىھىلەرگە يېقىنلىشالايدىغان ئورۇنغا چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەي داجى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى مەخپىي تېخنىكىلارغا ئېرىشىشنى 1970 - يىللاردىن باشلاپلا پىلان قىلغان ھەمدە ئاخىرى قولغا چۈشۈرگەن . مەخپىيەتلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى شەخسى خەت - چەك توشۇغۇچىلار ئارقىلىق خىتايغا يوللاپ تۇرغان.
ئامېرىكا خادىملىرى: خىتاي ئامېرىكىدا كەڭ كۆلەمدە جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، مەي داجىنىڭ سوت ھۆكۈمنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندە سودىيە ئامېرىكىغا ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشقا جاسۇسلىرىنى ئەۋەتىش قىلمىشىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئۈچۈن مەي داجىغا 24 يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى خادىملار بۇ خىلدىكى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئاللىبۇرۇن كېچىككەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن بولۇپ، مەي داجىنىڭ دېلوسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە تېخىمۇ تاكامۇل ھەمدە بارغانسېرى زورىيىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر تامچىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
خەۋەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن جاسۇسلارنى تازىلاش ئورگىنىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار جوەل برېننېرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا كۆپ قاتلاملىق جاسۇسلۇق تورى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رەسمىي تەربىيە ئالغان ئىشپىيونلار، ئوقۇغۇچىلار، تەبىئىي پەن ئالىملىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىلغار تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
جوەل برېننېر: " مەي داجى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان"
جوەل برېننېر مەي داجى ھەققىدە توختىلىپ: " مەي داجى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىچىدە ئورۇن تىكلەشكە، ئاندىن تېخنىكا ئوغرىلاشقا 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان" دېگەن ۋە بۇنىڭغا " زور سەۋرى تاقەت" كېتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ خىتايلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەندىزىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەي داجىنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بەك تىرىشىپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، دائىم خىزمەتكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئىشلەيدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئامېرىكىدا تەرەققىي قىلدۇرىلىۋاتقان ھەربىي ھۇجۇمچى پاراخوت تېخنىكىسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ تېخنىكىلارنى مەي داجى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەي داجى 2005 - يىلى قولغا چۈشكەن
بۇ يىلى 67 ياشقا كىرگەن مەي داجى، 1985 - يىلىدىن باشلاپ جەنۇبى كالىفورنىيىگە جايلاشقان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تېخنولوگىيىسى قۇرۇلۇشلىرىنى ھۆددىگە ئالغۇچى شىركەت پوۋەر پاراگون شىركىتىگە خىزمەتچى بولۇپ كىرگەن ھەمدە 1996 - يىلى ئامېرىكىنىڭ سۇئاستى كېمىسى ۋە ھەربىي پاراخوتىغا ئالاقىدار مەخپىي تېخنىكىلىرىنى كۆرەلەيدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن.
2003 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەي داجىنىڭ ئىزىغا چۈشكەن بولۇپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەي نەچچە مىڭ ۋاراق ئىلغار تېخنولوگىيە ئۇچۇرلىرىنى كومپيۇتېرغا كۆپەيتىپ قاچىلىۋالغان ھەمدە قېيىنئىنىسى ۋە سىڭلىسىنى ئىشلىتىپ مەزكۇر ماتېرىياللارنى خىتايغا يوللاپ تۇرغان ئىكەن.
2005 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر ئوغرىلانغان ماتېرىياللارنى ئېلىپ خىتايغا قاراپ يولغا چىققان مەي داجىنىڭ قېيىنئىنىسى مەي ۋاڭتەي لوس ئانجېلېس ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، مەي داجى ۋە ئايالى ئۆيىدە ئوخشاش بىر كۈندە قولغا چۈشكەن.