'خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئىشپىيونلۇق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ'

24 - نويابىر سەيشەنبە كۈنى، گېرمانىيە ساقچىلىرى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشايدىغان 4 خىتاينىڭ تۇرالغۇسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇلارنى مەزكۇر شەھەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇستىدىن ئىشپىيونلۇق قىلدى دېگەن گۇمان بىلەن ئاختۇردى. بۈگۈنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئىككى نەپىرى گېرمانىيە پۇقراسى ئىكەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىۋاتقان گۇماندارلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئاشكارىلىنىشى ھەققىدە توختالغان د ئۇ ق خادىملىرى، بۇنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ ميۇنخېندىكى 4 نەپەر خىتاينىڭ ئۆيىگە جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن باستۇرۇپ كىرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر گېرمانىيىدىن چىقىدىغان سپېيگېل خەۋەرلەر تورىدا بېرىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە گېرمانىيە فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى بىلەن باۋارىيە ساقچى ئىدارىسى خادىملىرى، يۇقىرىقى 4 نەپەر خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى تۇرالغۇسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئاختۇرغان ۋە سوراققا تارتقان.

بۇ ھەقتە رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيە تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھاتزېلمان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى دەلىللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: "مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇلار قولغا ئېلىنمىدى پەقەت سوراققا تارتىلدى."

سپېيگېل خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ باۋارىيە ئۆلكىسى ميۇنخېن شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى سودا، ساياھەت ۋىزىسى دېگەندەك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مەزكۇر كونسۇلخانىسىدا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بۇ رايوندىكى ئىشپىيونلۇق تورىنى ھەرىكەتكە سېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرنىڭ بىرى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش شتابىمۇ ميۇنخېن شەھىرىگە جايلاشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقى، نېمىلەر ھەققىدە پىكىرلىشىدىغانلىقى ۋە ياكى پىلانلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا بەك قىزىقىدىكەن. شۇڭلاشقا خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ميۇنخېندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن، ئىشپىيون ياكى گەپ توشۇيدىغان ئالاقىچىلارنى كۆپ ساندا تەربىيىلىگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئېلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كۈنسايىن ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىنى بارغانچە كۈچەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىش ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا پائالىيىتىنى باشلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ئىشپىيونلىرىنى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك سىڭدۈرۈپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ خىتاي ئىشپىيونلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالغان.

بۇ يىل يازدا جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنىڭ تۇتۇلۇشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئېلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەت گېرمانىيىدە سوراققا تارتىلغان 4 نەپەر خىتاي جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى بابۇر مەخسۇتنىڭ دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقىمۇ بولىدىكەن.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى ئاختۇرۇپ سوراققا تارتقان خىتاي جاسۇسلۇق گۇماندارلىرىنىڭ ئىككىسى گېرمانىيە پۇقراسى بولۇپ، ئۇلار 42 ياشتىن 63 ياشقىچە بولغان خىتاي ئەرلەر ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىكەن. گېرمانىيە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى بۇ خىتايلارنىڭ باشقا جاسۇس گۇماندارلىرى بىلەن مەخپىي ئۇچرۇشۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي گۇماندارلار "چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلىش" جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن. ۋول سترىت ژۇرنىلى گېزىتىدە نەقىل قىلىنىشىچە، گېرمانىيىنىڭ كارلسرۇھە شەھىرىگە جايلاشقان ئەدلىيە دائىرىلىرى، مەزكۇر جاسۇس گۇماندارلىرى دېلوسىنى تەكشۈرۈشنىڭ يەنە بىر نەچچە ئاي داۋام قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەخپىيەتلىكنى قوغداش ئورگىنى - ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ئېلشات ئەپەندى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئىشپىيونلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ۋە ئىشپىيونلارنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.