رابىيە قادىر: ھۇجۇمدا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ھۇجۇمچىلار ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

0:00 / 0:00

30-ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرى قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە بۈگۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىدى ھەم ھۇجۇمچىلارنى مىللەتلەر ئارا زىددىيەت پەيدا قىلماقچى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزماقچى دەپ كۆرسەتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ھۇجۇمچىلار ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى. ھۇجۇمچىلارنى شۇ خىل قارشىلىق يولىغا مەجبۇرلانغان كىشىلەر دەپ ئاتىغان رابىيە خانىم، ھۇجۇمدا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار دەپ كۆرسەتتى.

سوئال: خىتاي قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر ۋەقەگە قانداق باھا بېرىدۇ؟

جاۋاب: مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەمەس، ئۆز شەخسىي پىكرىمنى بىلدۈرەي: مەن بۇ ۋەقەدە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلەيمەن. چۈنكى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق شەكلىدە ئىپادىلىگەن سىياسىي تەلەپلىرىگە قۇلاق سالماسلىقى، ئەكسىچە تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بۇ يولغا مەجبۇرلىدى.

سوئال: سىلەر بۈگۈنگە قەدەر مۇشۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئالدىن تەخمىن قىلغانمۇ ۋە بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەھۋاللار بولغانمۇ؟

جاۋاب: بىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشقا ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئامالسىزلىق ئىچىدە زوراۋانلىق يولىنى تاللاپ قېلىشىغا مەجبۇرلىماسلىققا چاقىرغان ئىدۇق ۋە بۇنداق بولمىغاندا رايوندا تىنچلىقنىڭ ساقلانمايدىغانلىقى، ۋەزىيەتتىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچراپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرگەن ئىدۇق.

سوئال: ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ جاۋابكارى كىم بولۇشى كېرەك؟

جاۋاب: ۋەقەدە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

سوئال: ۋەقەدىن خىتاي خەلقى ئېلىشقا تېگىشلىك بىر دەرسمۇ بارمۇ؟

جاۋاب: بار، بار بولغاندىمۇ قات-قات بار. خىتاي خەلقى ئۆزلىرى شۇنچە ئۇزاق يەرلەردىن كېلىپ بۇ زېمىندا باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقاندا، تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقان، ئۆتمىتۆشۈك ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقان يەرلىك خەلقنى-ئۇيغۇلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى ۋە ئۆزلىرىگە «بىز ئېرىشكەنگە نېمە ئۈچۈن بۇلارمۇ ئىگە بولالمايدۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇشى كېرەك. «بۇلار نېمە ئۈچۈن تۈرمىلەردە ياتىدۇ؟ ، بۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى بولىدۇ؟» دېگەن سوئاللىرىنى ئۆزىگە قويۇشى ۋە بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ تىنچ-ئامان جاي، شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ئىتتىپاق» دېگەن سۆزلىرىگە ئىشەنمەسلىكى، بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا كۆچۈپ كېلىپ تىنچ ياشاشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بىلىپ قېلىشى كېرەك.

سوئال: خەۋەرلەردىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ۋەقەدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقى ئېنىق كۆرۈنىدۇ، ھۇجۇمچىلار بۇ ھۇجۇملىرى ئارقىلىق خىتايغا خەلقىگە يەنە قانداق سىگناللارنى بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ؟

جاۋاب: مېنىڭچە، خىتاي خەلقى ۋەقەدىن دەرس ئېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى، ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدە ئىنسانىي مەيداندا تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قارشى تۇرۇشى كېرەك.