روس - لېتىنەن : خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنى ئىگىلىمەكچى بولسا، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالىدۇ

خىتاي بىلەن ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق ئەللەرنىڭ سېنكاكۇ ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپتراتىل قاتارلىق تاقىم ئاراللار مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى كەسكىنلىشىپ، قوراللىق توقۇنۇش پەيدا قىلىش خەۋپى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان سەزگۈر مەسىلە بولۇپ قالغان. بۇ يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تۈنۈگۈن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە تەتقىقاتچىلاردىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز سىياسىتى ھەققىدە پىكىر ئالغان.

0:00 / 0:00


ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن 12 - سېنتەبىر كۈنى چاقىرىلغان «جەنۇبىي دېڭىزدىكى باش كۆتۈرۈۋاتقان كۈچ - خىتاي» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا كومىتېت رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېلىنا روس - لېتىنەن خانىم رىياسەتچىلىك قىلىپ، رايوندىكى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى داۋاملىق قوللاش ۋە ئامېرىكىنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. سەيشەنبە كۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى خىتاي بىلەن فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا سپېراتلى، سىكاربورو قاتارلىق ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى قىزىغان، ياپونىيە بىلەن سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى كەسكىنلىشىپ، خىتاي توكيونى ئاگاھلاندۇرغان بىر مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىدى.

روس - لېتىنەن خانىم، خىتاينى قوشنىلىرىغا زومىگەرلىك قىلىش بىلەن تەنقىدلەپ، دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرى ئىران، ياۋرو پۇل بىرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بۇرالغان مەزگىلدە، خىتاينىڭ دېڭىز ئارقىلىق چىگرىلىنىدىغان قوشنىلىرىغا زومىگەرلىك قىلىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋە خىتاي تور بەتلىرىنىڭ ياپونغا قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ, «ئامېرىكا بىزنىڭ دوستلىرىمىزنىڭ، فىلىپپىن، ياپونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالىدۇ. قوشما شتاتلار دېڭىز ئارمىيىسى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى قوغداپ كەلگەندەك، جەنۇبىي دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ ئوكيان سۇلىرىدا تىنچلىقنى داۋاملىق قوغدايدۇ. قارىغاندا بېيجىڭمۇ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى خىلارى كلىنتوننىڭ يېقىندا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، كۇك ئاراللىرىدا تىنچ ئوكيان يىغىنىغا قاتناشقانلىقىغا ئەندىشە بىلەن قاراپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. خىتاي 2005 - يىلدىن بۇيان 600 مىليون دوللارلىق شىكەر ياللىتىلغان ئىقتىسادى ياردەم ۋە تۆۋەن ئۆسۈملىك قەرز ئارقىلىق تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى بىزدىن يىراقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ كەلدى. بىراق بىزنىڭ ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز تىنچ ئوكياندا مىدۋايدىن گۇئادالكانالغىچە، گۇئادالكانالدىن ئىۋوجىماغىچە ئارالمۇ - ئارال كېزىپ يۈرۈپ، خىئىتاينىڭ نەق پۇلى ئەۋلاتلىرىنى تىنچ ئوكياندىن سىقىپ چىقىرىشىغا قاراپ تۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلمىغان،» دېگەن.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم ئۆتكەن سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ، تاشقى ئىشلار ياڭ جيېچى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇلار سېنكاكۇ ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. كلىنتون خانىم بېيجىڭغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن تىنچ ئوكياندىكى كۇك ئارىلىدا تىنچ ئوكيان ئاراللىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاراللار بىلەن بولغان دوستلۇقىنى نامايەن قىلغان. بىراق ئۇنىڭ زىيارىتى خىتاينىڭ دىتىغا ياقمىغان ئىدى.

يىغىندا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى بېرمان، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ چەتئەل كېمىلىرىغا تەھدىت ۋە بۇزغۇنچىلىق سېلىۋاتقانلىقى، تالاش - تارتىشتىكى رايوندا بېلىق تۇتۇشنى بىر تەرەپلىمىلىك چەكلەپ، بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغان چەتئەل بېلىقچىلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ،خىتاينىڭ رايوننى ھەربىلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ تىنچ باش كۆتۈرۈش، دېگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېرمان، «بېيجىڭ شۇنداقلا يەنە رايوننى ئىلگىرىلەپ ھەربىيلەشتۈرىۋاتىدۇ. ئۇ پاراسېل ئارىلىدا ھەربىي گارنىزون قۇرۇپ، تالاش تارتىشتىكى رايونلاردا ئۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە پاراخوتلار بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويدى. بۇ خىل ھەرىكەتلەر مەسىلىنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ رايوندىكى جىددىيلىكنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىۋېتىش خەۋپى بار. بۇ يەنە بېيجىڭنىڭ قوشنىلىرىغا ۋە دۇنياغا بەرگەن تىنچ باش كۆتۈرۈش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. شۇڭا ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ۋەزىيەتنى دەرھال پەسەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشتۇر،» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مەكتىپى تىنچ ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، پروفېسسور توشى يۇشىخارا، ئامېرىكا خەلقئارا ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى ئالى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى بونېي گلاسېر خانىم، مىراس فوندى جەمئىيىتىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى، سابىق ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتىر برۇكىس قاتارلىق كىشىلەر قاتنىشىئوپ گۇۋالىق بەرگەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى توشى يوشىخارا يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنى جەنۇبىي دېڭىزدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئامېرىكىنى جەنۇبىي دېڭىزدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل غايىسى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش كېرەك.

ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى سۇنغان: بىرىنچىدىن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، دوستلىرى شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىشى ۋە ئۇلار ئۆز ئارا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشى لازىم. رايوندىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى تۇرايدىغان ئۆزىگە تۇشلۇق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى زۆرۈر. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى رايون خاراكتېرلىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مېخانىزىمىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا رىغبەرلەندۈرۈپ، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى تەقىپ قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا پىلان تۈزۈپ، پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش جازىسى قاتارلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىسىملارنى دوست دۆلەتلەرنىڭ ياكى ئىتتىپاقداش ئەللەرنىڭ زېمىنىغا تېز يۆتكەپ ئاپىرالايدىغان بولۇشى لازىم.