فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مانىلادىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن تالاش - تارتىشتىكى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىغا بېلىقچىلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر پاراخوت ئەۋەتتى. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ۋەتەن زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىنغان قانۇنلۇق ھەرىكەت دەپ جاكارلىدى.
'بېلىقچىلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان سىياسىي پاراخوت'
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن تالاش - تارتىشتىكى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىغا ئەۋەتكەن بۇ پاراخوت ، خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىدىن ھەجمى ئەڭ چوڭ، سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئۇچۇر - توپلاش - يۆنىلىش بەلگىلەش رادار سېستىمىسى ئەڭ ئىلغار بولغان بىرىگە 311 - نومۇرلۇق پاراخوت دەپ نام قويغان پاراخوت بولۇپ، تالاش - تارتىشتىكى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىغا خىتاي بۈگۈن ئەۋەتكەن بۇ 'بېلىقچىلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان سىياسىي پاراخوت' ئالدى بىلەن فىلىپىننىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.
'خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى كىچىك دۆلەتلەرگە قارشى قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتى'
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مانىلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى خۇيې ئەپەندى بۈگۈن، خىتاي جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىغا ئەۋەتكەن پاراخوت ھەققىدە فىلىپپىن ھۆكۈمىتىگە 'بۇ ئۇرۇشچى پاراخوت ئەمەس، بەلكى بېلىقچىلارنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەتچى پاراخوت' دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما فىلىپپىن دېڭىز قىسىملىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى گانزالىس 'خىتاينىڭ بۇ ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلاپ پاراخوت ئەۋەتىشى قانۇنسىزلىق'، بۇ ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك دۆلەتلەرگە قارشى قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتى' دەپ كۆرسەتتى.
'فىلىپپىن بۇ ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ'
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، فىلىپپىن پرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى سېرگ رىموندﯤ ' دېڭىز قىسىملىرىمىز پرېزىدېنت ئارويو 2002 - يىلى ئىمزالىغان قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، فىلىپىننىڭ بۇ ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ' دەپ جاكارلىدى. فىلىپپىن دېڭىز قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى ئارىۋولونىڭ ئېيتىشىچە، فىلىپپىن دېڭىز قىسىملىرى ھازىر، بۇ خىتاي پاراخوتىنىڭ مۇئەييەن ئورنى ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشنى تەكشۈرمەكتە.
جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن پاراخوت ۋەقەسىمۇ تېخى بېسىقمىدى
خىتاينىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتىدە، ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزدا نورمال ئۆلچەش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا

، خىتاينىڭ 5 پاراخوتى ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا، خۇددى 2001 - يىلىدىكىدەك بىر جىددىيلىك پەيدا بولغان ئىدى. گەرچە بۇ ھەقتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلەردە، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ھەققىدە سۆز قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پاراخوت ۋەقەسى ھازىرغا قەدەر تېخى بېسىقمىدى.
خىتاي تەرەپ ھازىر يەنىلا، ئامېرىكا خىتاينىڭ 200 دېڭىز چاقىرىمىلىق دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەنلىكى 'قانۇنسىزلىق' دەپ جاكارلىماقتا. ئامېرىكا تەرەپ بولسا، خەلقئارا قانۇن بويىچە، 12 دېڭىز چاقىرىملىق ئارىلىقنىڭ سىئىرتى ئۇچۇق دېڭىز، ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇق دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىشى تامامەن قانۇنلۇق، ھەربىي ھەرىكەتلەرگە بېلىقچى پاراخوتلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېلىش خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقى، دەپ جاكارلىماقتا.
ئامېرىكا تىنچ ئوكيان پىلوتى بۈگۈن 6 ھەربىي پاراخوتىنى فىللىپىنگە ئۆتكۈزۈپ بەردى
شىنگاپوردا چىقىدىغان 'سەھەرلىك بىرلەشمە گېزىت' نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان پىلوتى بۈگۈن فىلىپپىنگە ئېغىر تىپتلىق پىلىموت قاتارلىق ھەرخىل زامانىۋىي قورال جايلاشتۇرۇلغان 6 ھەربىي پاراخوتىنى ئۆتكۈزۈزپ بەرگەن.
جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلاۋاتقان دۆلەتلەردىن ھازىر، فىلىپپىندىن باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى جىددىي كۆزەتمەكتە.