خىتاي ج خ مىنىستىرى يەنە شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ئۈستىدە توختالدى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى Meng Honwei بۈگۈن يەنە بىر قېتىم شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ بۇ قېتىمقى توختىلىشىدا شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ يېقىندا ئىنتېرنېتتە بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ خىتايغا تەھدىت سالغانلىقىنى، خىتاينىڭ بولسا ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قادىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

0:00 / 0:00

Youtube تورىدىكى بايانات

مېڭ خوڭۋېي شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى باياناتىدا تەپسىلىي نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە ئىزاھات بەرمىگەن. ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدا Youtube تورىدا ئۈچ قىسىملىق بىر بايانات ئېلان قىلىنغان. باياناتتا، خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزماقچى بولۇۋاتقانلىقى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ ئولىمپىكقا قارشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئىنتېرنېتتىكى بۇ باياناتتا، باياناتچىلار يۈزىنى ماسكىلىغان ۋە قورال تۇتقان بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاينى بىخەتەر جاي دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خەلقارا جامائەتنى بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتناشماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

دىلشات رىشىت: " ئۇيغۇرلاردا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى قارشىلىق ھەركەتلىرى بار، ھىچبىرىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق"

ئىنتېرنېتتە بايانات بەرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكى ۋە ئورنى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن BBC غا بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ باشقۇرۇپ ۋە باستۇرۇپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ پەرقلىق شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمما بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدىكى باياناتتا، 2008 ‏ - يىلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئۆزلىرى كۈتكەندەك غەلىبىلىك ۋە تەن - تەنىلىك بىر يىل ئەمەس بەلكى قايغۇ ھەسرەتلىك بىر يىل بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ج خ مىنىستىرى بۈگۈنكى باياناتىدا، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنى ئاساسلىق تەھدىت دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىللە، خەلقئارالىق تېررور تەشكىلاتلىرى بىلەن خىتاي ئىچىدىكى ۋەھشى ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەرنىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارىتا تەھدىت قاتارىدا سانىغان. بۇ، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەرنى بېيجىڭ ئولىمپىكىغا تەھدىت دەپ كۆرسىتىشىدۇر. يېقىندا يۈز بەرگەن 28 ‏ - ئىيۇن ۋېڭئەن ۋەقەسى، شاڭخەيدە بىر كىشىنىڭ 6 ساقچىنى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرۈشى، بېيجىڭدا بىر پۇقرانىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا ئوت قويۇشى قاتارلىق ۋەقەلەر خىتاينىڭ مەزكۇر ئەندىشىسىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بولۇشى مۇمكىن.

مۇتەخەسسىسلەر: " مۇقىملىقنى قوغداشتا خىتاي خاتا يولدا"

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بۈگۈنگە قەدەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا، بېيجىڭ، شاڭخەي، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھەرلىرىدە مانېۋېر ئۆتكۈزدى. ھەر خىل قاتتىق زەربە بېرىش ھەركەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ باردى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى ھەققىدە ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە خىتاي مۇقىملىقىنى قوغداشتا خاتا يولدا. خىتاي ئۇلار تېررورلۇققا قارشى شامالدىن پايدىلىنىش بىلەن مەشغۇل ئەمما، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ھەل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.