ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى"، "شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنىڭ كاپالىتى" دەپ كۆرسەتكەن ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ، ئىدارىلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا، ھەرقايسى جايلىرىدا جىددىي قانات يايدۇرغان ئىدى.
"تەڭرىتاغ تور بېتى" نىڭ27 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 10 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئېچىلىدىغان "6 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇكاپاتلاش يىغىنى" نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە ئىكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي تەكىتلەۋاتقان،" مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى"پائالىيىتىنىڭ ئۆزىلا بۇ رايوندا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي دۇنياغا ئۆزىنى "كۆپ مىللەتلىك دۆلەت" دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، خىتاي ئىچىدە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە " جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى" نى تېڭىش ئارقىلىق بۇ مىللەتلەرگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ دۆلەتلەردە ھېچقاچان "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى سېلىشتۇرما قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك "مىللەتلەر ئىتتىپاق" ۋەزىيەت مەۋجۇت بولمىغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" نى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىلشات ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەكىتلىگەن "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنىڭ كاپالىتى" دېگەن سۆزى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلشات: "خىتاي بۇ زېمىننى بېسىۋالغىلى 60 يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ زېمىندا ئۆزى ئارزۇ قىلغان تىنچ مۇھىتنى شەكىللەندۈرەلمىدى، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلدى. بۇ ئەلۋەتتە خىتاينىڭ بۇ زېمىندىكى زور بايلىقلاردىن مەھرۇم قېلىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن 'مىللىي بۆلگۈنچىلەر' دەپ ئۆز سىياسىتىگە قارشى چىققانلارنى باستۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ زېمىننىڭ تىنچلىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ."
2010 - يىلى 21 - سېنتەبىردىن باشلاپ، "تەڭرىتاغ تور بېكىتى"دە، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى مەخسۇس سەھىپىسى" ئېچىلغان. بۈگۈن 27 - سېنتەبىردىكى سەھىپىسىگە ئاقسۇ ۋىلايىتى مائارىپ ئىدارىسى تەمىنلىگەن "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىغا ئېلىپ كىردۇق" سەرلەۋھىلىك ماقالە بېسىلغان.
ماقالىدە، خىتاي قىزىنى بېقىۋالغان ئايجامال ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالنىڭ تىلى ئارقىلىق "بىزدە ھازىر خىتاي ئۇيغۇر دېگەن مىللەت ئايرىمىچىلىقى يوق، بىزدە پەقەت بىرلا مىللەت بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا مىللىتى" دېگەن سۆز بېرىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە مىللەتلەرنىڭ "ئىناق - ئېجىل" ئۆتۈۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.
ئىلشات ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان "جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى"تەشۋىقاتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقان " جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى" ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىدا ئىپادىلىنىشى ئىكەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، بۇ مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي تىلى مائارىپىنى ئاساس قىلغان "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى" ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى قاتارلىقلار، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ ئۇلغايتىدىكەن.
ئىلشات ئەپەندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "خىتاي مائارىپى" ھەم "جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى"نى ئۇيغۇرلارغا تېڭىشى"ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ" دەپ، كۆرسەتتى.
ئۇ ئاخىرىدا، بۇ خىل ئۇرۇنۇشنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى "ئۇيغۇر كىملىكى" ئېڭىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خىتاي مىللىتىدىن بارغانچە يىراقلىشىش، خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ھېسسىياتى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، خىتاي ئەنسىرەۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە پارتلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.