خىتاي كانادا نېفىتلىكلىرىگە كۆز تىكمەكتە

خىتاي ئۆزىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن كانادانىڭ مول نېفىت-ئېنېرگىيە بازىلىرىغا كۆز تىكىشكە باشلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2012.01.23
petrochina-headquarter-305.jpg خىتاي دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى باش شتابى بىناسى. 2009-يىلى يانۋار، بېيجىڭ.
zh.wikipedia.org

2009-يىلى كانادا باش مىنىستىرى ستىۋېن خارپېرنىڭ خىتايغا قاراتقان رەسمىي دۆلەت زىيارىتىدىن كېيىن، بىر مەزگىل سوغۇقچىلىققا يۈزلەنگەن كانادا، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئاز-تولا ئىللىش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى بىلەنلا، خىتاي كونتروللۇقىدىكى «پېتروچىنا» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى نېفىت شىركەتلىرى كانادانىڭ مول نېفىت-ئېنېرگىيە بازىلىرىغا كۆز تىكىشكە باشلىدى.

بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ، خىتاي ئۆزىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. دەسلىپىدە 2 مىليارد دوللارلىق، ئاندىن 10مىليارد دوللارلىق دەسمايە بىلەن كانادانىڭ ئالبېرتا قاتارلىق مول نېفىت بازىلىرىغا ئاياق باسقان خىتاي نېفىت شىركەتلىرىنىڭ قىسقىغىنە 2 يىل جەريانىدىكى مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ۋە قامال قىلىش دەرىجىسىنىڭ زورلۇقى شۇنداقلا كانادا نېفىت شىركەتلىرىنى پۈتۈنلەي سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كانادا خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

يېقىندىن بۇيان كانادانىڭ ئاساسلىق گېزىتلىرى ھېسابلىنىدىغان يەر شارى مەكتۇپلىرى،دۆلەت پوچتىسى قاتارلىق گېزىتلىرىدە، خىتاينىڭ دەسلىپىدە كانادا نېفىت ساھەسىگە ئاستا ۋە يۇمشاق قەدەملەر بىلەن كىرىپ نۆۋەتتە كانادانىڭ ھەممە بازىلىرىغا ئۆمۈچۈك تورىدەك يېيىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت مۇلاھىزە ماقالىلىرى يەر ئېلىشقا باشلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىركەتلىرى كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى بىرقانچە نېفىتلىكنى 60% پاي قوشۇش شەكلىدە سېتىۋالغاندىن باشقا يەنە، يېقىندا كانادا بىلەن ماككەي دەرياسى دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ تىپتىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان بولۇپ بۇ قۇرۇلۇشتا 2014-يىلى ئىش باشلىنىدىكەن.

كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسى كانادادىكى يەر ئاستى بايلىقلىرى ئەڭ كۆپ ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 3-چوڭ ئارىلاشما نېفىتلىك ھېسابلىنىدۇ. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى ئارىلاشما نېفىت زاپاس مىقدارى 173.3 مىليارد بارىلغا يېتىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالبېرتا ئارىلاشما نېفىتلىرىدا قۇم-شېخىل، پاتقاق ۋە نېفىت زىچ ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ساپ نېفىتنى ئايرىپ چىقىرىش قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى نېفىتلىك ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كانادالىقلار ئالبەرتا نېفىتلىرىنى «پاسكىنا نېفىت» دەپمۇ ئاتايدۇ.

ئالبېرتا ئارىلاشما خام نېفىتى يۇقىرى تېخنىكا، كۆپ مەبلەغ ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان مۇھىت بۇلغىنىش دەرىجىسى ئېغىر شۇنداقلا خىتايغا يۆتكەپ كېتىش قىيىن بولغان قۇرۇلۇش بولغىنىغا قارىماي، خىتاي ئىنتايىن جىددىي ۋە ئالدىراش ھالەتتە كانادانىڭ بۇ «پاسكىنا» نېفىتلىكلىرىنى ئېچىشقا تەييار تۇرماقتا.

ئۇنداقتا خىتاي بۇ نېفىتلەرنى قانداق قىلىپ خىتايغا يۆتكەپ كەتمەكچى؟

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىن كانادانىڭ تىنچ ئوكيان ساھىلىدىكى برىتىش كولومبىيا ئۆلكىسىگە تۇتىشىدىغان يەر ئاستى نېفىت تۇرۇبا يولى ياسىماقچى ئىكەن. ئاندىن ئۇنى تىنچ ئوكيان ئارقىلىق خىتايغا يۆتكەپ كېتىدىكەن.

ئۇنداقتا، ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇھىت مەسىلىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماي، دۇنيا بويىچە مۇھىت بۇلغىنىشىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتقان، دۇنيا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلەرنى ئورۇنلاشقا پاسسىپ مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي، ھېچقانداق مەسىلە سادىر قىلماي، كانادا نېفىتلىرىنى خىتايغا يۆتكەپ كېتەلەرمۇ؟ بۇ كانادالىقلارنى گۇمانلاندۇرۇۋاتقان ھەم ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

ئۆتكەن يىلى كانادا مۇھىت تارماقلىرى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق راي سىناشتا 72.8% برىتىش كولومبىيالىق خىتاينىڭ كانادا نېفىتلىكلىرىنى ئېچىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ يىلى يەنە كانادا-ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق دوستلۇق جەمئىيىتى ئېلان قىلغان راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 75% كانادالىق خىتاينىڭ كانادا نېفىتلىكلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى دىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ كاناداغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ ھازىر ۋە كېلەچەك ئۈچۈن كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇلاھىزىسىدە بۇ خىل ھەمكارلىق قىسقا مەزگىل ئىچىدە كانادانىڭ ئىشسىزلىق ۋە باشقا نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلالىشى مۇمكىن، ئەمما يىراقنى كۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا كانادانىڭ بۇ قارارى ئاقىلانە بولمىغان قارار دېدى.

كانادادا چىقىدىغان يەر شارى مەكتۇپلىرى گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلغان مۇخبىر كامبېل كلارىك، خىتاي كېلەچەكتە كانادانىڭ مۇھىت ۋە ئىشچى ئىشلىتىش جەھەتتىكى سۈپەت ئۆلچەملىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى ۋە بۇلغىۋېتىشى مۇمكىن دەپ يازىدۇ.

ئۇ يەنە خىتاي دۇنيا ئېنېرگىيە بازارلىرىدا ئويناۋاتقان ئويۇنلىرىنى كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىمۇ ئوينىماقچى بولۇۋاتىدۇ، خىتاينىڭ كۆزلەۋاتقىنى كاناداغا مەبلەغ سېلىش باھانىسىدە كانادانىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاش دەپ يازىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.