مۇتەخەسسىسلەر يەنە،ئەسلىدە خىتاي پۇقرالىرى دەپ قارالغان، نۆۋەتتە كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار،تىبەتلىكلەر ۋە فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دېرىكتورى رىچارد فاددېن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتىگە توغرىلاپ، كانادانىڭ ئىككى شىتاتىدىكى بەزى ئىچكى كابېنت مىنىستىرلىرى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەردىكى بەزى يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ سادىق ۋاكالەتچىلىرىگە ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى باياناتنى ئېلان قىلغانىدى.
كانادا جامائىتى ئىچىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بۇ بايانات تەبىئىي ھالدا، كانادادىكى خىتاي سىياسەتچىلەرنىڭ ئوغىسىنى قوزغىدى. تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جاسۇسلۇق مۇتەخەسسىسى ۋەسلېي ۋاركنىڭ قارىشىچە،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادالىق بەزى سىياسەتچى ۋە ئەمەلدارلارنى ئۆزىگە تارتىش،ئۇلارغا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتلىرىدىن بىرى، كانادادىكى فالۇڭگۇڭچىلار، تىبەت مۇستەقىلچىلىرى، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ:
"خىتاي ھۆكۈمىتى فالۇڭگۇڭچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇلار يەنە، تىبەت مۇستەقىللىقى، تەيۋەن مۇستەقىللىقى شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنى ياقلىغۇچىلارنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يوقىرىدىكى خەلقلەرنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتچىلىرىنى يوشۇرۇن كۆزىتىشكە ۋە ئۇلارنى بىئارام قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش، پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتلەر ئەمەلىيەتتە بۇ خەلقلەرگە قارىتىلغان. شۇڭا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تەھدىتلىرىگە سەگەك بولۇشىمىز ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك " دېدى.
ئىلگىرى خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ كانادادىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تارتقانلىقى ۋە ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى قۇلىقى بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر يىللىقى يېقىنلىشىپ قالغان بىر قانچە كۈندىن بېرى، كانادادىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلەر خىتايدىن كېلىۋاتقان پاراكەندە قىلىش تېلېفونلىرىنىڭ تەھدىتىگىمۇ ئۇچرىماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بولسا، كانادا جاسۇسلۇققا قارشى ئورگىنىنىڭ يوقىرىقى باياناتىغا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. جاسۇسلۇق مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ۋەسلېي ۋارك خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە خېلىدىن بېرى، كانادا دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ:
"خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانداق ئەيىبلەشلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئاشكارا بولۇپ،ئەتراپقا پۇر كەتسىمۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇلار باشقا دۆلەتلەردىكى تىبەت،تەيۋەن،فالۇڭگۇڭ ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ ئىچىگە قول تىققانلىقى چۇۋۇلۇپ ئوتتۇرىغا چىقسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئېتىراپ قىلماي قولىقىنى يوپۇرۇپ يۈرىۋېرىدۇ. رەت قىلىش بۇ دۆلەتنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ لوغىتىدە يۈز قىزىرىش دېگەن نەرسە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس " دېدى.
كانادادىكى خىتاي مىللىتىدىن بولغان سىياسەتچىلەر كانادا جاسۇسلۇق قارشى ئىدارىنىڭ بۇ باياناتىغا نارازى. ئۆكتىچى يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان،خوڭكوڭلۇق پارلامېنت ئەزاسى ئولىۋىئا چوۋ، يوقىرىقى باياناتقا نارازى بولغۇچىلارنىڭ بىرى.ئۇ بۇ باياناتنىڭ ئەمدىلا ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان كانادا، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: " جاسۇسلۇققا ئائىت رومان ۋە كىنولارغا ئوخشاپ قالىدىغان بۇ باياناتنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق" دېدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ خىل باياناتلارنىڭ كانادادىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن بولغان سىياسەتچىلەرگە قارا سۇۋاش رولىنىلا ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ باياناتنىڭ تىغ ئۇچى ئاساسلىقى كانادادىكى خىتاي سىياسەتچىلەرگە قارىتىلغانىدى. كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ئەمەلدارى مىچېل كاتسۇيا بولسا، كانادالىق بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ:
"كانادادىكى بەزى سىياسەتچى ۋە ئەمەلدارلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاچقا، تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ قالدى. يەنە بەزى ئەمەلدارلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى باشقا بىر دۆلەت ۋە باشقا بىر مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتىمىز، دەپ يۈزەكى قارىغان - يۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ كانادانىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتمىگەن" دېدى.
جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ بۇ سابىق ئەمەلدارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىگە ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:
"خىتاي كوممۇنىستلىرى ئەزەلدىن قانۇن بويىچە ئىش قىلمايدۇ. مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاستىنى تاللاپ ئولتۇرمايدۇ. تەتۈر تەشۋىقات قىلىش،كونترول قىلىش ۋە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش ئۇلارنىڭ دائىملىق ۋاستىلىرىدىن بىرى. ئۇلار بۇ خىل يولدا مېڭىۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىللار بولۇپ قالدى" دېدى.
كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسى بولسا، بۇ مەسىلە ئۈستىدە تېخىمۇ كەڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.