كانادادىكى تەشكىلاتلار بىر نەپەر خىتاي دىپلوماتىنى كانادادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلماقتا

كانادادىكى 17 تەشكىلات ئوتتاۋا،تورونتو ۋە ۋانكوۋېر قاتارلىق شەھەرلەردە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ۋە ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ،كانادا دائىرىلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كاتىبى ليۇ شاۋخۇانى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى كانادا جامائىتى ئىچىگە سىڭىپ كىرىشنى توختىتىشقا ئاگاھلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ دىپلومات خەلقئارالىق دىپلوماتىك قائىدە - پرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلىپ، كانادادىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى تىنچلىق شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلەرنى توسماقچى ۋە ئۇلارغا زەربە بەرمەكچى بولغان.

0:00 / 0:00

ئالدىنقى ئايدا،خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، كانادا ئوقۇۋاتقان، خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى رەئىس خۇ جىنتاۋنى قەتئىي قارشى ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان ۋە بۇ قارشى ئېلىشنىڭ بىر مەيدان سىياسىي كۈرەش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئاۋازلىق لېنتا كانادا مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ۋە لېنتىدىكى ئاۋازنىڭ خىتاينىڭ ئوتتاۋادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ليۇ شاۋخۇاغا ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

بۇ ئاۋازلىق لېنتىدا، كانادانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان، خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئىززەت - ئابرويىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ۋە دوست بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان ئېلىشىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بۇ لېنتىدا يەنە، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ پۈتۈن چىقىمىنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن كۆتۈرىلىدىغانلىقى ۋە بۇ مەخپىيەتلىكلەرنىڭ قەتئىي ساقلىنىشى كېرەكلىكىمۇ تەكىتلەنگەنىدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى داۋىد كىلگوئۇر كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ليۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ دىپلوماتلىق سالاھىيەتكە ئېغىر خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىك ۋە قورقۇتۇش ھەرىكەتلىرىنى كاناداغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەيىبلەپ:

خىتاي دىپلوماتى ليۇنىڭ سۆزىلىرىدىن، دېموكراتىك ۋە ئەركىن كانادانىڭ، بۇ يەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى توسىماستىن، ئەكسىنچە ئۇلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىۋاتىدۇ، دېگەندەك نارازىلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ دىپلومات تېخىچىلا بۇ يەرنىڭ خىتاي ئەمەس، بەلكى كانادا ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەپتۇ، - دېدى.

كانادادىكى ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادتىكىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مايكىل مكىنتيرىې بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادىكى فالۇنگۇڭچىلار، تىبەتلىكلەر، ئۇيغۇرلار، دېموكراتىك خىتايلار ۋە تەيۋەنلىكلەرنى "5 زەھەرلىك زىيانداش" دەپ ئاتايدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ "زەھەرلەر" دىن غورۇر ھېس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ:

خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ خىل نەپرەتنى قوزغاش يولى بىلەن كانادالىقلارنىڭ ۋە بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك روھىنى سۇندۇرالمايدۇ، ئەگەر كانادا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى بۇ خەلقلەرنى كونترول قىلىشىغا يول قويسا، كانادانىڭ دېموكراتىك ئاساسىغا دەز كېتىدۇ، - دېدى. ئۇ سۆزىدە كانادا ھۆكۈمىتىدىن جەنۋە ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلغان خىتاي دىپلوماتى ليۇ شاۋخۇانى "قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى" دەپ ئېلان قىلىشنى ۋە ئۇنى دەرھال چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە كانادىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مايكىل كرائىگ بولسا، كانادادا تىنچ شەكىلدە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلار بىلەن قارشىلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ساداسىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ دىپلوماتلىق سالاھىيەتكە يات بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ:

ليۇ نىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ كانادادا تۇرۇپ، بۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتنىڭ ئۇرۇقىنى چاچماقتا. بۇ ئىنتايىن خاتا ۋە بەكمۇ قورقۇنچلۇق بىر ھەرىكەت. بىر دىپلومات كانادادا بەزى جامائەت ۋە گۇرۇپپىلارغا قارشى نەپرەت - ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىدىغان ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانسا، بۇ دىپلوماتىك قائىدە - نىزاملارغا خىلاپ ھەرىكەت بولىدۇ. ليۇ ۋەقەسى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ نۆۋەتتە بىگۇناھ خەلقنى قانداق رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى، - دېدى.

بۇ پائالىيەتنى كانادادىكى ئەركىن دۇنيا خەلقئارالىق تەشكىلاتى، كانادانىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداش بىرلەشمىسى، فالۇنگۇڭ تەشكىلاتى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى قاتارلىق 17 تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان. يوقىرىقى تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى نامىدىن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يېزىلغان ئىمزالىق ئوچۇق خەتتە، ھۆكۈمەتتىن خىتاي دىپلوماتى ليۇ شاۋخۇانى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە خىتاي ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنى كانادادىكى سىڭىپ كىرىش ۋە قۇتراققۇلۇق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.