كانادادىكى دۆلەتلىك ك ب ك تېلىۋىزىيىسىنىڭ ئاتاقلىق پروگرامما رىياسەتچىسى برىئان ستېۋارت "چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى نېمە ئۈچۈن سىياسەتچىلىرىمىزنى ھەقسىز ساياھەتكە تەكلىپ قىلىشقا قىزىقىدۇ ؟"ناملىق ماقالىسىدە: بىز بەزى دۆلەتلەرنىڭ كانادالىق ئەمەلدارلارنى ساياھەتكە تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ئالاھىدە كۈتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. كۆپلىگەن سىياسەتچى - ئەمەلدار بۇ خىل تەكلىپلەرنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن قوبۇل قىلدى. دۇنيادا شەرتسىز بەدەل بولمىغىنىدەك،بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەقسەتلىرىمۇ كانادادىكى تەسىرگە ئىگە كىشىلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىش، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى نىشانلىرىغا يېتىشتۇر، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ ھەم بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق،دەپ يازدى. ئۇنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ۋانكوۋېر شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى سام سۇللىۋان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقسىز ئالاھىدە كۈتىۋېلىشىنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ خىتايدىكى تەكشۈرۈش چىقىملىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆتۈرۈپلا قالماي،ئۇ يەنە پادىشاھلاردەك ئالاھىدە كۈتىۋېلىنغان. ئۇ كاناداغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋانكوۋېر شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە چەكلىمە قويغان ۋە ئۇلارغا يول قويمىغان.
كانادادىكى بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئاتاقلىق ئادۋوكات داۋىد ھاررىس "كالگارى مۇنبىرى" گېزىتىدىكى ماقالىسىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كانادادا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، بۇ يەردىكى كانادالىق خىتايلارنى سېتىۋېلىشنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادالىق ئەمەلدارلارنى، سىياسەتچىلەرنى، تەتقىقاتچى - ئالىم، ئادۋوكات ۋە باشقا كەسىپتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى ۋە ئۇلارنى داغدۇغىلىق كۈتىۋېلىشى، زىيارەت جەريانىدىكى پۈتۈن چىقىملارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى - ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى خورلاش يەنى، ئۇلارنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش. قىسقىسى، ئۇلارنى گېلىدىن باغلاش تاكتىكىسىدۇر. خىتاينىڭ مەقسىتى بىزنىڭ ئىچىمىزگە سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتىش ۋە بىزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈشتۇر، دەپ يازىدۇ. ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق بويىچە پروفېسسورى ئېررول مەندېس بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى كانادانىڭ سىياسىتىگە، سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە خەلقئارادىكى ئورنىغا ئارىلىشىش، دەپ باھالىدى.
"ئوتتاۋا پۇقرالىرى" گېزىتىدىكى باش ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادادا ئىقتىسادى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدى بۇنىڭغا سىياسى جاسۇسلۇقنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كاناداغا قول تىقىۋاتقانلىقى بىز ئۈچۈن سىر ئەمەس ئىدى. لېكىن بۈگۈنگە كەلكەندە، بۇ كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىقتىسادى جاسۇسلۇق پائالىيەتلەرگە خۇددى ئىنتايىن موھىم بىر كەسىپلەر قاتارىدا، ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى، كانادالىق مۇخبىرلار، سىياسەتچىلەر ۋە سودىگەرلەرگە بەش قولدەك مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل مۇناسىۋەت تورلىرى ئارقىلىق، كانادا شىركەتلىرىنىڭ زادى نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كەلگۇسى پىلانلىرى ھەققىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى ۋە باشقا نازۇك ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ ئاسان قولغا كەلتۈرمەكچى، دەپ يازىدۇ. ماقالىدە كوممۇنىستىك پارتىيە دىكتاتورلۇقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، كانادانىڭ دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ بەزى ئەۋزەللىكلىرىنى سۈيىئىستىمال قىلىۋاتقانلىقى، ئىقتىسادى دەسمايە بىلەن سىياسى جەھەتتە مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقى، قىسقىسى، بۇنىڭ كانادانىڭ دېموكراتىك ئاساسىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
كانادادىكى خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزىدىغان لىبېرال ۋە يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، رىچارد فاددېننى نازۇك مەسىلىدە يەڭگىللىك قىلدى ۋە كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتىگە سوغۇقچىلىق سالماقچى بولدى دەپ ئەيىبلەپ،ئۇنى ئىستىپا بېرىشكە چاقىرماقتا. كانادادىكى خىتاي جەمئىيەتلىرى بولسا، گۇمانلىق سوغاق كۆزلەرنىڭ ئۆزلىرىگە تىكىلگەنلىكىدىن شىكايەتچى. كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، رىچارد فەددېن كانادانىڭ جىددىي بىر مەسىلىسىنى ھېچ پەدەزلىمەستىن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىمدىن كەچۈرۈم سوراش مەجبۇرىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ مەسىلە كانادادىكى خىتايلارغا بېرىپ تاقالسىمۇ، بۇنىڭ ئاساسلىقى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قول تىقىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى خىتاي جامائىتىنىڭ يەنىلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. يېقىندا، كانادادا ئېلىپ بېرىلغان جامائەت رايىنى سىناش پائالىيىتىدە، كۆپلىگەن كىشىلەر كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىچارد فاددېننى قوللىغان.. ئاڭۇس رېئىد ئىسىملىك راي سىناش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا،73% كانادالىق بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا كىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوقىرى ياكى بۇ مۇمكىن دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ئېھتىماللىق ئاز ياكى مۇمكىن ئەمەس دېگۈچىلەر بولسا14 % بولغان. يەنە 59% كانادالىق رىچارد فاددېننىڭ ئىستىپا بېرىشى توغرا ئەمەس،دەپ قارىغان. پەقەت 9% ئادەملا ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. راي سىناشقا قاتناشقان 67% كانادالىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ بولغان، كانادالىق سىياسەتچى - ئەمەلدارلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.