كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى يېڭىدىن يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، كانادانى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى

يېقىندا كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى يەنە يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، كانادانى خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان. بۇ كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان تۇنجى دوكلادى ئەمەس. كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇ ھەقتە بىرقانچە قېتىم دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00


ئوتتاۋا، كانادانىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادى شىرىكچىلىك جەھەتتە خىتاينى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خىتاي نېفىتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ كاناداغا مەبلەغ سېلىشى ۋە كانادانىڭ نېفىت شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىۋاتقان، جۈملىدىن كانادا نېكسان نېفىتچىلىك شىركىتىنى خىتايغا سېتىپ بېرىشكە تەرەددۈت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە يەنە يېڭىدىن يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئوتتاۋانى خىتاي بىلەن ئىقتىسادى قارارلارنى ئېلىشتا،خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە كانادادا يول ئېچىلىشتىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى. كانادا مەتبۇئاتلىرى بۇنى ئوتتاۋاغا يېقىلغان قىزىل چىراق دەپ تەرىپلىمەكتە.

بۇ كانادانىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي جاسۇسلۇقىدىن ھەزەر ئەيلەش ھەققىدە چىقارغان دوكلادى ئەمەس. كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۇدا بىرقانچە يىل دوكلات ئېلان قىلىپ، كانادا سودا ساھەسى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى خىتاينىڭ ئېنتېرنېت ۋە باشقا يوللار بىلەن ئېلىپ بارىدىغان جاسۇسلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

بۇندىن 2 يىل ئىلگىرى كانادانىڭ ساسكاچىۋان ئۆلكىسىدىكى بىر پوتاسيۇم ھىدرات ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ كومپىيۇتىر سېستىمىسى خىتاي تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.كانادادا خىتاي تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان شىركەتلەر يالغۇز ساسكاچەۋان پوتاتسئۇم ھىدرات شىركىتى ئەمەس. ئىككى يىل ئىلگىرى يەنە كانادانىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ كومپىيۇتىرلىرىمۇ خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

خۇاۋېي تېلېگىراف شىركىتى كانادادىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كانادادىكى، بەلل، تەلاس قاتارلىق تېلېگىرام شىركەتلىرى بىلەن شېرىكلەشكەن. ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ شىركەتنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى بايقىلىپ جازا بېرىلگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خۇاۋېينىڭ ئامېرىكىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى خىتاي بىلەن بولغان 5 مىليارد دوللارلىق تېلىگىراف ھەمكارلىق كېلىشىمىنى رەت قىلغان. سەۋەب دەۋلەت بىخەتەرلىكى.

كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان بۇ يېڭى دوكلات كانادالىقلارنىڭ خىتاي ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. نۇرغۇنلىغان كانادالىقلار كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە پىكىر بايان قىلىپ ئېنىرگىيەگە بولغان تەلۋىلەرچە ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، خىتتاينىڭ سۇداننىڭ دانفوردا شۇنداقلا زىمبابۈۋىدە ئېلىپ بارغان تېررورچى ۋە دىكتاتۇرلارنى قوللاش ھەرىكەتلىرىنى كانادادىمۇ تەكرارلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق ياردەمچى باشلىقى راي بويسىۋەت كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى يېڭىدىن ئېلان قىلغان يىللىق دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن ك ب ك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كانادا خەلقى تېخنىكا - ئۇچۇر جاسۇسلۇقى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك دېگەن. ئۇ يەنە كانادا خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي جاسۇسلۇق تەھدىتىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىگە ئوخشاتقان.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون بائىرد كانادا نېفىت شىركىتىنىڭ خىتايغا سېتىلىدىغانلىقى ۋە كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ئاگاھ بولۇش ھەققىدىكى يىللىق دوكلات ھەققىدە توختالغاندا، كانادا ھۆكۈمىتى كانادا خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك دېگەن.

كانادالىق سىياسەتچى، كىشىلىك ھوقۇق پائاليەتچىسى داۋىد كىلگور يېقىندا تورونتو قۇياشى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدىكى شىركەتلەر ئىشچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى، مۇھىت مەسىلىلىرى شۇنداقلا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردە خىتاي قانۇنىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار قانۇننى كۆزگە ئىلماي ئۈگەنگەن. ئەگەر خىتاي شىركەتلىرى كاناداغا مەبلەغ سالسا ياكى سېتىۋالسا كانادا قانۇنىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ. ئۈگەنگەن خۇي ئۆلگىچە دەپ، ئۇلار كانادانىڭ ئىچىنى قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ دېگەن. كىلگور يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنى يەر ئاستى بايلىقلىرى ئىگىلىك ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىككە چاقىرغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كانادادىكى خىتاي جاسۇسلۇقى ئەندىشىسىدىن باشقا يەنە، كانادالىقلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى بىلەن خىتايلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. دۆلەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە ۋە سۈرىيىگە ئوخشاش دىكتاتۇر ھاكىمىيەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، دۇنيا مىقياسىدا دىكتاتۇرلارنى قوللايدىغان بىر دۆلەت دەپ قارالماقتا. كانادا بولسا لىۋىيە،سۈرىيە قاتارلىق دىكتاتۇر دۆلەتلەرگە ئۆزى مۇستەقىل ھالدا جازا يۈرگۈزگەن ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن بىر دۆلەت بولۇپ، كانادالىقلار كىشىلىك ھوقۇقنى دوللارغا تېگىشمەيدىغان قىممەت قارىشىغا ئىگە. بۇنداق قارىمۇ - قارشىلىقنى شۇنداقلا سودا جەھەتتىكى شرىكچىلىكىنى بەزى كانادا مەتبۇئاتلىرى يولۋاس بىلەن ئەجدەرھانىڭ مۆكى - مۆكىلەڭ ئوينىشى دەپ دەپ تەسۋىرلىمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.