دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن سۆز قىلىپ، ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇندىن كېيىن 19 ئۆلكە ۋە شەھەردىن تېخىمۇ كۆپ شىركەت ھەم ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىلگىرىلەپ تالان-تاراج قىلىش ۋە كۆچمەن يۆتكەش تەشەببۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
27-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمەت يىغىنى ھەم «كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمەت يىغىنى ئېچىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغان 2 يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەر خۇلاسىلەنگەن ۋە بۇ يىللىق ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ نىشانى ھەم تۈرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن 19 ئۆلكە شەھەرنىڭ ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى مەدھىيىلىگەن.
خىتاينىڭ خەلق گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا جاڭ چۈنشەننىڭ كۆرسىتىشىچە، 19 ئۆلكە-شەھەر ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم قىلىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ئورگانلىرى 1627 تۈرلۈك ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان. بۇ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا 15 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. 128 مىليارد 100 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئەمەلىيلەشكەن.
جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغان ئىككى يىلدىن بۇيان قولغا كەلگەن نەتىجىلەر قاتارىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرلەر قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلگەنلىكى، بۇ يىللىق «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى» نى ئورۇنلاشتۇرغاندا «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا زىچ بىرلەشتۈرۈش، 90 تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى خەلق ئاممىسىنىڭ ‹بېيىش قۇرۇلۇشى›، ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش› قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نى خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى» دېگەننى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشنى قاتتىق تەكىتلىمەكتە. ئۇ تېخى يېقىندىلا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۈگۈن يەنە تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خوتەنگە مەخسۇس تەكشۈرۈشكە بېرىپ، خوتەننىڭ بىر قانچە ناھىيىلىرىنىڭ مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر چىرا ناھىيىسىنىڭ چىرا يېزىسى، كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قارقى يېزىسى، سىيەك، كۆكيار يېزىسى، لوپ ناھىيىسى، لوپ ناھىيىلىك سۇچىلىق ئىدارىسى ۋە ج خ ئىدارىسى، خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتى ھەم بىر قىسىم ساقچىخانىلارغا بېرىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تۈرلۈك مۇقىملىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ بىرىكىشى، چارلاش، مۇداپىئە-كونترول سىستېمىسى، يېزا ساقچىخانا قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن. مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى شۇڭ شۇئەنگو يۇقىرىدا نامى ئاتالغان جايلاردا مۇقىملىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا قىلغان سۆزىدە «مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتىگە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتنىڭ بىر قاتار مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەۋرەنمەسلىك، ئارىسالدى بولماسلىق» دەپ يوليورۇق بەرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى 19 ئىچكىرى ئۆلكە-شەھەرگە ياردەم بېرىشكە بۆلۈپ بەرگەندىن بۇيان ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا بۇ 19 ئۆلكە-شەھەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان ياردەملىرىنىڭ سايىسىدە، ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ بېيىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئەمما، ئىقتىسادنى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي دەپ قاراۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دائىم مۇقىملىقتىن ئەندىشە قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى ھەسسىلەپ چىڭىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يۇقىرىدىكى ئەھۋال چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىش خىزمىتى ھەرگىزمۇ جاڭ چۈنشەن ئىلگىرى سۈرگەندەك خەلق رايىنى ئاساس قىلىپ، خەلققە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلمىدى، ئەكسىچە ئىچكىرىدىن چىققانلارنى باي قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ خىل قاتتىق قوللۇق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن چىققان شىركەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا موھتاج، دەپ كۆرسەتمەكتە. شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندى «19 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى» خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى رايوندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان خەلقنى ئالداش سىياسەتلىرىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتكەن بىر تۈرى، دەپ كۆرسەتتى.
ئىگىلىنىشىچە جاڭ چۈنشەن بۇ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرسەتكەندە ئىچكىرىدىن كېلىدىغان ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ، كادىرلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنى، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ياشلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئىشلەشكە جەلپ قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن يىل تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش سىياسىتىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە-شەھەرلەردىن 7 تۈركۈم بويىچە جەمئىي 3200 نەپەر كادىر ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن بولۇپ، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ رەقەمنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ھەرقايسى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسىنىڭ مىللىي زىددىيەتكە ۋە رايوندىكى مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل نام ئاستىدا بۇ سىياسىتىنى داۋام قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنى ئۇمىدسىزلەندۈرمەكتە.
ئابدۇللا ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە بۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانداق تەدبىر ئالسا-ئالسۇن ئۇيغۇرلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلمىغۇچە، ئۇلارغا ئۆز ھوقۇقىنى تولۇق بەرمىگۈچە مۇقىملىقتىن ئېغىز ئېچىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن بولسا يىغىندىكى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە «ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش ئىدىيىسىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيىسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالەتلىرىنىڭ بىرى»، دەپ كۆرسەتكەن.