خوڭكوڭدا خىتاينىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلىنىش يۇقىرى چەككە يەتتى
2012.09.20
خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1997-يىلى خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن بۇيان، خوڭكوڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى بىر ئىزدا توختاپ قالدى. جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تىلغا ئالغۇدەك ئىلگىرىلەش بولمىدى. كۆرۈنۈشتە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتى ئىجرا قىلىنىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، خوڭكوڭدىكى ھۆكۈمەت سايلىمى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى خىتاي مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قالدى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 19-سېنتەبىردىكى «خوڭكوڭ خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلىدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە مىڭلىغان پۇقرالار ئارىسىدا تېلېفون ئارقىلىق بىۋاسىتە راي سىناش ئېلىپ بارغان بولۇپ، خۇلاسە سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان نەتىجە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.
راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقانلارنىڭ نىسبىتى 34% ئۆرلەپ، 2004-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقانلارنىڭ نىسبىتى 40% ئۆرلەپ، 1997-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ھاسىل قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر لياڭ چېنيىڭ رەھبەرلىكىدىكى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئاران 35% كە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقىلىپ بېرىشىغا خوڭكوڭدا يولغا قويۇلماقچى بولغان «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» نامىدىكى مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيىسى، خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈش كومىتېتى ۋە يېڭى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ھادىسىسى، خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى، خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىغا 15 يىل بولغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئىجابىي تەرەققىيات، يېڭىلىقنىڭ روياپقا چىقمىغانلىقى قاتارلىق بىر تالاي مەسىلىلەر سەۋەبچى بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسىگە ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك نامايىشلارمۇ كىشىلەرنىڭ روھىغا تەسىر قىلغان.
خوڭكوڭ خەلقىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقىلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، «ئالما گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن باشقا، خىتايدا مەدەنىيەت جەھەتتە، ئىدراك جەھەتتە، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئەكسىچە، ئاق-قارا ئارىلىشىپ كەتتى، ئىستىل بۇزۇلدى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۈرمىلەرگە بەند قىلىندى، پىكىر ئەركىنلىكى چەكلەندى. دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقلار ساھەسىدە بارغانسېرى چېكىنىش بولدى.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقانلار، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلىنىۋاتقانلار يالغۇز خوڭكوڭ خەلقىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتاي خەلقى بولماقتا. ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىگە ئوخشاش مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقى، قارشىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك. ئۇيغۇر ئېلى گەرچە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى، خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان بىر رايون بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار يەنىلا نامرات، ئۇيغۇر ئېلىدە نە سانائەت، نە يېزا ئىگىلىكىدە كۆزگە چېلىققۇدەك تەرەققىيات يوق. خىتاينىڭ پۈتۈن مۇددىئاسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرى بىلەن ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقىلا مەركەزلەشكەن. بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاپ-تالاشقىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ رايوننى نامرات پېتى تاشلىۋەتكەن. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «ھالقىما تەرەققىيات» نامىدا ئۇيغۇر ۋەتىنىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىپ، «غايەت زور ئىلگىرىلەش» لەرنىڭ روياپقا چىقىۋاتقانلىقىنى داۋراڭ سالسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەرەققىياتلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. يۇقىرىقى قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرگەن د ئۇ ق تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختىلىپ ئۆتتى.
خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق رايى تەتقىقات پىلانى مەركىزى 1991-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار 2000-يىلى ئېلان قىلغان بىر قېتىملىق راي سىناش نەتىجىسى پۈتۈن خىتايدا زىلزىلە قوزغاپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي تەرەپنىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. بۇ مەركەز ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېلىپ بارغان راي سىناشتا، ئاران 17% خوڭكوڭلۇقنىڭ ئۆزلىرىنى جۇڭگولۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ راي سىناشقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە خىتاي-خوڭكوڭ بىرلەشمىسى تەشۋىقات-مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ خىتاي تەرەپ ئەمەلدارى خاۋ تېچۇەن دەرھال مەتبۇئاتلارنى ئۆزلۈكىدىن زىيارەت قىلىپ «بۇ راي سىناش ئىلمىي ئەمەس، لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس، بېزىلەر دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سالماقتا، ئىغۋا تارقاتماقتا» دەپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.