كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېڭى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىغا گۇمانى پوزىتسىيىدە قارىدى

خىتاي بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك تەنقىدلەرنى رەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا ئىزچىل ۋەدە بېرىپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تۆت يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى «خەلق گېزىتى» چارشەنبە كۈنكى سانىدا خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چېننىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى ئېلان قىلدى. ۋاڭ چېن، مەزكۇر ھەرىكەت پىلانىنىڭ 2012‏-يىلدىن 2015‏-يىلى ئارىلىقىدا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، «دېموكراتىيىنى كېڭەيتىش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئالغا سۈرۈش، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى چىقىش قىلغان» مەزكۇر ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئىككىنچى قېتىم يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىدا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش شەرت-شارائىتىنى ياخشىلاش مەركەزلىك تەكىتلىنىپ، يىغىلىش، سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمى ئەركىنلىكنى كېڭەيتىش مەسىلىسىنىڭ كۆپ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

خىتاي 2001‏-يىلى بېيجىڭغا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىلسە، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئۇنىڭ 2009‏-يىلى يولغا قويغان كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەرىكەت پىلانى ئۇنىڭ بۇرۇن بەرگەن ۋەدىسىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەمىمىيىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەرىكەت پىلانى يولغا قويغان 2009‏-يىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئارقىغا چېكىنىپ، ئەركىنلىكنىڭ ئىلگىرىلەپ بوغۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار يەنە، خىتاينىڭ2009‏-يىلى 5‏-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلىپ، «شاۋگۈەن ۋەقەسى»گە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقاپ ۋە تور ساھىبلىرىنى باستۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە تامامەن خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2012‏-يىلى يولغا قويىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ياسىشىدىن گۇمانلىنىشىغا يېتەرلىك سەۋەب بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليارد 300 مىليون ئاھالىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي، سىياسىي پائالىيەت ۋە مۇستەقىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قاتتىق چەكلەپ كەلدى. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدا بۇنداق ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قوغدايدىغان مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىي، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن كۇيدې ئەپەندى بۇ قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ «جۇڭگودا ئەدلىيە مۇستەقىللىقى يوق. ئەدلىيە مۇستەقىللىقىدا كەمتۈكلۈك بار. ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقارغۇچى، ئەڭ ئاخىرقى كونتروللۇقنى تۇتۇپ تۇرغۇچى يەنىلا پارتىيە. پارتىيىنىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتى ھەر قانداق دىلوغا ئالدىنئالا قارار چىقىرىدۇ. شۇڭا جۇڭگودا سوت پەقەت شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت خالاس. ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمنى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئاللىبۇرۇن چىقىرىپ بولغان بولىدۇ. شۇڭا سوتلاش جەريانى ۋە سوت نەتىجىسىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە جۇڭگونىڭ پۈتكۈل سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى قانۇنسىزلىق، قانۇن بىلەن ئىش بېجىرمەسلىك سەۋەب بولماقتا» دەپ كۆرسەتتى. چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كومپارتىيىنىڭ مۇتلەق كونتروللۇقىدىكى بۇ خىل ئەدلىيە سىستېمىسىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىسا، ئۇنى قوغداشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى كومپارتىيە ئۆزىنىڭ ئابرۇيى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق دىلوغا ئادىل ھۆكۈم چىقارمايدۇ.

لېكىن ۋاڭ چېن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009‏- ۋە 2010‏-يىلى يولغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى تەرەققىيات، مائارىپ، سىياسىي ھوقۇق، ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئاياللار، بالىلار،ياشانغانلار ۋە مەجرۇھلارنى قوغداش ساھەلىرىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى بۇ نەتىجىلەر يەنە، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان 13 خىل جىنايەت تۈرىنىڭ بىكار قىلىنىشى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ مەھبۇسلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشى ۋە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ چەكلىنىشى، يېزا -قىشلاقلاردىكى 130 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىنىڭ بىكار قىلىنىشى قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق كۆزەتكۈچىلەر 2009‏ -ۋە 2010‏-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان بىر يىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بىكار قىلغان 13 خىل جىنايى قىلمىش پەقەت ئىقتىسادى جىنايەتلەر بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ بولسا ئىزچىل ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىن 40 نەچچە كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغان. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ پەقەت «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ سوتلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەخپىي سوتلاپ، تۈرلۈك جازالارغا بۇيرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدىكەن.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىغا گۇمانى پوزىتسىيىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىماقچى بولسا، ئىشنى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلىشتىن باشلىشى كېرەك. ۋەقەدە ئۆلگەن، ئىز ‏-دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنى ئېنىقلاپ، مەخپىي سوتلانغان ۋە تۈرلۈك جىنايى جازالارغا تارتىلغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشى، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇپ، ئىجرا قىلىنغانلارغا تۆلەم تۆلىشى لازىم.

خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چېن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتايدا يەنىلا بەزى مۈشكىلات ۋە رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ پۇقرالارنىڭ كىرىم پەرقى، پۇل پاخاللىقى، ۋە يەر مۈلكنى قانۇنسىز تارتىۋېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يەرلىك ئىجتىمائىي توقۇنۇشلار بۇ ساھەدىكى خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم رىقابەت ئامىلى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەر ۋاڭ چېننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقى سەۋەبلىك يۇقىرىقى زىددىيەتلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدۇر، دەپ كۆرسەتمەكتە.