ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 4 كۈننىڭ ئالدىدا 2010-يىللىق يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ 2010-يىلى ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش سىياسىتى، ئاخبارات كونتروللۇقى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان نەچچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دوكلات ئېلان قىلىنىپ 3-كۈنى يەنى 10-چېسلا خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئامېرىكىنىڭ 2010-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىغا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. خىتاينىڭ دوكلاتىدا، جىنايى قىلمىش، كەمبەغەللىك، ئىرقىي ۋە جىنسى كەمسىتىش ۋە شۇنداقلا باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي خاھىشلارنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ساقايماس كېسەللىككە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا باھا بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا يەنە، ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، گۇەنتانامو ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىي تۈرمىسىدىكى ئامېرىكا «دۈشمەن جەڭچىلىرى»نىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراپ، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى، ئامېرىكا سىياسىي سىستېمىسىنىڭ پۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا ئۆزىدىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆرمەسكە سالماقتا ۋە ناھايىتى ئاز تىلغا ئالماقتا» دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 8-چېسلا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى كۈچىيىپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلى«سەلبىي يۆنىلىش» كە قاراپ ماڭغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. بەزى ئانالىزچىلار نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىدىكى5-ئىيۇل ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان نەچچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرىكى يوقلۇقىغا دائىر مەسىلە خىتاينىڭ زىتىغا تېگىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ، خىتاي ئامالىنىڭ بارىچە يېپىشقا تىرىشىۋاتقان، لېكىن ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقان سەزگۈر مەسىلىدۇر.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى تەنقىدچىلەرگە خىتاينىڭ دوكلاتىغا باھا بېرىش پۇرسىتى بەرگەن بولسا، ناھايىتى زور ئىش قىلغان بولاتتى، دەپ كۆرسەتتى. بۇ سۆزلەر ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پوزنېرغا ئائىت. مايك پوزنېر ئالدىنقى كۈنى خىتاي «خەلق گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە دائىر دوكلاتىغا جىددىي مۇئامىلە قىلامدۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بىز خىتاي ئېلان قىلغان دوكلاتنى ئوقۇيمىز. بىز ئۇنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىمىز. لېكىن، ئۇنىڭ مەزمۇنىدا چوڭ پەرق يوق. ھالبۇكى ئۇنىڭ مەزمۇنى تولۇق ئەمەس ۋە ياكى نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان دوكلاتلاردىن كۆپ مۇلاھىزە تۈسىگە ئىگە. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ بۇ يەردىكى تەنقىدچىلەرنى بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنغان دوكلات بىلەن تەمىنلىگەندەك، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى تەنقىدچىلەرنى ئۆزىنىڭ دوكلاتىغا باھا بېرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، ناھايىتى زور ئىش قىلغان بولاتتى. بىز بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى ھەم تەن جازاسى ئەھدىنامىسىگە دائىر ئىككى دوكلات يوللايمىز. بىز پىكىر بېرىشكە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھوقۇقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئوچۇق بولۇپ قالماي، بەلكى بىز يەنە تەنقىدكە ئوچۇق. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ تەنقىدى پىكرىنى قوبۇل قىلىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئىقتىساد ۋە نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەردە زىچ ھەمكارلىقى بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىر -بىرى بىلەن جىددىي رىقابەت ئىچىدىكى دۆلەتلەردۇر. كىشىلىك ھوقۇق ئۇلار ئارىسىدىكى نېگىزلىك ئىختىلاپلارنىڭ بىرى. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىلگىرى-ئاخىر دوكلات ئېلان قىلىپ، بىر -بىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىشى ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تونۇشىدا زور پەرق بارلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئامېرىكا تولېدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر پروفېسسورى رەن بوگۇڭ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى بىر ئۇنىۋېرسال مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ بۇنىڭدا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ «ئىككىسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى ئوخشىمايدۇ. جۇڭگو ئۆزىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ قارايدۇ. كەمبەغەللەر كۆپ دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، ب د ت نىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن يەنە 100 مىليون ئادەم كەمبەغەللىك سىزىقىنىڭ ئاستىدا ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قورساقنى تويغۇزۇش، تۇرمۇشنى ياخشىلاشتۇر. شۇڭا ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى باھانىسى. بۇنى باھانە قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئۆلچىمى پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى پۇقرالارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنىي، پىكىر قىلىش، يىغىلىش، ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكى قاتارلىق خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قىممەتنى ئۆلچەم قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى پەرقنى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى تەنقىدلەپ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.»
ئانالىزچىلار، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپ كونكرېت ۋەقە، ھادىسە، مەسىلە ۋە شەخسلەر تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دوكلاتنىڭ خىتايدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى ھەققىدىكى پاراگراپىدا، بىر چەتئەل ھۆكۈمىتىنىڭ كېپىللىكىدىكى ئىلمىي ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن تاللانغان بىر يەرلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قاتنىشىشى رەت قىلىنغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئوقۇغۇچىغا پاسپورت ئىشلەپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. بەزى ئانالىزچىلار يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئاساسەن ئانالىز خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ كونكرېت ۋەقە، ھادىسە ۋە شەخسى دېلولارنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئامېرىكا تولېدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رەن بوگۇڭ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتلەردە قۇدرەت تېپىشى يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي خەلقئارا ئىناۋەتكە ئېرىشمەكچى بولسا چوقۇم دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «بۇ ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى قۇدرەت تاپسىلا، ئۇ دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولامدۇ؟ ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچ ھەرگىز دۇنيانىڭ سىزنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى، دۆلەتلەر سىزگە ئىقتىسادى جەھەتتە موھتاج بولۇشى، ھەربىي كۈچىڭىزدىن قورقۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ھەرگىز سىزنى ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ قۇدرەت تېپىشى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىش. جۇڭگونىڭ ئىناۋەتلىك بىر دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەت بولۇشى شەرت. جۇڭگو ئۆزگىرەمدۇ-ئۆزگەرمەمدۇ؟ جۇڭگو چوقۇم ئۆزگىرىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇنىڭغا يەنە مەلۇم ۋاقىت كېتىدىغاندەك قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.