خىتاي دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردىمۇ؟

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى 2008 - يىلدىن بۇيان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ بارغانسېرى چېكىنىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى«جۇڭگو دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى» دەپ جار سالدى.

0:00 / 0:00


خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاۋازى بولغان «خەلق تورى» 29 - ماي «جۇڭگو دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە خىتاينىڭ ئالتە ساھەدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن كۈلكىلىك ۋە بىمەنە دەپ قارالغان مەزكۇر خەۋەر بولسا «جۇڭگونىڭ ھەقىقىي تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئوبيېكتىپ قارايدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ پۇختا تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايدۇ.» دېگەن سۆز بىلەن باشلانغان.

بىز گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئۆمەرجان، ئوسمانجان ۋە غەيۇر ئەپەندىلەرنىڭ خىتاي تىلغا ئالغان بۇ ئالتە تۈرلۈك نەتىجىگە بولغان كۆزقاراشلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.

خىتاي تىلغا ئالغان بۇ ئالتە تۈرلۈك نەتىجىنىڭ بىرىنچىسىدە «جۇڭگو ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم پرىنسىپى قىلدى» دېيىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمانجان ئەپەندىنىڭ پىكرى باشقىچە بولدى.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئاتالمىش نەتىجىسىنىڭ ئىككىنچىسىدە «جۇڭگو ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇن سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى» دېيىلگەن بولسا، ئۈچىنچىسىدە «جۇڭگو دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى (2009 - 2010)»نى تۈزدى» دېيىلگەن بىز بۇنىڭغا قارىتا د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىپادىسىنى ئالدۇق.

«جۇڭگو دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى» ناملىق خەۋەردە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنىڭ تۆتىنچىسى «جۇڭگو خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە راۋاجلىنىش ھوقۇقى جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، غايەت زور نەتىجە قازاندى» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. ئوسمانجان ئەپەندى بۇ خۇسۇستىكى كۆزقاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

بەشىنچىسىدە «جۇڭگو سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال ۋە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكىللىرىنى بېيىتىپ، پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلدى» دېگەن بولسا، ئالتىنچىسىدە «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنى كۈچەيتىش تەربىيىسىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىسى قىلدى» دېگەن. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۆمەرجان ئەپەندى خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق باياننامىلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە تارقىلىشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشلەرنى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەقەللىي تۈرلىرى بولغان نامايىش قىلىش، سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى دېگەنلەرنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئىزدەپ تۈرمىلەرگە بەند قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھېسابى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي ئېلان قىلغان «جۇڭگو دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى» ناملىق خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئالتە تۈرلۈك مەسىلىگە قارىتا بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.