خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي 5' ‏- ئىيۇل ۋەقەسى' ھەققىدە توختالدى

ۋەن يەنخەي بېيجىڭدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان "ئەيجىشىڭ" ناملىق خىتاي ئەيدىز كېسەللىكلەر ياردەم جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ يېقىندا ئامېرىكىغا كېلىپ پاناھلانغان. ۋەن يەنخەي بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە يېقىندىن ئارىلاشقان شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.07.01

ۋەن يەنخەي ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" ۋە ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ھەم ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

ۋەن يەنخەي ئەپەندى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، "ئەيجىشىڭ" ئەيدىز كېسەللىكلەر ياردەم جەمئىيىتىگە مەسئۇل بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئەيدىز كېسەللىك ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەردە دوكلات ھازىرلاپ، ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىلتىماسلارنى سۇنغان ئىدى. ۋەن يەنخەي يېقىندا ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۈگۈن رادىئومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ۋەن يەنخەي ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ پاناھلىنىشىدىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" : بىزنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىمىزگە، يەنىلا نۇرغۇن بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىمىز سەۋەب بولدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 4‏ - ئايغىچە بىزنىڭ ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئۆرنىمىز بېيجىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراشقا باشلىدى. ج خ ئىدارىسى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى، باج ئىدارىسى، بازار باشقۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، ساقچىخانا، تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ ئىدارىسى دېگەندەك ئورگانلارنىڭ ھەممىسى بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋالدا مەن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم."

سوئال: سىز بۇرۇن ئەيجىشىڭ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىدە ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئەيدىز كېسىلى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئارىلاشقان. ھەتتا خەلق ئىشلار ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا دائىر بەزى تەكلىپلەرنى بەرگەن ئىدىڭىز. بۇ ئىشلار قانداق بولۇپ كەتتى ؟

ۋەن يەنخەي: "بىزنىڭ ئورگان 2006‏ - يىلى 6‏ - ئايدىن باشلاپ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا دائىر بەزى خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان . ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى پاجىئەلىك ئىدى. ئۇلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە ئەڭ پاجىئەلىك ياشايدىغان توپ دېيىشكە بولاتتى. بۇنىڭغا ئىلمىي تەكشۈرۈش ياكى ھۆكۈمەتنىڭ دوكلاتى كەتمەيتتى. بىر نەرسىنى ئويلىغۇچىلىكى بار ھەر قانداق ئادەم ئۇلار تۇرغان مەھەللىگە بارسىلا بۇنىڭ ھېس قىلالايدۇ. ئۇلار ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق توپ. سىز بايام ئېيتقان ئۇلارنى مۇساپىر دېگەن سۆزىڭىز قۇلاققا ئانچە ياخشى ئاڭلانمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى مۇساپىر دەپ ئاتاش ھەقىقەتەن توغرا."

سوئال: سىلەر دوكلات ھازىرلاپ يوللىغاندىن كېيىن بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟

ۋەن يەنخەي: "بىز 2008‏ - يىلى 5 - ئايدا بىر قېتىم دوكلات يوللىغان. لېكىن ساقچى تەرەپ بۇنىڭغا بەك قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ كەتمىدى. ساقچى تەرەپنىڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭدا بار - يوقلۇقىنى نازارەت قىلىش بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەنلىكى بولسا كېرەك. ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن، بىز بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدۇق. ئولىمپىك مەزگىلىدە بۇ ئىشلارنى قىلىش تەس ئىدى.

ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن بېيجىڭغا قايتقانلارمۇ كۆپەيدى. بۇ ئەھۋالدا بىز ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇلاردىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش ئەھۋالىنى خېنەندىكى ئەيدىز كەنتىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاتقىلى بولاتتى. ئەيدىز كېسىلىنىڭ دورىسى پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشقان، ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بەرمەيدىغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. بېيجىڭدا ئەيدىز ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن 3 كىشى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى."

سوئال: شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئەھۋاللار سىزلەرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە دوكلات يوللىشىڭلارغا تۈرتكە بولدى، شۇنداقمۇ ؟

ۋەن يەنخەي" :شۇنداق، قايتىپ كېلىپ بۇ ۋەقەدىن ناھايىتى ئازابلاندىم. شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا بىر پارچە خەت يازدىم. بۇ خەتتە بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش سىياسىتى يولغا قويغانلىقى تەنقىد قىلىنغان ئىدى. دەسلەپكى كۈنلەردە دائىرىلەر بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. لېكىن 2‏ -ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى مېنى ئىزدەپ كېلىپ، خېتىمدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 2‏ - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ج خ ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى يەنە كەلدى. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى ئۆزگىرىپ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى چوشىنىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوئال: سىلەرنىڭ ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنىڭلار يېقىندا ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر دوكلات ئېلان قىپتۇ. سىز بۇ دوكلات ھەققىدە توختىلىپ باقامسىز، ئۇنىڭدىكى يېڭىلىقلار نېمىدىن ئىبارەت؟

ۋەن يەنخەي" :بۇ دوكلات ئاساسلىقى 2006‏ - يىلى يازدىن باشلاپ بىزنىڭ تەتقىقات ئورنى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتكە ئاساسەن تەييارلاندى. دوكلات ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا چېتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ چوڭ شەھەرلەرگە كېلىشىدە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ئۇلار ئۆزىنىڭ يۇرتىدا چەتكە قېقىلغان. ئۇلار ئۆزىنىڭ يۇرتىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان. ئۇلار خىزمەت تاپماقچى بولۇپ چوڭ شەھەرلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار شەھەرلەردە تېخىمۇ ئېغىر چەتكە قېقىلغان. تىل جەھەتتىكى پەرقى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشىگە دۇچ كەلگەن. شۇنى ئوچۇق ئېيتىشقا بولىدۇكى، يېقىنقى 10 يىلدا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كەمسىتىشى ناھايىتى ئەسەبىي نۇقتىغا يەتتى. بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك سىياسىي تەشۋىقاتىنىڭ رولى زور ئىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ تەبئىي ھالدا پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ساراسىم پەيدا قىلغان. مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ئوسال ئاقىۋەت ئىدى."

سوئال: سىزنىڭچە، ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"نى ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىشنىڭ نەتىجىسى دەپ كۆرۈشكە بولامدۇ؟ بۇ، چەتكە قېقىشقا كۆرسىتىلگەن ئىنكاسمىدۇ؟

ۋەن يەنخەي" :مېنىڭچە، 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى ناھايىتى ئېغىر ۋەقە. مىللەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن بۇنداق قىرغىنچىلىققا نىسبەتەن، مېنىڭچە، ھۆكۈمەت ۋە خەلق چوڭقۇر ئويلىشىشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن بىزگە ئوخشاش ھېسسىياتتىكى ئىنسانلاردا بۇنچىلىك ئۆچمەنلىك تۇغۇلىدۇ ؟ مېنىڭچە، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بەلكى بەزى رادىكال گۇرۇھلار بەزى ئىشلارغا كۈشكۈرتكىچىلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىدەك بۇنداق ھادىسە جەمئىيەتتىكى ئېغىر ئادالەتسىزلىككە بولغان ئىنكاستۇر. ئۇيغۇرلارنى چوڭ شەھەرلەردىن قوغلاش، ئۆز يۇرتىدا چەتكە قېقىش، ئىشسىزلىق، مۇھىتنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىق، سالامەتلىك ۋە ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقىتىشى قاتارلىق ئامىللار مانا بۇ ۋەقەنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشىدۇر."

ۋەن يەنخەي ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئەيجىشىڭ ئەيدىز كېسەللىكلەر ياردەم جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ۋەن يەنخەي بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.