ئۇيغۇر ئېلىگە 6 مىليون كۆچمەن «يەرلىكلەشتۈرگەن» خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆچمە نوپۇستىن «تۇراقلىق يەرلىك نوپۇس» قا ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 6 مىليون كۆچمەننى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇراقلىق نوپۇسىغا ئېرىشتۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى «يەرلىكلەشتۈرۈش» دەپ ئاتىۋالغان بۇ ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00


خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسئىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا بىر تەرەپتىن كۆچمە نوپۇسنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارغا ئولتۇراقنامە، ئۆي ئىجارە بېرىشنى چىڭىتقان. كىملىك تەكشۈرۈش قاتتىق تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇرلار كىملىكسىز ھەتتا ناھىيە بازىرىغىمۇ كىرەلمەيدىغان بوپقالغان ئىدى. كۆچمە نوپۇسنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ جىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىللاردىن بېرى ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، جان بېقىۋاتقان باشقا يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچىدىن ئۆزى كەلگەن يېزا - مەھەللىرىگە قوغلىنىپ، ئۈرۈمچىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مەھەللىلىرى قايتا ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇش تۈرى بۇيىچە چېقىپ تۈزلەنگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغان يەرگە ئولتۇراقلىشىشى قاتتىق بىر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى دەرھاللا ئۇيغۇر ئېلىگە تۇراقلىق ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىگە ئېرىشىپ، يەرلىكلەرگە ئوخشاش ئىمتىيازلارغا ئېرىشتۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتە خىتاي قانۇنچىلىق تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ، ئىچكىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرغان. مەزكۇر بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان 10 ئايدىن بۇيان جەمئىي 6 مىليون كىشى بۇ كىنىشكىگە ئېرىشتۈرۈلگەن. يەنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىبارىسى بويىچە ئالغاندا «يەرلىكلەشتۈرۈلگەن».

يۇقىرىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى چىقىرىشتىكى ئوبيېكتى ۋە مەقسەت - مۇددىئاسىغا نىسبەتەن تۈرلۈك پىكىرلەرنى پەيدا قىلدى. نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئەپەندى يۇقىرىدىكى رەقەمنىڭ قورقۇنچلۇق بىر رەقەملىكىنى ۋە بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا قويۇپ جىددىي ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئىچكىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى ئۆز يۇرتىدىكىدەك ھېس قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «شىنجاڭغا كەلسەڭلا، سەن شىنجاڭلىق بولىسەن» دېگەن خىزمەت پرىنسىپىغا ئاساسەن خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خەۋەردە بۇندىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنى يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتىدىكى رەسمىيەتلەرنى ئوڭايلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆچمەننى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئېلىدە ئاز سانلىق قاتارىغا چۈشۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭمۇ تۈپ نېگىزى دەپ قارىلىۋاتقان بىر ھادىسە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئەكىسچە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈنسايىن ئېىشىپ بېرىۋاتقانلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. مەسىلەن، يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئارال ۋەقەسى، يېڭىئېرىق ۋەقەسى، يېڭى بازار ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتاي كۆچمەنلەر ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان. دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمايدىكەن تېخىمۇ كۆپ 5 - ئىيۇل ۋەقەلىرىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.