غۇلجا ئەتراپىدىكى يېڭى سېلىنغان ئىمارەتلەرگە خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلەشمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆي بازىرى سودىسىنىڭ قىزىپ كېتىشى مەملىكەت خاراكتېرلىك ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كۆپلەپ كۆچۈپ كىرىپ، ئۆيگە بولغان تەلەپنىڭ ئېشىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ستاتىستىكا مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئىلى بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن رايون ۋە ياكى شەھەرلەرنىڭ بىرىدۇر. لېكىن بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىتاي ئۆي بازىرى سودىسىنىڭ قىزىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەملىكەت خاراكتېرلىك ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كۆپلەپ كۆچۈپ كىرىپ، ئۆيگە بولغان تەلەپنىڭ ئېشىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىدىن قازاقىستانغا چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىي رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، غۇلجا ئەتراپىدىكى يېڭى سېلىنغان ئىمارەتلەرگە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ كىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.