'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى'دە خىتاي كۆچمەنلىرى ئىچىدىكى سەككىز خىل كىشىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان يېڭى يىللىق نەسىھەت مۇنداق باشلىنىدۇ: چەتئەللەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىچىدە مۇنداق بىر نەچچە خىل 'غەلىتە ئادەملەر توپى' بار. بۇلار چەتئەللەرگە كەلگەن باشقا مىللەت كۆچمەنلىرىگە ئوخشىمايدۇ. گەرچە بۇنداق كىشىلەر چەتئەللەرگە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئىچىدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىزنىڭ كۆزىمىزگىلا ئەمەس، ئۇلارنى بېقىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ كۆزىگە بەكلا سەت كۆرۈنۈپ قالدى. ھازىر بۇنداق خىتايلار بىلەن چىرايلىق سۆزلىشىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئۇلارغا ئەمدى ئالدى بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا نەسىھەت ئېلان قىلماقتىن ئۆزگە ئامال يوق.
'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى'دە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان يېڭى يىللىق نەسىھەتتە، ئالدى بىلەن، غەرب جەمئىيىتىنى تىللاپ بىر تېيىنغا يارىماس قىلىپ كۆرسىتىدىغان، ئەمما شۇ جايدىن كەتمەي يېتىۋېلىپ خىتاينىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ يۇرىدىغان ئۇششۇق خىتايلار ئۈستىدە توختالغان. ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلىدۇ:
-- سەنلەر تىللىساڭ تىللاۋەر، قاغىساڭ قاغاۋەر، بەرىبىر سىنىڭ پىتنىلىرىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس. مەسىلەن، كانادانى ئالايلۇق، ساڭا چېگرىسىنى كەڭ ئېچىپ بەرگەن بۇ دۆلەت، گەرچە سېنى تار يەرگە سولىۋېلىپ قىستىمىغان بولسىمۇ، ئەمما سەنلەر، ئۇ يېرى بولمايدۇ، بۇ يېرى بولمايدۇ، دەپ كوتىلداۋاتىسەن. بەزىدە بەكلا ئەسەبىيلىشىسەن.
-- بۇرۇنغۇ كانادالىقلارنىڭ ئەجدادى سىنىڭ ئەجدادىڭنىڭ قايسى بىر نېمىسىنى ياخشى كۆرۈپمۇ كەتمەيتتى. ھازىرمۇ ھېچقاچان سىنى ئارزۇلاپ تەختىراۋانغا سېلىپ كۆتۈرۈپ ئەكەلمىگەن. ئۆزەڭ خىلمۇ-خىل باھانە كۆرسىتىپ، نەيرەڭ ئىشلىتىپ كەلدىڭ. سەن خىتايدا يۇرتۇڭنى تاشلاپ كەتمەك ئۈچۈن، ناھايىتى كۆپ پارا بېرىپ، ھەتتا ئايروپىلان بېلىتىنىمۇ ئالدىغا ئەكەلدۈرگىنىڭگە، شۇچاغدىكى سەتچىلىك ئېچىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئۇنىڭغا كۆتۇلدىمايسەن. ئەمما بۇ دۆلەت سىنى كىرگۈزگەندە، سەن قانۇن بۇيىچە تۆلىگەن ئازراق رەسمىيەت پۇلىغىمۇ مىننەت قىلىسەن.
-- سەن ھازىر تۇرۇۋاتقان دۆلەتنى ھەر قانچە يامان دېسەڭمۇ، ئۇ يەنىلا دۇنيادا ئىنسانىيەت ياشاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان جايلارنىڭ بىرى. دۇنيادا بۇنداق جايلارغا كۆچۈپ كېلىپ ياشاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيسەن ئەمەس. بۇنداق ياخشى مۇھىتنىڭ سەندەكلەرگە ھېچبىر ئېھتياجى يوق ئىدى. ھازىر بىز سەنلەردىن يىرگەندۇق. ئەمدى قۇيرۇقىڭنى قىسىۋال، خىتايغا قايتىپ كەت. ئەگەر ئۇ ئاناڭ سىنى، كېلىپ ھەممىنى يەپ تۆگەتكەي دەپ كۈتۈۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ بايرىقىنى بەك كۆتۈرگىڭ كەلسە، شۇ يەردە كۆتۈرگىن.
'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى'دە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان يېڭى يىللىق نەسىھەتتە تىلغا ئالغان ئىككىنچى خىلدىكى ئادەملەر -- ھېلىقى 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش' دېگەن شۇئارنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى. نەسىھەتتە مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ:
-- سەنلەر ھېمىشە ئۆزەڭگە ئەمەس، بەلكى كىملەرگىدۇر 'ۋەكىللىك قىلىپ' سۆزلەيسەن. بۇنى سەنلەرگە كىم ھاۋالە قىلدى؟ سەنلەر ئۇنى ئاشكارا تىلغا ئېلىشتىن ئىزار تارتىسەن، ئەمما ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، بىر نېمىلەرگە مەدھىيە ئوقۇشتىن ياكى غەزەپ ئىپادىلەشتىن ياكى چاقىرىق چىقىرىشتىن ئىزا تارتمايسەن.
-- ئەگەر خىتاي كۆچمەنلىرى چەتئەللەردە ياخشى ياشىيالمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىش توغرىسىدا بىر - ئىككى ئېغىر گەپ قىلساڭ مەيلىدى. ئەمما سەن خىتاي ئۈچۈن 'ئۈچىنچى ياردەمچى قوشۇن' تەشكىللەۋاتىسەن. سەنلەرنىڭ يۈزۈڭ خىتاي رىۋايەتلىرىدىكى 'لالىزارلىقنىڭ مەلىكىسى' دېگەن غىلجىڭ خوتۇننىڭ يۈزىدىنمۇ قېلىن. گەرچە رىۋايەتلەردە ئۇ، يۈزى ئەڭ قېلىن دەپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا سېسىقراق گەپ قىلسا، يەنىلا گەپ ئۆتىدىكەن، ھېچ بولمىغاندا ئۇ، 'ئۈچ'كە ئەمەس، بىرگىمۇ 'ۋەكىللىك' قىلىپ باقمىغان ئىكەن. ئەمما سەنلەرگە گەپ ئۆتمەيدۇ. ئەمدى يۈزۈڭنى سىلاپ باقمىساڭ بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالدىڭ. سايلىمىغان 'ۋەكىل' بولغىڭ كەلسە، خىتايغا قايت!
'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى'دە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان يېڭى يىللىق نەسىھەتتە تىلغا ئالغان ئۈچىنچى خىلدىكى ئادەملەر--- ئۆزىنىڭ مۇئەييەن غايىسى يوق، ئەمما ھېمىشە غەيۋەت، پىتنە قىلىپ، باشقىلارنى تېنىم تاپقۇزمايدىغان ئادەملەر. بۇنداق كىشىلەرگە قىلىنغان نەسىھەتتە مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ:
-- سەنلەر ئۆزەڭ يۇشۇرۇنۇۋېلىپ، ئوچۇق -ئاشكارا ئىش قىلىۋاتقان ئادەملەملەر ئۈستىدە غەيۋەت قىلىپ، پىتنە تېرىپ كۆڭلۈڭنى خۇش قىلىسەن.
-- گەرچە خىتاي ئەلچىخانىلىرى سەندەك غەيۋەتچىلەرگە بىرەر تەڭگە تاشلاپ بەرمىسىمۇ، ھەتتا سەنلەرنى ئەخلەت دەپ قارىسىمۇ، ئەمما سەنلەر ئۇلارغا ئۇچۇر يوللاپ تۇرمىساڭ كۆڭلۈڭ ئارام تاپمايدۇ. سەنلەر ئۆزەڭ تۇرغان دۆلەتكە قاراپ باق، بۇ دۆلەتنىڭ ئادەملىرى سەندەك پەسمىكەن، بۇ دۆلەتنىڭ چېقىمچى، پىتنىخورلارغا ئېھتىياجى بارمىگەن. ئەگەر يالغان گەپ قىلمىساڭ، غەيۋەت قىلمىساڭ، پىتنە-پاسات تېرىمىساڭ جىم تۇرالمىساڭ، خىتايغا قايتىپ كەت!
'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى'دە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان يېڭى يىللىق نەسىھەتتە تىلغا ئالغان تۆتىنچى خىلدىكى ئادەملەر -- ھېلىقى 'خەلقئارالىق مەشھۇر زاتلار' سىياقىغا كىرىۋېلىپ، خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ زىياپىتىدىن قالمايدىغان كىشىلەر. بۇنداق كىشىلەرگە قىلىنغان نەسىھەتتە مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ:
-- خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ زىياپىتى ئوتتاۋا شەھىرىدىكى ئالىي مېھمانخانىلارنىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق يېمەكلەرنىڭ دەرىجىسى بىلەن ئوخشاش. ئەمما بۇنداق زىياپەتنى ھېمىشە بېرىۋەرمەيدۇ. ئۇ زىياپەت گېلىڭدىن ئۆتكەن بىلەن ئاخىر يەنە بىر يېرىڭگە تاقىشىپ قالىدۇ.
-- ئۇ سەنلەرگە بىكارغا بېرىلگەن يېمەك ئەمەس، ئۇلار سەنلەرنى ھامان بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ. يەپ بولۇپ قاچماقچى بولساڭ ياكى ھەتتا يەيدىغىنىڭنى ئۆزەڭ بىللە ئېلىپ بارساڭمۇ، ئۇلار يەنىلا، ھېچبولمىغاندا سېنىڭ تېزىملىكىڭنى بىر كىملەرگە يوللاپ بېرىپ، باشقىلار ئارقىلىق بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ. ئەگەر خىتايدىن كۆڭۈل ئۆزەلمىسەڭ، ئۇنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا بارغاندىن كۆرە، خىتاينىڭ ئۆزىگىلا قايتىپ كەت!
'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى'دە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان يېڭى يىللىق نەسىھەتتە يەنە 'گۇرۇھ بولۇۋېلىپ ئۆز-ئارا ئۇرۇشىىدىغان كىشىلەر'، 'تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىدە ئاققان قاننىڭ بەدىلىگە يېشىل كارت ئېلىپ چەتئەلدە قېپقالغان، ئەمما شۇ قاننى ئاقلاش ئۈچۈن ھېچنېمە قىلمىغان كىشىلەر'، 'ماۋزېدۇڭ ئىديىسىنىڭ تەسىرىنى ئۆزىنىڭ كاللىسىدىن تېخىچە تازىلاپ چىقىرىۋېتەلمىگەن كىشىلەر'، 'چەتئەللەردە تۇرۇپ خىتاينىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈدىغانلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلەر' گىمۇ قىلىنغان سەمىمىي نەسىھەتلەر بار.