دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، 2009 - يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن بىر قاتار زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى خۇلاسىلەپ، خىتايدىكى ئېغىرلاشقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە " كۆك تاشلىق كىتاب" ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى چى يوڭمىڭنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، كىتابتا 2009 - يىلى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى گەرچە ئومۇمىي ۋەزىيەت جەھەتتىن نىسپىي مۇقىم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل 7 - ۋە 9 - ئايدا يۈز بەرگەن نامايىشلار ۋە شۇندىن بۇيان بۇ رايوندا داۋاملىشىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەت، شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى، پارىخورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، قارا جەمئىيەت كۈچلىرى بىلەن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىرلىشىپ جىنايەت سادىر قىلىشى، خىتايدىكى پارىخور ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشى، ئۆي - زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار ھەم ئۆي ئىگىلىرى قاتارلىق ئەرزدارلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى باشلىقى لى پېيلىن "كۆك تاشلىق كىتاب"نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتايدا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 30 يىلدىكى ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى خۇلاسىلاپ مۇنداق دېگەن: " گەرچە بۇ 30 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلگەن بولسىمۇ، ئەممە خىتاي ۋەزىيىتىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئاۋام خەلقنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۈستىدىن ئومۇميۈزلۈك نارازىلىق ھەرىكىتىنى بۇنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل نارازىلىقلار تىنچ ھالدىكى نامايىش بىلەن باشلىنىپ ئاخىرقى باسقۇچتا، توپىلاڭغا ئايلاندى، ساقچىلار بىلەن ئاۋام پۇقرا ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ قان تۆكۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. بىزنىڭ بەزى جايلىرىمىزدا يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مەسىلە ئېغىر بولۇپ، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، يۇقىرىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، ئاۋام پۇقرانىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالدى. مانا ھازىر بۇ مەسىلىلەر توپلىنىپ خىتاي جەمئىيىتىدە ئېغىر ھالدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا."
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن، "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى: "نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كۆپىيىپ، خىتاي ۋەزىيىتى داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئەڭ ئېغىر ھالەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە خەلقئارا تېلېفون ئالاقىسىنىڭ تېخىچە ئېچىلمىغانلىقى، كوچىلاردا ئەسكەرلەرنىڭ چارلاپ يۈرگەنلىكى مانا بۇنىڭ ئىسپاتى. لى پېيلىن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى تىلغا ئالغىنىدا بىۋاسىتە ھالدا بۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ نامىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ ئۇ ئېنىق ھالدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى، نەتىجىدە بۇ جايلاردا خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر ۋەزىيەتنى كونترول قىلالماي قېلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى بۇ خىل خاتالىقىنى تەن ئالغۇسى كەلمەي خەلققە نىسبەتەن باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ."
خۇپىڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتى يەنە داۋاملىشىۋېرىدىغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىسە بۇ رايونلاردىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارغا ئارتىش ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئادالەتسىزلىكنى ئېتىراپ قىلماي داۋاملىق تۈردە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلەنگەن پارىخور ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلارنىڭ ھازىرغىچە بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەم " 3 - سېنتەبىر ۋەقەسى"نىڭ يۈز بېرىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبنى ئىزدىمەستىن ئىشىكنى ئېتىۋېلىپ سىرتقا قارىتا ئۇچۇرنى قامال قىلىش، ئىچكى جەھەتتە "100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى" دېگەندەك ناملار بىلەن تۇتقۇن قىلىش، قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشى قاتارلىقلار ئاخىرقى ھېسابتا خەلقنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ تېخىمۇ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كونترول قىلالمايلا قالماستىن ھەتتا ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش خەۋپىگە يۈزلىنىدۇ."
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى لى پېيلىن خىتايدىكى ئەرزدارلار مەسىلىسىنىڭ ھازىر بارغانچە ئېغىرلاۋاتقانلىقى بۇنىڭغا يەنىلا يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتتىكى سەۋەنلىكى سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئاساسى مەسئۇلىيەتنى يەرلىك ئەمەلدارلاردا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "خىتايدا 30 يىللىق ئىسلاھات ئېچىۋېتىش مانا ھازىر ئەڭ مۈشكۈل بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئۆتكەنكى 30 يىل جەريانىدا جۇغلىنىپ قالغان مەسىلىلەر بەكمۇ جىق. بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتىنىلا نەزەردە تۇتقىنى ئۈچۈن، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار بەرمەي، ئاۋام پۇقرانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى، شۇڭا ئاۋام پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ئومۇمىي خەلقنى گەۋدە قىلغان ئەرزدارلار قوشۇنى زورايماقتا."
يۆنىلىش ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى ئەرزدارلار مەسىلىسىگە قارىتا ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتايدىكى ئەرزدارلار مەسىلىسى ھازىر خىتايدىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەرزدارلارغا نىسبەتەنمۇ چەكلىمە قويۇش، ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋە چىرىك ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ كەلگەن پۇقرالارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئەرزلىرىنى قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز ئەرزلەر دەپ تۈرلەرگە ئايرىپ، ئەمەلىيەتتە پۇقرالارنىڭ ئەرز شىكايەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئەرز قىلغانلارنى جازالاپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يان تاياق بولۇپ، بۇ ئەرزدارلارنى يەرلىك ئورگانلارغا قايتۇرۇپ بېرىش، ياكى قارا تۈرمىلەرگە قاماش، يەرلىك ئەمەلدارلار سېتىۋالغان قارا جەمئىيەت كۈچلىرى ئارقىلىق تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ خەلقنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشىغىمۇ يول قويمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پۇقرالار قوش زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ."
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، خىتايدىكى ئەرزدارلار مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنمىسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئېغىر تەھدىتنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى: "ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە خىتايدا بۇندىن كېيىن ئەرزدارلارمۇ رادىكال ئۇسۇلنى قوللىنىپ ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خەلققە قوللانغان ئەينى ئۇسۇل بويىچە، زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى تاللىۋېلىپ پارىخور، چىرىك ئەمەلدارلاردىن ئۆچ ئېلىشى، مۇستەبىت ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا خىتاي ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىدە خەلققە دېموكراتىيە بېرىشى، ئۇلارغا ئۆز ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشقا پۇرسەت بېرىشى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك بېرىشى زۆرۈر. ئەگەر بۇنداق بولمايدىكەن ئۇ ھالدا خىتايدىكى ئەرزدارلارمۇ خىتايدا مىللىي مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئوخشاشلا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن."
7 - دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ خىتايدىكى ئەرزدارلار مەسىلىسى ھەققىدە "يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى" ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئەگەر خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمىسە، خىتاينىڭ ئەرزدارلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، خىتايدا ھەقىقىي ھالدىكى دېموكراتىك تۈزۈم يولغا قويۇلمىسا خىتايدىكى ئەرزدارلار مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
خىتاي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان " خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب" تا خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەقىقىي ھالدا ئىچىپ بېرىلمىگەن. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئاۋام خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ كۆپىيىپ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىدە كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن تېخى يىراق بولۇپ، ھازىر خەلقنىڭ نارازىلىقلىرىنىڭ سەۋەبىنى يەنىلا بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئارتىپ قويۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولىۋېتىپتۇ.