چەتئەللەردە قۇرۇلغان كوڭزى ئىنىستىتوتلىرى نېمە ئىش قىلىدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دۇنياغا كوڭزىچىلىقنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقاندا، ئامېرىكىدا دۆلەت كۈتۈپخانىسىنىڭ مەڭگۇلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭخۇا مىنگو تارىخچىسى دوكتور يۈ يىڭشى، چەتئەللەردە قۇرۇلغان كوڭزى ئىنىستىتوتلىرى نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەھلىل ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر دۇنياغا 'كوڭزىچىلىق'نى كۆتۈرۈپ چىقتى. خىتايدىكى زىيالىيلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر كوڭزىچىلىقنى كۆتۈرۈپ چىقىشىغا، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئىلمىي فانتازىيە فىلىمى 'ئاۋىتار' نىڭ دۇنيادا، شۇنداقلا خىتايدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى سەۋەبچى بولغان.

'ئاۋىتار' فىلىمىدە تەسۋىرلەنگەن ناھايىتى يېراق بىر پىلانىتتىكى يەرلىك خەلق، سرتتىن كېلىپ زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان يات مىللەتنى قوغلاپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھېكايىدىن مۇقىمسىز رايونلاردىكى خەلقتە ئەكس سادا پەيدا قىلىدۇ، دەپ گۇمانلانغان. ئەمما خىتايدا ئىشلەنگەن كوڭزى فىلىمى دۇنيادا قارشى ئېلىنمايۋاتىدۇ.

خىتاي ھازىر دۇنياغا كوڭزىچىلىقنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقاندا، ئامېرىكىدا 2006‏ - يىلى دۆلەت كۈتۈپخانىسىنىڭ مەڭگۇلۇق مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جوڭخۇا مىنگو تارىخچىسى دوكتور يۈ يىڭشى بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ:

خىتاي 87 دۆلەتتە كوڭزى ئىنىستوتىدىن 280 نى قۇرۇپ بوپتۇ

-- ئۆتكەندە، ئەگەر مارىلەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 'كوڭزى ئىنىستىتوتى' مىنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلمىغان بولسا، مەن تېخى چەتئەللەردە 'كوڭزى ئىنىستىتوتى' بارلىقىنى بىلمەيتتىم. -‏ ‏دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ دوكتور يۈ يىڭشى، ‏ - ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ كۆرسەم،‏ كوممۇنىست خىتاي 2009‏ - يىل 10 ‏ - ئايغا قەدەر، 87 دۆلەتتە كوڭزى ئىنىستىتوتىدىن 280 نى قۇرۇپ بوپتۇ. 19 دۆلەتكە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن 2500 نەپەر 'مۇتەخەسسىسس' ئەۋەتىپ بوپتۇ. خىتايدا خەلقنىڭ تېخى بۇنداق ئىنىستىتوتلاردىن خەۋىرى يوقكەن.

--كوممۇنىست خىتاي قۇرغان كوڭزى ئىنىستىتوتلىرى، ئەگەر كوڭزى توغرۇلۇقلا سۆزلىسە، ئۇنىڭ ھېچقىسى يوق. ئەمما مېنىڭ ئۇقۇشىمچە، بۇ ئىنىستىتوتلار، خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك، خىتايچە تىل ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان، شۇ قاتاردا جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان ئىنىستىتوت ئەمەسكەن.

-- بىلپ كۆرسەم، كوممۇنىست خىتاينىڭ كوڭزى ئىنىستىتوتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ناھايىتى ئوبدان ئورۇنلىشىۋاپتۇ. - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، - ئامېرىكىدا خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ كوڭزىچىلىقنى تەتقىق قىلىدىغان تارماقلىرى ئىنتايىن مۇكەممەل ھەم يۇقىرى سەۋىيىلىك بولغاچقا، كوممۇنىست خىتاينىڭ كوڭزى ئىنىستىتوتلىرى بۇنداق مەكتەپلەرگە كېرەلمەپتۇ. ئەمما شىتاتلار باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە، بولۇپمۇ چەت جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىۋاپتۇ. بۇ ئىنىستىتوتلار ئادەتتە 'خىتايچە ئۆگىتىش' دېگەن نام بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، شۇ باھانىدە ماركىسزم، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئالمىغان ھالدا، خىتاينىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچەۋېتىپتۇ.

كوممۇنىست خىتاي چەتئەللەردە قۇرۇۋالغان كوڭزى ئىنىستىتوتلىرى ھازىر بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى

-- مىنىڭ بىلىشىمچە، خىتايدا غەرب ئەللىرىدىكىدەك دىن يوق ئىدى، ئەمما ھازىر كوممۇنىست خىتاي كوڭزىنى 'ئىلاھ ' دەپ ئاتىۋاپتۇ. بەزى ياخشىراق باشقۇرۇلغان كوڭزى ئىنىستىتوتلىرى كوڭزىچىلىقنى 'خىتايچە ئىدىيە' دەپ چۈشەندۈرسە، بەزى كوڭزى ئىنىستىتوتلىرىدا پۈتۈنلەي سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئىزلەپ كۆرسەم، بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇنلا 'جەنۇبىي خىتاي گېزىتى' دە، كانادالىق بىر خىتايشۇناس مۇتەخەسسس ، كانادادا قۇرۇلغان كوڭزى ئىنىستىتوتلىرى ئۇ دۆلەتتە جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىكەن. مەن ھازىر ‏كوممۇنىست خىتاي چەتئەللەردە قۇرۇۋالغان كوڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ خاراكتېرى ئاددى ئەمەسلىكىنى چۈشۈنىۋاتىمەن. مېنىڭ قارىشىمچە، ھازىرقى ۋاقىتتا كوممۇنىست خىتاي چەتئەللەردە قۇرۇۋالغان كوڭزى ئىنىستىتوتلىرى بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى.

-- بىز بىلىمىز، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قىلغان ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ كەينىگە بىر يامان غەرەز يۇشۇرۇنغان. كوممۇنىست خىتاي نېمە قىلىدىغانلىقىنى ھەرگىز خەلققە دېمەيدۇ، بۇ ئۇنىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى'. ئەمما بىز ھازىر كوممۇنىست خىتاينىڭ پەقەت چەتئەللەرگە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى 'ياخشىكەن' دېگۇزۈپ، بۇ قانۇنسىز ھۆكۈمەتنىڭ 'قانۇنلۇق ئورنى'نى تىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقنى ئېنىق كۆرۈۋاتىمىز. ھازىر چەتئەللەردىمۇ، كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇنداق يۇمشاق ۋاستىسىنى چۈشەندۈرىدىغان 'يۇشۇرۇن ئىدىيە' دەيدىغان ئاتالغۇ پەيدا بولدى.

كوممۇنىست پارتىيە خىتايدا دۇنياغا كۆتۈرۈپ چىققۇدەك بىرەر مەنىۋىي مەدەنىيەت ياراتقىنى يوق

-- كوممۇنىست پارتىيە خىتايدا، دۇنياغا كۆتۈرۈپ چىققۇدەك بىرەر مەنىۋىي مەدەنىيەت ياراتقىنى يوق -- دەپ خىتاپ قىلىدۇ ئاپتور، - ئەمدى ئۇلارغا، تارىختىكى كۇڭزىنى 'جۇڭگوچە ئىدىيە' دەپ كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ - پەدەزلەپ، خىتايدىكى ھازىرقى كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مەنىۋىي كۈچى مۇشۇ مەدەنىيەتتىن كەلگەن دېيىشتىن ئۆزگە يول قالمىغان ئىدى.

-- كوممۇنىست خىتاي كوڭزىنى كۆتۈرۈپ چىققاندا بىر چوڭ زىددىيەتكە دۇچ كەلدى. خىتاي ھازىر ئۆزىنى سوتسىالىستىك دۆلەت دەپ ئاتايدۇ، ھازىرقى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلاھى ماركىسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كوڭزىنى 'ئىلاھ' دەپ باققان ئادەملەر ئەمەس، بەلكى كوڭزىچىلىقنى ئىزچىل تەنقىدلەپ ، سۆكۈپ، ۋەيران قىلىپ كېلىۋاتقان ئادەملەر. ئۇلارنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان سۆزلىرىدىمۇ كوڭزىچىلىققا ياتىدىغان بىرەر سۆز يوق. ئەمدى، باشقىنى قويۇپ تۇرايلى، مۇشۇ ئادەملەرنىڭ ئۆزى ھازىر ئىزا تارتماي كوڭزىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ نېمە ئىش قىلماقچى؟ مانا بۇ بىزنىڭ دېققىتىمزىنى قوزغاۋاتقان مەسىلە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.