خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى خوتەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، ھازىر خوتەندە ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولغانلىقىنى، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

2011‏-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خوتەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغاندىن كېيىن، خىتاي كونسۇلخانىسى خوتەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيىدە چىقىدىغان ۋەتەن گېزىتىنىڭ 22-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ باياناتىدا، 18-ئىيۇل بىر گۇرۇپپا ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن خوتەننىڭ ناۋاغ ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھۇجۇم قىلغان ساقچى پونكىتىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەنلىكىنى، بىر ئەسكەرنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى، يەنە بىر ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلاردىن بىر قانچە كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈگەنلىكىنى ۋە ئۇلاردىن بىر كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي كونسۇلخانىسى بۇ ۋەقەنى تېخىمۇ كىچىك كۆرسىتىپ، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار توغرىسىدا خىتايلار ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ بۇرمىلاپ، ۋەقەدە بىر ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بىر ئادەمنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ،ئەمما باياناتتا قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن.

باياناتتا يەنە تۈركىيىدە يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇم خاراكتېرلىك ۋەقەلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ئوخشاش تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك ۋەقەلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: پات -پات تۈركىيىمۇ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىماقتا. تۈركىيە تېررورلۇق ھۇجۇملارغا ئۇچرىغان ۋاقىتلاردا، خىتاي ھەر قېتىمدا تۈركىيىنىڭ ھېسسىياتىغا قايغۇ بىلەن ئورتاقلاشتى. ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك ۋەزىيەتلەرگە قارىتا تۈركىيە ۋە خىتاي ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە ئۆز-ئارا قايغۇ ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىشى كېرەك.

خوتەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى

خوتەندىن چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن خوتەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە توغرىسىدا دەپ بېرىشىچە 2011‏-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەن شەھىرىدە تېنىنى سېتىپ جان باقىدىغان 3 پاھىشە خىتاي ئايال نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ساقچىلار بۇ پاھىشە ئاياللارنى ئۆلتۈرگەن كىشىلەرنى ئىزدەپ تاپالمىغان، ئەمما ئۇ پاھىشە ئاياللارنىڭ يېنىغا يۈزىنى ئېتىۋالغان بىر روپاش ئايالنىڭ كەلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئالغان ۋە خوتەندە يۈزىنى ئېتىپ ماڭغان روپاش ئاياللاردىن 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ئايالنى تۇتۇپ چوقۇ بازاردىكى ساقچى ئىدارىسىگە سولاپ قويغان.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرى، ئوغۇللىرى ۋە ئاكا -ئىنىلىرى بولۇپ بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ، ئۇ ئاياللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ساقچىلار قويۇپ بەرمىگەندىن كېيىن، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ساقچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكەن ۋە كالتەك -تاياقلار بىلەن ئۇرۇپ بىر قانچە ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر قانچىسىنى يارىلاندۇرغان. كېيىن خىتاينىڭ قوراللىق ئەسكەرلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا بېسىپ كېلىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
بىز، خوتەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە توغرىسىدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بايانات توغرىسىدا تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇز ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.