خىتاي دائىرىلىرىنىڭ روبېرت گايىتس بىلەن سۆزلىشىشتىن قاچقانلىقىنىڭ ھەققى سەۋەبى نېمە؟

خىتاي تۈنۈگۈن 'بۇ بىر بىئەپ ۋاقىت ' دەپ باھانە كۆرسىتىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گايىتس بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمدى بۈگۈن 'روبېرت گايىتس بىلەن سۆزلىشىش ئىشى تېخى ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى' دەپ گېپىنى ئۆزگەرتىپ جاكارلىدى.

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گايتسنىڭ ئاسىيا -ياۋروپا سەپىرى باشلانغانلىقىنى، بۇ جەرياندا، ئۇ سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەنمۇ سۆزلىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ جەرياندا يەنە بېيجىڭدا توختاپ، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئامېرىكا -خىتاي ھەربىي مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىش ھەققىدە سۆزلىشىشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى 'بۇ بىئەپ ۋاقىت ' دەپ باھانە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

روبېرت گايىتس سىنگاپوردا خىتاينىڭ ھەربىي ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشمىگەن

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ سىنگاپوردىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گايىتس سىنگاپوردا ئېچىلغان ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئۆمەكلىرى بىلەن كۆرۈشكەن، ئەمما خىتاينىڭ بۇ يىغىنغا ئەۋەتىلگەن ھەربىي ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشمىگەن.

'خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيىسى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالىمايۋاتىدۇ'

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گايىتس سىنگاپوردا قىلغان سۆزىدە ئالدى بىلەن 'خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيىسى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالىمايۋاتىدۇ'، 'شىمالىي كورىيە توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى، ئەگەر ئۇلار بىز بىلەن سۆزلىشىشنى ياقتۇرمىسا، بىزمۇ ياقتۇرمايمىز' دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل 1‏ - ئايدا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە 6 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال سېتىش پىلانىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى، بۇ قېتىم روبېرت گايتنىڭ ئاسىيا -ياۋروپا سەپىرى باشلانغاندا ئىپادىلىگەن. ئەمەلىيەتتە روبېرت گايىتس بۇ قېتىم بېيجىڭدا توختاپ، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتنى چىڭىتىش ھەققىدە سۆزلىشىش ئارقىلىق كۆرۈلگۈسى خېيىم -خەتەرلەرنى ئازلىتىشنى ئويلىغان.

خىتاي شىمالىي كورىيىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي پاراخوت چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ۋەقە توغرىسىدا ب د ت غا بىرلىكتە سۇنغان پىكرىدە، بۇ ۋەقەنى 1950 ‏ - يىلىدىن 53‏ - يىلىغىچە داۋاملاشقان كورىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق ھەربىي توقۇنۇش دەپ كۆرسەتكەن. باشتىن ئاخىرى شىمالىي كورىيىنىڭ ئىتتىپاقدېشى بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي بۇ مەسىلىدە، گەرچە شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلەش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ ئوچۇق -ئاشكارا ھالدا شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.

'مەن خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ئورتاق كۆز قاراشلىرىنى چۈشەنمەيۋاتقانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندىم'

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، روبېرت گايىتس سىنگاپوردا قىلغان سۆزىدە يەنە 'خۇ جىنتاۋ بىلەن ئوباما ھازىر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەپكە يېتەكلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس. ئەگەر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا، ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەش ياكى ئۆز -ئارا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىشتىن خالى بولغىلى بولاتتى. مەن ھازىر خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەريانىدا دۇنيانىڭ ئورتاق كۆز قاراشلىرىنى چۈشەنمەيۋاتقانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندىم' دېگەن.

خۇ جىنتاۋ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ قەسەم، فورما، ئىش -ھەرىكىتى توغرىسىدىكى قائىدە -تۈزۈمىنى يېڭىلاش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى ئىمزالىغان

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن ئازادلىق ئارمىيىنىڭ قەسەم، فورما، ئىش -ھەرىكىتى توغرىسىدىكى قائىدە - تۈزۈمىنى يېڭىلاش ھەققىدە بۇيرۇق ئىمزالىغاندىن كېيىن، ھازىر ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ۋە مالىيە تۈزۈمى ياخشىلىنىشقا باشلىغان.

'روبېرت گايىتس بىلەن سۆزلىشىش ئىشى تېخى ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى'

خىتاينىڭ 'جېجاڭ خەۋەرلىرى' دە بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاڭ يۈ بۈگۈن 'روبېرت گايىتس بىلەن سۆزلىشىش ئىشى تېخى ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى' دەپ گېپىنى ئۆزگەرتىپ جاكارلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى روبېرت گايىتس بىلەن ھازىرقى ۋاقىتتا سۆزلىشىشتىن قاچقانلىقىنىڭ ھەققى سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتە بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر تۈنۈگۈن، خىتاي ھازىر 'تۆتىنچى ئىيۇن' ۋەقەسىنىڭ 21 يىللىقى يېتىپ كېلىۋاتقان بۇنداق ۋاقىتتا، روبېرت گايتنىڭ بېيجىڭغا كېلىشىنى خالىمىغان دەپ قارىغان ئىدى.

خىتاي، شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇرۇش پارتلىسا بۇنى خىتايدىن كۆرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۈرالمايدۇ

بۈگۈن خىتاينىڭ ھەربىي مۇلاھىزە تور بەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 'چونەن' بەلگىلىك پاراخوت ۋەقەسى تۈپەيلىدىن ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك پەيدا بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ھەدەپ بىرلىكتە ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن سۆزلەشسە، ئۇلار نېمە دېيىشكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپلا قالسا، خىتاي ئەڭ قەدىردان سەپدىشى شىمالىي كورىيىنىڭ بۇنى خىتايدىن كۆرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۈرالمايدۇلا ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا چوڭ 'بالايى ‏ - قازا ' يۈز بېرىدۇ.

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە كېلەر ھەپتىدە تېخىمۇ كۆپ ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ھازىر، سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش مەزمۇنىدىكى بىرلەشمە ھەربىي مەشىقلەرنى كېلەر ھەپتىدە تېخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا. بۇ ھەربىي مەشىققە ئامېرىكىنىڭ يادرو پاراخوتلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

'كورىيە يېرىم ئارىلىدا ھەر ۋاقىت ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالى بار'

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ ب د ت دە دائىم تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رىجاڭگون بۈگۈن جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان قورالسىزلاندۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنىدا 'كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيلىك يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە، ھەر ۋاقىت ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالى بار'، 'بۇ جىددىيلىكنى ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە كەلتۈرۈپ چىقاردى' دەپ جاكارلىغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.